ھەسرەت
بۈۋىھەجەر شىرىپ
باھارغا باھاردەك رەڭ بەرمەكچىدىم،
ئاچماقچى بولاتتىم ۋىلىقلاپ چىچەك.
بەرگىمگە قونۇپلا بەختىمدىكىلەر،
بولاتتى بېغىمدا غەمسىز كىپنەك.
سىغىپلا كىتەتتى باغرىمغا باھار،
مەن باھار باغرىغا سىغمىدىم تېخى.
ئېچىلاي دەپ ئەجەپ ئېچىلالمىدىم،
ھىدىمسىز چېچىلدى باھارنىڭ ھىدى.
بوغۇنغا ئايلىنىپ يىغلىدى قەلبىم،
مىھرىمنى پاناھداپ كەلمىدى قۇشلار.
ئەتە مەن ئېچىلاي دەيىتتىم ئىچىمدە،
ئويغانسام مىنىڭسىز ئۇزاپتۇ باھار.
2016-3-14
|