كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 4

ق: ئوسمان غازى:خەيزىنىڭ بىر شېئىرىغا تەھلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەيزىنىڭ شېئىرىغا تەھلىل

قاسىمجان ئوسمان

ئەزرائىل ئۇ چىرايلىق قىزچاق،
مېنى مەھكەم باغاشلار ئەتكەن.
شۇ قۇچاقلاش بىلەنلا بىراق،
مەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن.

ـــــ خەيزى

ئابدۇۋەلى ئەيسا تەرجىمىسى.


  مەزكۇر شېئىر مەشھۇر سىمۋۇلىزمچى شائىر چاخەيشىڭ(خەيزى)نىڭ ئەڭ قىسقا شېئىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەن مۇنداق ئوقۇدۇم:
بىرىنچى: شېئىردا ئەزرائىل، قىز، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكۈچى بىزنىڭ دىققەت مەركىزىمىزگە چۈشىدۇ، ئەزرائىل قىزغا ئوخشالغۇچى بولسا، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكۈچى ئۆلگۈچىگە يەنى ئۆلۈمنىڭ ئېگىسىگە ئوخشىتىلىدۇ، قىسقىسى، بۇ يەردىكى سېلىشتۇرما جىمجىت تۇرامدۇ؟   دېمەك، جىمجىتلىق دەسلەپكى شېئىرىي ئويلىنىشنىڭ مەنبەسى.
ئىككىنچى، چىرايلىق قىز (ئەزرائىل)بىلەن ھاياتنىڭ ئىگىسى بولغان "مەن"نىڭ مۇناسىۋىتىدە قۇچاغلاشتىن ئىبارەت تۇيغۇ ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ.دېمەك، ئەزرائىل بىلەن ھايات دائىم بىر بىرىگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئاشىق مەشۇقلاردۇر. ئۇلارنىڭ ۋىسالگاھى پەقەت ئۆلۈمزارلىقتۇر.
دېمەك، ئەبەدىيلىك ئىستەكنى خاتىرلەش شېئىرنىڭ مەڭگۈلۈك ھازىرنى خاتىرلەيدىغانلىقىدۇر.

ئۈچىنچى، ئۆلۈمنىڭ ئىجراچىسى بولمىش قىز قوينىدا، ياشاشنىڭ ئىجراچىسى بولغان (مەن)باغاشلاش ۋە قۇچاقلىشىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ (ۋىسال)غا يېتىدىغانلىقىنى تۇيىيدۇ.
دېمەك، تۇيۇشنى خاتىرلەش شېئىرنىڭ ئاداققى نىشانى.

خۇلاسە:
  شېئىرنىڭ مەڭگۈ يېزىلىدىغان باش تېمىسى بولغان ئۆلۈمنى سۆيۈش ۋە ئەزرائىلنى (چىرايلىق قىز دەپ) قوبۇل قىلغۇچە بولغان ئارلىقتىكى جەريان دەل ياشىغۇچىنىڭ ھاياتقا ئۆزىنى بېغىشلىشىدىن ئىبارەت ئازابىنى كۈيلەيدۇ.
قىسقى، مەزكۇر شېئىر ئۆلۈمنى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا يوشورۇن سىمۋۇل قىلغانلىقى بىلەن كىشلەر قەلبىنى ئەبەدىي لەرزىگە سالىدۇ.







ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 18:15:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبەدىيلىك ئىستەكنى خاتىرلەش شېئىرنىڭ مەڭگۈلۈك ھازىرنى خاتىرلەيدىغانلىقىدۇر.
تەھلىل ناھايتى ئورۇنلۇق جايىدا بوپتۇ.
مەن دەسلەپتە خەيزىنڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمدا ماڭا ئەسەرلرى ناھايتى چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى ،قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن ...
ئۇزاق ياشىمىغان بولسىمۇ ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخسكە ئايلانغان ،
ئۆلمەس ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىگەن ئىدى .
ھاياتقا  ،ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىشىدىن ئىبارەت بۇ روھىنى ئۆگنىشىمىزگەئەرزىيدۇ.
چۈنكى .ئۇنى ھەقىقى بىر خەيزى قىلالىغان نەرسە دەل ئازاپ — ئوقۇبەت .
ھەر جايدا يالغۇز بولغانلىقى
شۇ غېرىب دەقىقىلەردە  شائىر ئ‍ۆزىنى ياراتقۇچى ۋە كائىناتنى
يورۇتقۇچىنى كۆرەلىگەن بۇنى پەقەت شائىر ئۆزى بىلىدۇ.
شائىرنى ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن قەلبىمىزدە ياد ئېتىمىز.

ۋاقتى: 2016-3-13 22:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ساھىبىغا تەشەككۇر!   مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ئوقۇغۇنۇمدىن بەختلىكمەن.تەھلىل ئىخچام، جانلىق چىقىپتۇ.
مەن خەيزى شېئىرلىرىنىڭ   ئەسەببىي مەپتۇنكارى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا  ھېسىيات، تۇيغۇ پەرۋازى  سىمۋۇللۇق ئىماگلاردا يۈكسەكلەيدۇ.  مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىمۇ  شەرقلىق ئەرلەرنىڭ  كۈچلۈك  غۇرۇرى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ.مېنىڭچە خەيزى شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، مەخسۇس توپلام قىلىش ،مۇھاكىمە -ئوبزورلارنى رەتلەش-يېزىش،تەشۋىق قىلىش  شېئىرىتىمىزدىكى "  قان ئازلىق " نى تۈگىتىشىمىزگە پايدىسى كۆپ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 14:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2016-3-13 10:10 PM
قەلەم ساھىبىغا تەشەككۇر!   مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ئوقۇغۇ ...

سالام ئېلىجان،
خەيزى شېئىرلىرىدن تاللانما دېگەن بىر توپلامنى 2014-يىلى بىر قۇر ئوقۇغاچ، قىسمەن تەرجىمە قىلغان ئېدىم. كېيىن باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۇ تەرجىمىلىرىم بىلەن قوشۇپ كىتابنى بىرەيلەنگە تەرجىمە قىلىشقا بەرسەم بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا پۈتكۈزۈپتۇ.
  نەشىرگە سۇندى، بەلكىم سىز دېگەن ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار.

باھا سۆز

Ali
نەشىر قىلىنىشىغا تەقازامىز، سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي،ئاداش!  ۋاقتى: 2016-3-18 03:51 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش