ئىككى شېئىر
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
ئىچىنى ئاچچىق قىلىۋېلىش
سوراپ يۈرۈپ يا تىلەپ يۈرۈپ،
كىم ئۇ ئاچچىق قىلغان ئىچىنى؟
ئاشىق بولۇپ بىرىنى كۈتۈپ،
كىم ئۇ بېقىپ ياتقان كوچىنى؟
چىقىپ كېلەر ئۇدۇل كوچىدىن
مەشۇقىنى قولتۇقلاپ بىراۋ.
بەلكىم ئاشىق كېتەر ھوشىدىن،
ۋەتىنىنى بېسىۋالسا ياۋ…
يوچۇن باغدا يۈرسە گۈل بولۇپ،
كىمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولمىغاي؟
ئۇۋالىغا قالمامدۇ توزۇپ؟
ئاشىقلىقتا قىسمەتلەر تالاي…
2016-يىل 5-مارت، ئۈرۈمچى
ئەبلەخ
ئېھتىمال ئەبلەخمەن، دېسەم دېمىسەم
ئاقماس بىر ئىشلارغا يۈرەك ئۇپراتقان.
پەلەكنىڭ چاقىنى چۆرگىلەتمىسەم،
ۋىسالنىڭ سەھىرى قاچان يۈز ئاچقان؟
كۆڭۈلنى ھەر قېتىم ئالدىدىم بەزلەپ،
نە ئامال؟ ئۇ شۇنداق سەبىي يىغلاڭغۇ.
ئۆلسەممۇ قويمايدۇ ھېچ كىشى ئەسلەپ،
ئېھتىمال تۇپرىقىم بېشى قاراڭغۇ…
كۆڭلۈمگە نە ھاجەت بۇ قەدەر رەنجىش؟
بەرىبىر ھەممىسى بولىدۇ بەرباد.
كۆڭلۈڭگە نە ھاجەت بۇ قەدەر داجىش؟
كەل دوستلار، مەڭگۈلۈك ئەمەسقۇ ھايات؟
2016-يىل 8-مارت ئۈرۈمچى