كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 9

نەۋايى غەزەللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەۋايى غەزەللىرى






نەۋايى غەزىلى
*
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرغە تاماشايى چەمەن ھاجەت،
چۇنانچە بولماغاي ئەھلى فەناغا ئەنجۈمەن ھاجەت.
گىرىفتارى قەددى رەئنايى گۈلگۈنپۇش مەن، ۋاھ ۋاھ،
كۆڭۈلدە قالمادى بەرگى گۈلى سەرۋى سۈمەن ھاجەت.
بەلا دەشتىندەكى ئاۋارەلەرنىڭ ھالىنى سورماڭ،
كى ئاندا نە گۈلۈ نە بۇلبۇلۇ نە كۆھكەن ھاجەت.
سەھەر ۋاقتى سەبا يەتكۈزدى زۇلفۇڭ تارىدىن بۇيى،
مۇئەتتەر ئولدى ئالەم، بولمادى مۈشكى خوتەن ھاجەت.
سوئال ئەيلەبدۇركى يىغلاماقدىن نە غەرەز ئاخىر،
دەدىلەر مۇستەفا، دوستۇم، ماڭا ۋەيسى قىرەن جاھەت.
زىلەيخا گۈلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئىشق خاكىستەر،
دەمەكىم ئول يۈسۈفى گۈل پىرەھەن ھاجەت.
جۇنۇن بازارىدا رەسۋالىغىمنىڭ بائىسى ئولدۇر،
باھاغا ئالمادىلار، يوق ئىكەندۈك «ماۋۇ مەن» ھاجەت.
بۇ مۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلار،
شەھىدى ئىشقغا تابۇت، نە گۆرۇ، نە كەفەن ھاجەت.
رەفىقا، بىسەرۇپالارنى سەن ئاغرىتماغىل زىنھار،
ھەبىب ئىشىكىگە بارغاندا، نە سەن ھاجەت، نە مەن ھاجەت .
نەۋايى، يارنىڭ ئاستانەسىنىڭ تۇفراغى بولدۇڭ،
ساڭا ئەندى نە سەھۋايۇ نە شەھرۇ نە ۋەتەن ھاجەت.
*
چىن ئاشىقلار ئۈچۈن چىمەن تاماشاسى بىھاجەتتۇر، خۇددى فەنا ئەھلى ئۆزلۈكتىن ھالقىغاندا سورۇنغا ھاجەت بولمىغاندەك ئاشىقلار مەھبۇبىنىڭ ئىشقىدا مەستى-مۇستەغرەق بولغاندۇر.
ئۇ مىسلى گۈل قامەتلىك رەنانىڭ ئىشقىغا گىرىپتار بولغاندىن بىرى نە يەسمەن، نە سەرۋىلەرنىڭ بەرگىگە كۆڭۈل بەرگەيمەن. بېشى ئىشق بەلاسى دەشتىدە قالغانلارنىڭ ھالىنى سورىماڭكى، ئۇ يەردە نە گۈل، نە بۇلبۇل ۋە نە پەرھاد قالدى.
سەھەردە تاردەك چاچلىرىڭنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى شامال يەتكۈزگەن ئىدى، پۈتۈن ئالەم ئەتىرنىڭ ھىدىگە پۈركەندى،  خوتەن ئىپارلىرىغا ھەم ھاجىتىم قالمىدى. ئاھۇ زارىمنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى، ماڭا پەقەت يارنىڭ ۋىسالى كىرەك دەپ جاۋاب بەردىم.
زۇلەيخانىڭ گۈلشىنى شېۋىرغانغا ئۇچراپ قۇم تۇپراق ئاستىدا قالدى دېمە، بۇ ئۇنىڭ قانلىق كۆينەك كەيگەن يۈسۈپكە ھاجەت بولغىنىدىندۇر.
ئىشق يەنى جۇنۇنلۇق بازىرىدا رەسۋا بولغىنىمنىڭ سەۋەبى شۇلدۇركى «ماۋۇ مەن» دېگەنگە ئىھتىياج يوقكەن، خېرىدارسىز قالدىم. بۇ مۇشتەك قالغان ئۇستىخىنىمنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاڭلاركى ئىشق يولىدا ئۆلگەنلەرگە نە تاۋۇت، نە گۆر، نە كېپەن ھاجەتتۇر.
يوقسۇللارنىڭ كۆڭلىنى زىنھار ئاغرىتمىغىنكى، ئىگەمنىڭ ئالدىدا سەن، مەن ئوخشاشتۇر.
ئەي نەۋايى ئىشقدىن يارنىڭ بوسۇغىسىدا تۇپراق كەبى بولدۇڭكى ئەمدى ساڭا سەھرامۇ، شەھەرمۇ ھەتتا ۋەتەنمۇ كېرەك ئەمەس ......
*



نەۋايى غەزىلى
*
قارا كۆزۈم، كېلۇ مەردۇملۇغ ئەمدى فەن قىلغىل،
كۆزۈم قاراسىدا مەردۇم كەبى ۋەتەن قىلغىل.

يۈزۈڭ گۈلىغە كۆڭۈل رەۋزەسىن ياسا گۈلشەن،
قەدىڭ نىھالىغا جان گۈلشەنىن چەمەن قىلغىل.

تەكاۋۋرەرىڭغە باغىر قانىدىن خىنا باغلە،
ئېتىڭغە  غەمزەدە جان رىشتەسىن رەسەن قىلغىل.

فىراق تاغىدا تاپىلسا تۇفراغىم، ئەي چەرخ،
خەمىر ئىتىپ يەنە ئول تاغدا كۆھكەن قىلغىل.

يۈزۈڭ ۋىسالىغا يۋتسۇن دېسەڭ كۆڭۈللەرنى،
ساچىڭنى باشتىن ئاياغ چىن ئىلە شىكەن قىلغىل.

خەزان سىپاھىغە ئىي باغبان، ئەمەس مانىئ،
بۇ باغ تامىدا گەر ئىگنەدىن تىكەن قىلغىل.

يۈزىدە تەرنى كۆرۈپ ئۆلسەم، ئەي رەفىق، مېنى،
گۇلاب ئىلە يۇي گۈل بەرگىدىن كەفەن قىلغىل.

نەۋايى،ئەنجۈمەنى شەۋق جان ئارا تۈزسەڭ،
ئانىڭ باشاغلىق ئوقىن شەمئى ئەنجۈمەن قىلغىل.

*
مەردۇم-مەردانە، مەرد
فەن-ھىيلە-مىكىر،سىھىرلىمەك
رەۋزە-باغچا
نىھان-يوشۇرۇن
تەكاۋۋەر-ئۇچقۇر ئات
غەمزە-ئىشارەت
رەسەن -قامچا
شىكەن -پۈكۈلمەك، سۇنماق
گۇلاب-گۈل سۈيى
كەفەن-كىپەن



ئەي قارا كۆزلۈكۈم، كەل! ئەمدى ھىممەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ .
كۆزۈمنىڭ قارىسىنى قارچۇق كەبى ۋەتەن تۇتقىن.
گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆڭۈل گۈلشىنىدە بىزەپ،
سەرۋى بويلۇق قامىتىڭنى جان گۈلشىنىدە چىمەنزارغا ئايلاندۇر...
ئىشق تۇلپارىڭغا باغرىڭ قېنىدىن خىنە قويۇپ ئېتىڭنى ناز-كەرەشمىلىرىڭ بىلەن
مىنىپ كەلگىندە جانىمنىڭ رىشتىسىگە قامچاڭنى ئۇرغىن.
ئەي پەلەك،ئەگەركى جۇدالىقنىڭ تاغلىرىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن جەسىدىمنى ئۇچراتساڭ
ئۇنىڭدىن لاي ياساپ پەرھادىڭنى تىرىلدۈر..
سەن كى بۇ غېرىب كۆڭلۈمنى يۈزۈڭنىڭ ۋىسالىغا قانسۇن دېسەڭ
چاچلىرىڭنى جىڭگىلەكلىرى بىلەن قوشۇپ باشتىن ئاياغ ئوراپ ئالغىن.
ئەي گۈزەللىك باغۋەنى،بۇ باغلارنىڭ تاملىرىنى يىڭنە بىلەن توسۇق
بېكىتكەن تەقدىردىمۇ ئاشىقلىقىمنى ھېچ توسۇۋالالمايدۇ.
ئەي مەھبۇب، ئاي يۈزلىرىڭدە مىنىڭ خەستە ھالىمنى كۆرۈپ تەسىرلەنگىنىڭدىن
تەرلىگەن يۈزۈڭنى كۆرۈپ جان بەرسەم مېنى گۇلاب سۈيى بىلەن يۇيۇپ
گۈل بەرگىدىن تەييارلانغان كىپەنلىككە ئورىغىن .
نەۋايى، ئەگەركى جان ئارا ئىشق سورۇنىنى تۈزمەك بولساڭ
ئۇ جاناننىڭ باشاقلىق ئوقىنىڭ ئۇچىنى سورۇننىڭ چىرىغى قىلغىن.......





نەۋايى غەزىلى

بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ھەر زامان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.

تۈنۈم دەيجۇر، ئۆزۈم رەنجۈر، ئىچىم غەمناكۇ باغرىم قان،
تىلىم لالۇ، تېنىم بىھال، ئىشىم ئەفغان، سىركىشىم قان.

زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەھىفۇ مېھنەت ئەندىشە
زەلىلۇ بىسەرۇ سەمان، قەتىلى خەنجەرى ھىجران.

فىفانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىركىشىمدىن جەھان رەڭگىن
نى دەردىم ئوتىغە تەسكىن، نى ھىجىرىم دەردىگە دەرمان.

،كۆزۈم نەملىك، بويۇم خەملىك، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىك
نې ھەمدەملىك، نې مەھرەملىك، تاپىب بۇ مېھنەتنى پىنھان.

فەلەك رەھزەن، زەمان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن، ئۆزە رەۋزەن،
قالىب جان ھەسرەتىدىن چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان.

نەۋايى بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كور جامى ئىشرەت كۆپ،
نىېچە بولسا سەئۇبەت كۆپ قىلۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان

دەيجۇر - قاپقاراڭغۇ تۈن
بىھال- ھالسىز، مادارسىز
پىشە- ئادەت ،يوسۇن
زەلىىلۇ بىسەرۇ سەمان - خار ھېچنىمىسى يوق
ساماندەك بىئەتىۋا
سىركىش- قان يىغلىماق
خەم- ئىگىلمەك ،پۈكۈلمەك
ئەندۇھ - غەم ئەندىشە
رەھزەن- قاراقچى، بۇلاڭچى
رەۋزەن -تۆشۈك، تۈڭلۈك ،دېرىزە
تەن كىشۋەرى -تەن مەملكىتى،تەن



نەۋايى غەزىلى
*
ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىلكەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەب، جامدىن چىقتى سەدا.

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم،
يوقدۇر ئەي ساقى، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.

ئەي، خۇش ئول مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سەفال،
،جام ئولۇر گېيتىنەما، جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا.

جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر،
يۈز جەھان ھەردەم نىسار، ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان پىدا.

دەير ئارا ھوش ئەھلى رەسۋا بولغانى، ئەي مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مېنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.

ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرە، كىم،
جامۇ مەي لەفزىن دىگەن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.

تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدە بولغاچ جىلۋەگەر،
چېھرەئى مەقسۇد، مەھۋ ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا.

سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئېرۇر،
بىلمەيىن نەفئ ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن زاھىدا.

تەشنەلەب ئولمە نەۋائىي، چۈن ئەزەل ساقىسىدىن،
«ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان» كېلۇر ھەردەم نىدا.
*



نەۋايى غەزىلى
*
ھالىنى ھەر نېچەكىم ئەلدىن نىھان ئەيلەر كۆڭۈل،
سىزنى ساغىنغان سارى بىخۇد فىغان ئەيلەر كۆڭۈل.

ھەرنېچەكىم ياشۇرۇرمەن زار ئىشقىڭ خەلق ئارا،
بىر مەھەلسىز ئاھ ئىلە بارىن ئايان ئەيلەر كۆڭۈل.

مەي تەرەششۇھ ئەيلەگەندەك چاك بولغان سىنەدىن،
زەخمىدىن خۇنا بەسىن ھەردەم رەۋان ئەيلەر كۆڭۈل.

قەسد ئېتەر كۆڭلۈم، ئالغاي لەبلىرىڭدىن كامى دىل،
ئەمدى تەھقىق ئەيلەدىمكىم قەسدى جان ئەيلەر كۆڭۈل.

كۆز كۆرەر يۈزىڭنىيۇ كۆڭلۈم مېنى رەسۋا قىلۇر،
زار ئېتەر كۆڭلۈمنى كۆز، باغرىمنى قان ئەيلەر كۆڭۈل.

شوئلەئى گۇگىرد كۆرگۈزدى قەزا كۆيدۈرگەلى،
دەردى ئىشق ئەھلىن بۇ كىم گەردۇن گۇمان ئەيلەر كۆڭۈل.

ئېي نەۋايى، ئەۋۋەلى ئول نا مېھرىبانىمغە ئۇچراتۇر،
كىمنىكىم مەن بىنەۋادەك نا تەۋان ئەيلەر كۆڭۈل.
*
مەي تەرەششۇھ - ساقىغان مەي
چاك سىينە - دەز كەتكەن يۈرەك
گۇگىرد - گۇڭگۇرت

نەۋايى غەزىلى


جۇنۇن ۋادىسىغا مايىل كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزگارىمنى.

فەلەك بىدادىدىن گەرچە مەن خاكى غۇبار ئولدۇم،
تىلەرمەن تاپماغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.

شەك ئەرمەس پەرتەۋى تۈشكەچ، ئۆيى ھەم رەختى ھەم كۆيمەك،
چۇ گۆرىستان گەدايى سەزمەگەچ شەمئى مازارىمنى.

دەمەڭ قاي سارى ئەزم ئەتكۈڭ، ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى.

تۈگەندى ئەشكى گۈلگۈن، ئەمدى قالمىش زەئفەرانىي يۈز،
فەلەك زۇلمى بەدەل قىلدى خەزان بىرلە بەھارىمنى.

دىيارىم ئەھلى بىرلە ياردىن باشىمغە يۈز مىھنەت، نە تاڭ،
باشىم ئالىپ كەتسەم، قويۇپ يارۇ دىيارىمنى.

ھەياتىم بادەسىدىن سەرگەرانمەن ئەسرۇ،  ئەي ساقىي،
قەدەھقە زەھرى قاتىل قۇي، داغى دەفئـ ئەت خۇمارىمنى.

يامان ھالىمغە باغرى ئاغرىغاي، ھەر كىشىكى كۆرگەچ،
باغر پەگالەسىدىن قانغا بۇلغانغان ئۇزارىمنى.

جەھان تەركىنى قىلماي چۈنكى تىنماق مۇمكىن ئەرمەستۇر،
نەۋايى قىل مەنى ئۆرتەب ئازاد يوقۇ-بارىمنى.
*
فەلەك بىدادى-پەلەكنىڭ زۇلۇمى
خاكى غۇبار-توپا توزان
پەرتەۋى-نۇرى، يورۇقى
چۇ-شۇ چاغ، دەرھال
قەزا-تەقدىر
ئىنان -ئىشەنمەك، ئىشەنچىنى بەرمەك
ئەشك-ياش
بادە-شاراب
دەفئـ -دەپئى قىلماق
پەرگالە-تىتىلماق، زىدە بولماق
*

ئىزاھات:


مەن بۇ غەزەللەرنى   مۇنبەرداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بەھىرلىنىش مەقسىتىدە  يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە يوللاپ قويدۇم.

تەييارلىغۇچى : مۇھەممەد بابۇر









باھا سۆز

ناۋائىي  ۋاقتى: 2016-3-13 04:22 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 17:40:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ېسىل ئ‍اداش !!

ۋاقتى: 2016-3-12 18:39:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا مۇشۇ غەزەللەر ئادەمنىڭ چاڭقىغان يېرىگە بارىدۇ. ناۋائىدەك بىر كاتتا زات ئەمدى بىزگە مەڭگۈ نىسىپ بولماسلىقى مۈمكىن.

ۋاقتى: 2016-3-12 18:39:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا مۇشۇ غەزەللەر ئادەمنىڭ چاڭقىغان يېرىگە بارىدۇ. ناۋائىدەك بىر كاتتا زات ئەمدى بىزگە مەڭگۈ نىسىپ بولماسلىقى مۈمكىن.

باھا سۆز

توغرا دەيسىز، ئادەمنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ يالقۇنلۇق ھارارىتى...  ۋاقتى: 2016-3-13 09:20 AM
ۋاقتى: 2016-3-13 01:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بېيىتلار ھەقىقەتەن غەزەلنىڭ جىلۋىسى بىلەن ئىستېتىك زوقىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن:
« ھەياتىم بادەسىدىن سەرگەرانمەن ئەسرۇ،  ئەي ساقىي،
قەدەھقە زەھرى قاتىل قۇي، داغى دەفئـ ئەت خۇمارىمنى.

يامان ھالىمغە باغرى ئاغرىغاي، ھەر كىشىكى كۆرگەچ،
باغر پەگالەسىدىن قانغا بۇلغانغان ئۇزارىمنى.»
مۇشۇ غەزەللەرنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان بابۇر ئەپەندىگە تەشەككۈرلەر يەتسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-13 04:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋائىي

باھا سۆز

توغرىسى « نەۋايى» دۇر.  ۋاقتى: 2016-3-13 05:25 PM
ۋاقتى: 2016-3-14 13:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم نەۋايىنىڭ مۇبارەك نامىنى تىلىمغا ئالغىنىمدا ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازىم ئەسقەر ھۈسەيىن كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش