ياتاي ئاڭلاپ
كۆچتۇم قاراقىڭغا
ياناي دەپ تۈنلىرىمدە .
مۆكتۇم كىرپىكىڭگە
ئاتاي دەپ ،
بىر ئاھۇنى ‹‹ پاڭڭىدە ›› ...
گەر بويالسا قانغا ئۇ
بىلگىن ،
شەپەقكە پۈركەنگىنى شۇ .
بۇ قىلمىشىم تۈپەيلى
مەن ئايلانسام قاتىلغا ،
ئېتىپ كىرپىكىڭدە
قويغىن مېنى
سۆيگۈ ناملىق قەۋرەڭگە .
ياتاي ئاڭلاپ ،
ھەم چۆمۇلۇپ
يۈرەك – كۈيلىرىڭگە ...
2016 – يىلى 9 – مارت
تاش ئېتىش
مەندىن بۇرۇن ، مەندەك بىرسى
كەزگەن كوچا بۇ ،
ناخشىسىدا ياماپ دەردىنى ...
كۆرسىتىپ قويغان ئىدى
گاھىلارغا ئۆزىنى .
كوچا – ئازاب بىلەن شادلىق قوشۇلغان
ئۇزۇن بىر سەپەر ،
ئايىقى چىقماس .
مېڭىۋاتىمىز تېخىچە
مېڭىۋاتىمىز ھازىرغىچە
سۆزلىگەندە ئۆپكەڭنى بىردەم باس .
دېيىشىپ نۇرغۇن سۆزلەرنى ،
مەنا ئىزدەپ ھاياتتىن
ھاياتتىكى مەناغا يېتەلمەي
ئاۋارىمىز بۇلاقتىن ،
قانغىدەك سۇ ئىچەلمەي .
تاش ئاتما سۇغا
دولقۇن- دولقۇن چەمبەر ياساپ .
كۆڭۈل خۇشلىقى ئۇ ئەمەس ،
بولالمايمىز بۇ ھاياتنى
سەن ، مەن ، ئۇ مەڭگۈ ياشاپ ...
تاش ئاتقاندىن مىڭ ياخشى
قاش ئېتىپ ياشاش ،
ئېھ ، يۈرىكى ئوتقاش !
2016 – يىلى 11 – مارت
|