كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 3

ئابدۇمىجىت (ت): يۈسۈف ئەمىرىدىن بىر مۇخەممەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈسۈف ئەمىرىدىن بىر مۇخەممەس



(14-ئەسىرنىڭ ئاخرى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھىراتتا ياشىغان)




ھەزەج: مەفائىلۇن، مەفائىلۇن، مەفائىلۇن، مەفائىلۇن


غەمىڭدىن ئەي پەرى رۇخسار جانى ناتۇۋانىم بار،

قىلۇرغە رەڭگى ھىجرانىڭ قىلىچىڭ قەترە قانىم بار.

فىراقىڭ باغىدا بۇلبۇل كەبى مىڭ داسىتانىم بار،

يۈزۈڭنى كۆرمەگەچ ئەي گۈلىزارىم يۈز فىغانىم بار.

جىھان باغىدا ئېستەرمەن سېنى تا تەندە جانىم بار.


تۇتاشتى ئىشق ئوتى كۆڭلۈم ئارا تەدبىر ئىتەلمەيمەن،

گۈلى رۇخسارى سىر-ئابىڭ ئاڭا تەسۋىر ئىتەلمەيمەن.

مۇھەببەت شەرھىنى جان ئۆرتەنۇر تەھرىر ئىتەلمەيمەن،

جۇنۇن مەكتۇبىنىڭ مەزمۇنىنى تەقرىر ئىتەلمەيمەن.

ئىشىتكەن خەلق يىغلار شۇئلەئى تېغى زەبانىم بار.


قەدەم ئۇرغىن مۇھەببەت كۈيىغە ئەفسانە بولماسمۇ؟

پەرىلەر بىرلە سۆھبەت ئەيلەگەن دىۋانە بولماسمۇ؟

غەمى يار ئىستەگەن ئەغياردىن بىگانە بولماسمۇ؟

جۇنۇن شەھرى سەراسەر ئاقىبەت ۋەيرانە بولماسمۇ؟

كۆزۈم ياشى چۇ دەريا ھەر تەرەف ئابى راۋانىم بار.


پەرى روھلار يۈزىنى ماھى دۇرمەن ئەيب قىلماڭلار،

سەھى قەدلەر غەمىدىن ئاھ دەرمەن ئەيب قىلماڭلار.

ھەرىمى دىلنىڭ بەيتۇللا دۇرمەن ئەيب قىلماڭلار،

كۆڭۈلنىڭ پايىتەختى شاھ دۇرمەن ئەيب قىلماڭلار.

ۋۇجۇدۇم شەھرىدە لەشكەر-كەشى ساھىب قىرانىم بار.


ئەمىرا ماڭا ئوخشاپ غەمدە مۇھتاج ئولماغىل ھەرگىز،

ئەسىرى جىلۋەئى ئول سەرۋى ئازاد ئولماغىل ھەرگىز.

مېنى مەھزۇن تاپىپ ئەي ئشق جەللاد ئولماغىل ھەرگىز،

يىقىلدى دەپ زەلىلى بىئادەت شاد ئولماغىل ھەرگىز.

مەدەتكارىم مەنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخانىم بار.


چاغاتايچە مەتىن ۋە كەمال ئارسلاننىڭ "چاغاتاي شېئىرى" ئاتلىق ئەسىرىدىكى تۈركچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلىدى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 17:48:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭزگە تەشەككۈر

ۋاقتى: 2016-3-14 10:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئامەت يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-4-7 18:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئامەت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش