جەنۇپتىكى باھار
ئەنۋەرجان ساۋۇت
ئىللىق تۇيغۇلار زىمىننىڭ باغرىغا تاراپ
قىش تىرە جۇۋىسىنى تاشلىغاندا،
جەنۇپ جەنۇپلىقىغا قايتار.
پەسىل يالىڭاچلىغان ئۇياتچان دەرەخلەر
تاتلىققىنا بېخ سۈرۈپ
كۈندە يېشىل چۈش كۆرۈپ
ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنغاندا،
باھار كەلدى دەپ
كۆرپە تۇماقلىرىنى ئېتىشقاندا،
جەنۇپنىڭ ئاسمىنى
ئۈستى بېشىنى قېقىشقا باشلار.
بۇ يەردىكى قىش
رۇجەكلەرگە سىزالماي نەقىش
ئېغىر سۈكۈتتە كەتكىنى بىلەن،
باش باھارنىڭ قاپىقى يامان.
بىرەر ئايغىچە ئېچىلماس شۇنداق
جەنۇپ ئاسمىنىنىڭ تۈرۈلسە تەرى،
ساددا سەھرالاردىمۇ
قېنىق گىرىم ئاستىدىكى شەھەرلەردىمۇ
دەمدەك ئوسما قويغان پەرىلەردىمۇ
ئوخشاشلا بىر ھال،
توپا ئاستىدا ئانچە چېلىقماس
گۈل مەڭزىدە چېچەك ئاچقان خال.
بۇ يەردە
قىش ئۆز ئەركىنى تاپالمىغاندەك
نازلىق ئۇيقۇدىكى زېمىنغا
بىرەر قىتىم پۇخادىن چىقىپ
مامۇق يوتقىنىنى ياپالمىغاندەك،
ياغالمايدۇ باھار يامغۇرى.
بۇ يەردىكى باش باھار
نەم تۇيغۇلارغا سىزىك بولغان،
توپا رەڭگە چىلانغان پەسىل.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، يەكشەنبە، سەھەر.
|