ياشاۋاتىمىز
شاھزادەم ئابدۇللا (ئارف)
تەنقىد ئاڭلاپ ئەخلاقىڭىز تۈزەلسۇن،
تۈزەلمىسە سىزدىن ئارقان ئۈزۈلسۇن.
ئۆزگەرسۇن نۇقسان ئەيىب،كىبىرلەرمۇ ،
شادلانسۇن تەنقىدتىن كۆڭۈللەرمۇ.
تۇتۇۋالسۇن خۇشاللىقى ئىزدىگەنلەر،
بولسۇن يۈرەكتىن ئوتلۇق سالاملار،.
دىللارمۇ شادلىنار نۇقسان تۈگىسە ،
چىرايىغا يۈگۈرەر خۇشال كۈلكىلەر.
ياشىغان شۇنداق كۈلكىگە جور بولۇپ،
بىز شۇنداق ياشايلى كۈلكىدىن يورۇپ.
ياشاۋاتىمىز بىز كۈلۈپ يالغاندىن ،
ئۆچۈپلا كېتىدۇ بۈگۈن ۋاراقتىن.
قىلمايلى ئەتىگە خىيانەت ئەبەد ،
ئۆتەيلى قەدىرلەپ بۈگۈننى پەقەت.
2016-يىل 3-ئاينىڭ12-كۈنى