ئۆڭمەس سۈرەتلەر
ئۈمىدجان قادىرى
كېچىدىكى ئاشىق سۈرىتى
تۈن كېچە،جىمجىت جېمى ياق،ئۇيقۇدىن بىدار بىرى،
كوچىنى كەزمەكتە تەنھا،ئىزدىبان دىدار بىرى.
نە دىدار؟!كەلمەيدۇ ھەتتا يانغا سەلكىنمۇ بۇھال،
مىسلى سالغاندەك سېپىلنى ھەر تامان دىۋار بىرى.
نەچچە رەت جاملارمۇ تاشتى،سەۋرىدىن پەيمان توشۇپ،
بىللە ئېيتماققا كۈيىنى باشلىماس ئۇدار بىرى.
تاشنى تالقاندەك ئۇۋاتقان ئەسلى تاقەتتىن ئىمىش،
يۈدگىلى تاغنى چىدامدا ئالدى كۈچ-مادار بىرى.
ھۆسنىدە قاتتى ھىلالنىڭ يار ئۈچۈن شەيدا نىگاھ،
بەلكى قالغاندۇ چىقالماي ھۇجرىدا بىمار بىرى.
مەنىلەر ئىزدەر ھاياتقا،ئالىمى رەڭدار گۈزەل،
شۈنچە مۇستەھكەم ئىشەنچى كەلگىلى قاتار بىرى.
بىر تېكىست پۈتتى ئۈمىدجان تۈن ئارا ئىلھام قۇچۇپ،
قىلغۇسى تەڭكەش ئاھاڭغا سايرىتىپ دۇتار بىرى.
ئۇنتۇلماس كەچمىش
خىيال قاڭقىپ ئۇچار كەچمىش ئىزى گۈلگۈن پەسىللەرگە،
يۈرەكلەردىن ئورۇن ئالغان ئاشۇ چوڭقۇر نەقىللەرگە.
تۇرۇپ مۇنبەر ئارا ئۆرە،ئىمايىدا يېشىپ تىلسىم،
جۇلا ئەيلەپ تۆكۈپ زەر نۇر بەخىش ئەتكەن ئەقىللەرگە.
قاچان باقسا ئوچۇق چېھرى ساۋاقداشنىڭ،ياتاقداشنىڭ،
لەقەملەردىن ئۇچۇم بولغان خۇشال چاخچاق-ھەزىللەرگە.
ھىلال،يۇلتۇز قاراپ كۆكتىن،ھەۋەسلىك تامشىتىپ تىلنى،
كۆتۈرگەن قول بولۇپ قايىل چىمەنزاردا ئىجىللەرگە.
زېھىن ئۇشلاپ ئىلىم-ئىرپان،يېتەكلەنگەن بۈيۈك ئارمان،
غەلەتلەردىن يېمەي ۋايىم،ئېرىشكەن ئۇل كېپىللەرگە.
جاھان تاردۇر سىغىشلىققا مۇھەببەتلىك ئەقىدەمگە،
ۋۇجۇد چوغدا پىژىلدايدۇ،كاۋاپ تىمسال دەلىللەرگە.
يېنىپ بولماس ئاشۇ چاغقا،قېنىپ بولماس گۈزەل باغقا،
ئۈمىدجاندىن ئۇدۇم بولسۇن باياننامە نەسىللەرگە.
2016.يىل 11.مارت پىيالما.