كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 25

نۇربىيەنىڭ يۇلتۇزلىرى (48)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(48)

IMG_4741.JPG

    نۇربىيە ئابدۇكېرىم 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1998 ـ يىلىدىن  باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. «تارىم غۇنچىلىرى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «باي گېزىتى »، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ گېزىتى »، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «مىللىي يازغۇچىلار» ، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىرلىرى ، خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدىن تەرجىمە قىلغان تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان، بىر قىسىم ئەسەرلىرى روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان توپلاملارغا تاللانغان. 2015- يىلى توردا ئۆتكۈزۈلگەن «چوغدا شېئىرىيەت مۇكاپاتى» پائالىيىتىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 2006 ـ يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.


    [ئاپتوردىن] مەن ئۈچۈن، شېئىر ئىنساننىڭ جانلىق تىلدا ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىچكىي تۇيغۇلىرى ۋە كەچمىشلىرىنى يېزىق تىلىغا ئايلاندۇرۇپ، سۆزلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مەنە مۇناسىۋەتلىرىدە سۆزلەش شەكلىدۇر، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شېئىر ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۇلۇغلانغان ئەسلىي ئانا تىلى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ شېئىر يېزىشتىكى مەقسىدىم روھىمدىكى ئېنىق ۋە ئېنىقسىز تۇيغۇلاردىن بوشىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان تۇيغۇلارنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ۋە جان بېرىش. ئۆزۈمگە خاس تۇيغۇلىرىمنىڭ ئەۋجى بىلەن روياپقا چىققان ھەر بىر شېئىرىم ئوقۇلۇۋاتقاندا، ئوقۇرمەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى كۆرەلىسە، ھېچ بولمىغاندا يازغان شېئىرلىرىم ئومومىيلىقنى چىقىش قىلغان ھالدا ئورتاق كەچمىش ۋە ئورتاق تۇيغۇغا ئايلىنالىسا، مەندىن تارىلىپ كەڭرى دائىرىدە داۋالغۇيالىسا مانا بۇ مېنىڭ غەلىبەم.


    نۇربىيە ئابدۇكېرىمنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئۆزگىرىشچان، شېئىرلىرى كەيپىيات جەھەتتىن ئېغىر بېسىق، شېئىرىي شەكىل جەھەتتە مۇتلەق ئەركىن بولۇپ ئوقۇرمەننىڭ ئەنئەنىۋى شېئىر ئوقۇش ئادىتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئايال شائىرلار ئىچىدىكى بۇ ئۆزگىچە شېئىرىي دۇنياغا ئىگە شائىرەنىڭ تېنىگە ساقلىق، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەكلىك تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


- مەسئۇل مۇھەررىردىن

‏جىمجىت كۆل


ئۈنىۋاتقان خىياللار  
‏ئىشلىتىپ باقمىغان يارىشىشلارنى
بىزگە چاقىردى
‏ئىككىمىز ئىككى قۇتۇپتا پارلىدۇق
‏سەن
ئىسسىق پۇرىدىڭ تىنىقلىرىمغا
‏مەن
سوغۇققا جۇۋام بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتقىنىمدا  

مۇشۇ يەرگە كەلگىنىمىز راست ئىدى  
كۆرگىنىمىزمۇ راست بولدى
قېتىپ قالغان كۆلنىڭ مەڭزىدە
ئىككى جۈپ ياشنىڭ دومىلىغىنىنى
كۆل تەكتىنىڭ قايناپ ۋىلىقلاپ
ئەڭ سەزگۈر ماددىسى بىلەن  
كەلمەكچى بولغان چۈشلەرنى ئۆرۈپ چىققىنىنى   
لەۋگە ئوخشايدىغان مۇنبەت گىرۋەكلەردە
تەئەججۈپنامىلەرنىڭ بىخلاۋاتقىنىنى
كۆلنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ
ئارىمىزدىكى بىر ئاپقۇر ھەسرەتكە ئايلانغىنىنى
ئىسكىنە بىلەن
مېڭىمىزگە ئويۇلغان جىمجىتلىقنىڭ
نامايىش قىلىۋاتقىنىنى  ....

ئۈنىۋاتقان خىياللار
ئىشلىتىپ باقمىغان يارىشىشلارنى
بىزگە چاقىردى
چېچەك پەسلىنىڭ تاشلا دېگىنى
جىمىيدىغان كۆلدىكى
ھالەتسىز ۋولقاندۇر ئېھتىمال
تۇپرىقىغا قەدەر  
سوۋۇيدىغان  
مۇزلايدىغان  

2016 - يىل 8 - مارت   ئۈرۈمچى  

قايمۇقۇش


قۇياش
قولۇمدىن سېيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى.
سېمىز بىر تال كىرپىكىم  
كۆۋەجەپ چىققان قىپقىزىل قان چىگىچىدەك
مەيۈس قادىلىشقا باشلىدى كۆزۈمگە.

خىياللىرىم تاراتقان ھالرەڭ نۇر  
جۇغۇلداۋاتقان سىتولبىلارغا ئىلماشتى
ئېلىكتىر ئېقىمى نەملەشتى
ئېكىس نۇرىنىڭ نىسپىيلىكى بىلەن
يىراق بىر دەريانى ئەسلىدىم
چايكىلىرى ئىشارە تىلىدا سۆزلىشىۋاتقان
مايسىرىغان قۇم دانچىلىرى
ئاچ بۆرىلەردەك
بىرىكىشكە يۇلقۇنىۋاتقان
قاپقارا ئۆڭكۈرلەرنى ئەسلىدىم
تۇيغۇلىرىم
پىكىرلىنىش دەۋرىگە كىرگەندە
ئەكىس سادا تارايدىغان
ئاسقاق چىشلىق چۈشلەرنى ئەسلىدىم
قاباھەت
ئۆلۈمدىن قاتتىق قوللىرى بىلەن
ھەلقۇمۇمدا ھۇۋلايدىغان

چېقىلىۋاتقان قۇياش
  ماڭا ھەممىنى ئەسلەتمەكتە ئىدى  
ئاشكارىلىنىۋاتقان يېڭى پەرەزلەر بىلەن   
كۆزۈمگە  
سىڭايان كۆرۈنىۋاتقان ھالدا   
  
2016 ـ 4 ـ مارت      ئۈرۈمچى

ساڭا تەۋە ئوي  


خىيال پەشتاقلىردا چېچىلىپ ياتقان
دېيىلمەس سۆزلەر
ئۈچ غولاچ ئوكسېگىن شىلانكىسى  
قاناشقا تەمشىلىۋاتقان بۇرۇن ـ قۇلاقلار
كېچىدىن ئارىيەت ئېلىنغان سۈرلۈك ئاۋازلار
بىرىكىپ
يىراق كوچىدىكى
زاۋالدەك مەپتۇنكارلىقى بىلەن  
مېنى سەن تەرەپكە قىستايدۇ

ئويلىغانسېرى
ساڭا باغلانغان بىر كۈچلۈك سۆيگۈ  
قاپقارا يىپەكتىن سويۇلۇپ چۈشىۋاتقان
تېنىڭدەك روشەنلىك بىلەن  
كۈندۈز شاۋقۇنىدا ئۇخلايدۇ   
كېچىنى
باشتىن كەچۈرۈشكە ئالاقىدار تۇيغۇلارغا تاشلايدۇ  
ئارىمىزدىكى
قايتىلانغان تۇيغۇ بۇلۇڭى     
بىر كۆزدە ئۆتمۈش
بىر كۆزدە كەلمىشتەك داۋالغۇپ
ئىشىق مۇقەددەسلىكىدە جېنىمىزنى قورشايدۇ

بىردىنلا
ئەسەبىيلىك خىرقىراپ كېلىدۇ
جاللاتلىقىڭنى بايقايمەن
شىرقىراپ ئېقىۋاتقان قانلىرىم بىلەن
يۈزۈڭنى يۇيىۋاتقان
يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ  
قەلىب پەنجىرەمگە ئوخشىتىمەن  
چىرايلىق ۋەھىلەر بىلەن كىرىپ چىقىۋاتقان
يەنە سېنى   
ئاپئاق توشقانغا ئوخشىتىمەن
لېۋىڭدىكى مەخپىيەت بىلەن   
لېۋىمنىڭ شىپاسىنى كۈتىۋاتقان  
سېغىنىشنى سىياداندەك يۈتىۋاتقان  

2016 ـ 1ـ مارت     ئۈرۈمچى

21 ـ بەتتىكى ھادىسە  


          ( 1 )

بىز ئەسىر قىلىنغان بۇ يەردە
ۋاقىتنىڭ پىشانىسى شورلاشتۇرۇلدى
خۇسۇسىيلىشىۋاتقان كېلىنچەكلەر
كۆچۈرۈپ بولۇندى
ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن ئىدىيەلەر
ئوپتىك نۇر تېرىغان تىراگېدىيەلەر
توخۇ كۆرىكىدەك چوقچىيىپ تۇرىۋېلىپ ھادېسىگە ياڭزىماقتا مېڭىلىرىمىزنى  

          ( 2 )
قەدىمقى دەۋىردە  
بىز تۇرغان بۇ يەر  
بىر توپ بۆرىلەرنىڭ ماكانى ئىدى
ئەركەكلىرىنىڭ شۆلگىيى
سۆڭەكلەرنى ئېرىتىشكە ئالدىرايتتى
چىشىلىرى رېجىمدا يېتىلەتتى
ئۇلاردىن قورقۇشنى ئۆگىتەتتى ئانىلىرىمىز  
خام گۆش ئەزرائىلدەك تەسۋىرلىنەتتى
بىز راستىنلا قورقاتتۇق
چاناقتىن چىقىپ كەتكەن كۆزلەرنىڭ پاجىئەسىدىن
يىلىم چۆچەكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قوياتتۇق
چۈشۈرۈلگەن تۈكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايتتۇق
قۇدرەتلىك تەڭرى
ئوت ۋە سۇنى تەڭ ياراتقىنى بىلەن
ئوت پەقەت كېچىدە تۇتاشتۇرۇلاتتى  
كۈندۈزى يۇيۇنساق يامان بولاتتى

          ( 3 )   
ھازىر
بىز تەقدىم قىلىنغان بۇ يەردە
مالىمان ھادىسىلەر ئىشلەپچىقىرىلماقتا   
تەنلەرنىڭ ئىمپورت ـ ئېكىسپورت قىلىنىشى  
ئىچى يوق ئادەملەرنىڭ ھايات يۈرىشى   
ئاشىقلارنىڭ كېچىدىكى شەيتاندىن خۇرسەنلىك تاپقىنىدەك تەبئىي  
بىر چىشلەم
بىر چىشلەمدىن ئۆلىۋاتقانلار  
روھلار     
ھاۋادىنمۇ قويۇقلاشتۇرۇلغان بولۇمسىزلىقتا   
تۈتۈنگە ئايلانغىلى ئۆچرەتتە ئەنە

2016 ـ 21 ـ فېۋرال ئۈرۈمچى

بەخىت ئىزدىگۈچى   


سىدام رەڭ
تاشلاندۇق كارىۋات
بىر ئەر
كەيىپ تۇغۇلاتتى ھەر سەھەر
چاقماق ئىلاھىنىڭ شەپقەتسىزلىكى
نۇر تالالىرىدا پايخان قىلاتتى قىرانلىقنى
ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى
قۇش پاتقۇدەك بوشلۇقتا
ئەلەڭلەپ قالغان ھارغىن خىياللىرى
ھاۋاغا ئىز سالاتتى بىھوشلۇق بىلەن

ئىبادەت باشلىناتتى
بىر نەچچە بوتۇلكىدا جەۋلان قىلاتتى  مەۋجۇدلۇقى
بۇلدۇقلىغان ئاۋازلار  
ئۇنىڭ تىرىكلىكىگە ئىسپات بولاتتى
قوش قوللاپ يۈتۈلگەن سۇيۇقلۇق
ئات چاپتۇرۇپ ئۆتەتتى تومۇرلىرىدىن
ئۇز ئاياللار خىيالىغا يەتكەندە

گاھ،
سەھەردە ياپراقلارنى داغ قىلغان شەبنەمدەك
تاش چېچەكلىگەندە خوتۇن ئالىدىغان  بىتەلەيدەك
ئىشىك يوچۇقلىرىدىن
كۈلپەت بىلەن كىرىشكە بۇيرۇلغان ئەمچىدە
سېزەتتى ئۆزىنى

لىۋىدىن يېغىۋاتقان ئەسەبىي تىللار
ئۇلۇغلۇققا بولغان قارغاشلىرى  
شەمشەرۋاز قاراقچىلاردەك پۇلاڭلاۋاتقان
قول ـ پۇتلىرى
قايناملاردا
بوتولكىدەك تىك تۇرۇپ بۈگۈنگە يەتتى
ئەي پەلەك، ئۇنىڭدا نە گۇناھ بولسۇن؟
ئۇ بىر رەمچىدىن:
ـ «بەخىت قۇلۇپىڭ تاقاق» دېگەن سۆزنى ئىشتكەن ئەمەسمىدى.

2016 ـ 2 ـ مارت

  تەقلىد  

  
كۆزلىرىڭ ئوت قالاپ قويغاندىن بۇيان
چوقانلار قايناۋاتىدۇ  
ھېسلار
تىلىنغان ئېتىمنىڭ پارچىلىرىدىن
سېنى ياساپ  
قۇياشقا ئەڭ يېقىن جايغا
يۈدۈپ ئاپىرىۋاتىدۇ  

سېنى ياسايمەن دېگىنىمچە
ساڭا بويسۇنىدىغان
بىر مەزمۇت تاغ ياسالدى
ئېگىز چوققىلارغا
ئەنقا قوندۇرايلى دېيىشيۇق
ئادالەتكە ئورتاق ئىنتىلدۇق
بار ۋەجى
يۈرەك ئاغرىقىدىن ئايرىلمايدىغان
گۈزەل بىر قاراقچى  
« جۇۋان ئۇچتى » پاجىئەسىدەك
خىياللىرىدىن
ھېكايە ئوقۇشقا تۇتۇندى   
يوق ئېغىزى بىلەن

سېنى ياسايمەن دېدىم
ئۈمىدلىرىم سېنى ياسىدى  
تاغ چوققىسىدەك غادايتىپ
سېنى ياسايمەن دېدىم
ھېسلىرىم سېنى ياسىدى  
كەل دېگىنىڭچە زورايتىپ
تەڭرىنىڭ ياراتمىشىغا تەقلىد قىلىپ
بېقىنىڭدىن
بىر تال يېشىل ئۈندۈرمىنى
كۆكلەتتىم   
ئىنتىلىشىڭدىن جان بەردىم     
زارىقىشنى تېشىپ كۆزۈڭ قىلدىم
قىزغىنلىق تاشلارنى يۇمشاتتى
ئۇلارنى يۇمشاق قولۇڭ قىلدىم
بۇلاقلار كۆزۈڭدىن تاشقىنلىدى
ئۇلارنى ئارىمىزدىكى يول دېدىم   

ئەمدى  
يورۇقلۇق سەندىن باشلىنىدۇ   
بۇلۇتلىرىم ساڭا سەجدە قىلىدۇ  
ئۈنسىز گەھ - گەھ دەيسەن  
قۇشلىرىم ساڭا قونىدۇ  
قىيپاشلىرىڭدا
ئىسمىم ئەكىس سادا بېرىدۇ
مەن ۋە سەن بولغان دۇنيارىمىزدا      
ئىككىمىز تەڭرىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالايمىز
مۆمىنلىك بىلەن
كېچىنىڭ تۈڭلۈكىنى سول قولىمىزدا يېپىپ
كۈندۈزنىڭ يوپۇقىنى ئوڭ قولىمىزدا قايرىمىز
چوقىدىن دۇنيانى قايتۇرۇپ كەلگۈچىلەرگە   
يا بىر قابەھەت بېرىمىز
يا بىر ئادالەت  

(«جۇۋان ئۇچتى» باي ناھىيەسىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى بولۇپ ۋىسال تاپالمىغان بىر مەشۇق ئۆز ئىپپىتى، پاكلىقى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى تاغدىن تاشلىۋالغان دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.)

2016 ـ 28 ـ فېۋرال ئۈرۈمچى

تولۇنئاي


بۇ كېچە
كۆكنى ئىشخال قىلدى
قىز كۆكسىدەك تولغان ئاق مەرمەر
قۇرۇپ كەتكەن چۈشتە ئۈزمەكتە   
كۆكتىن چۈشكەندەك
يەردىن ئۈنگەندەك روشەن گەۋدىلەر

بۇ كېچە
ئەقلىمنى قىسماقتا مەۋجۇت خىياللار
ئەسلىتىپ مومامنىڭ موخۇركىسىنى
قىرىق يىللىق تۇللۇقىغا قەدىناس بولغان
تولۇنئاي
كۆرسەتمەكتە ئېڭىمدا داغدام   
بالىلىقمدا
ئاشتاختىدىن ئۈزۈپ قاچقان خېمىرلىرىمنى
قولۇمغا سۇۋۇشۇپلا تاشقا ئايلانغان...

ئاي تولغان كېچە
ئەكسىمنى ئۆلتۈردۈم تۈننىڭ بىسىدا
كېسىك باشلار تۇردى يانمۇ ـ يان
ئارىمىزدا قالمىدى ھاۋا
سۆڭىكىمدىن تەقلىدىم كەرگۈ  
ياپتىم تېرەمنى   
قېنىمنى سۈزۈپ  
سەپتىم يۈزىگە
پۈتتى تولۇنئاي
جان تالىشىپ تۇرۇپ دېيىشتۇق
سۈكۈت ئاقسۇن جىمجىت بۇ كېچە     
كۆك كەزسۇن بىزنى  
روھلار كۆرسۇن
سېرىق ئىستەك بويلىغان ئىزنى

2016 ـ 20 ـ يانۋار  ئۈرۈمچى (تۈن كېچە)


قۇزغۇن


قاق سەھەر
ھورى كۆتۈرۈلىۋاتقان تاپ ھىدىدىن ھاسىللىنىپ
نادىر بىر توقۇنۇشتا تۈرۈتۈپ تاشلانغان
ئەبجەش يورۇقلۇقتەك   
ئاستا ـ ئاستا ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ
تۈن مالائىكەلىرى ئالدىراپ تامبىلىنى تارتىشىدۇ
ئىشىك بېشىدىكى تۇيغۇنلۇق
شاراپ ئىلاھىنىڭ بۇلدۇقلىشىدا پاكلىنىپ
بىر تۇمشۇقلۇق جانىۋارنىڭ كۆزىدە جاراڭلايدۇ
مەن ئۇنى قۇزغۇن دەپ ئاتايمەن
ئۇنى كۆتۈرگەن بىر تال چىۋىقنىڭ سۇنماسلىقى  
ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن دېيىلگەندە  
قارا رەڭلىك قاناتلارنىڭ سۈرىدە
سايدىكى تاشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى
ئۇنىڭ تەنتەنىسىدىن چەتنىمەيدۇ  

قاق سەھەر
ئىچىمدىن ئۈنىۋاتقان
بىر جۈپ قاناتنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىدىكى  
پىچاقتەك ئۆتكۈر ۋەسۋەسىدە
قۇياشنى ئويغىتىمەن
ناشتىلىققا دەم تارتىلىۋاتقىنىمدا
كۆكرىكىمدىن دائىم قان چىقىدۇ
ھاسسامغا تايىنىپ تۇرۇپ
ئەسكى داسلاردا تولىۋاتقان قان سۇيۇقلىقىغا
سوۋۇپ قالغان تىلىمنى تۈكۈرۈپ تاشلايمەن
يۇلۇشقا مايىل چىشىمنى مىدىرلىتىۋاتقىنىمدا  
تەڭرى يەنىلا خاھىشى بويىچە
سۈكۈتۈمنى بۇزىدۇ
قۇزغۇننىڭ ئۈنى
ئەسكى تاملاردىن ئۇزىغانغا قەدەر

2016 ـ 18 ـ يانۋار ئۈرۈمچى

قان يۇقى


پۇرىماڭلار قانلىرىمىزنى  
تارتۇق باسقان بۇرنۇڭلار بىلەن
يالىماڭلار يارىلىرىمىزنى  
يىرىكلەشكەن تىلىڭلار بىلەن
ئاۋات بىر ناشتىلىققا پۇتلاشقان
باغرى يۇمشاق ئەرلەرنىڭ رىيازىتىدە
ئەگەر يۇقۇپ قالغىنى داغ بولسا
بۇ دۇنيا
سىلەردىلا يوق
ئۆزۈڭلارنى ئاشىق دېسەڭلار  
سۆيۈشمەي تۇرۇپ
ئۈنى نەچچە چاقىرىمغا يېتىدىغان
ناخشىچىنىڭ سۆيۈنچىسىدە
ئەگەر قوچۇلىۋاتقىنى چوغ بولسا
بۇ دۇنيا
سىلەردىلا يوق
ھەقراست
بىر كۈي
دېيىلسەڭلار سىغدىشىپ تۇرۇپ
بىر تال سىزىققا تەڭ ئېسىلىۋالغان

ئەمدى
پۇرىماڭلار سۈيدۈكىمىزنى
ئاختا ئەمەسمۇ ئەۋرەتلىرىڭلار
يۇلماڭلار تۈكلىرىمىزنى
ھاي ھاي ھاي ھاي....

نېرى كېتىڭلار  
چېچىمنى ئارىلاۋاتقان
پىترەڭ خىياللار
نېرى كېتىڭلار  
كالپۇكۇمنى قايرىۋاتقان
ئۆلگۈر سۇئاللار
نېرى كېتىڭلار، ئەڭ نېرىسىغا
ئون تىرنىقىمنىڭ
قانخورلارچە كۆكلەۋاتقىنىنى  
كۆرەلمەيۋاتقان
ئاقساق ماراللار

پەقەت كۆزلا كېرەك بۇ يەردە
يۇغان ئېچىلغان
تۇيغۇن كۆزۈڭلار بىلەن  
ماڭا قاراڭلار
مەن
يەنىلا ئاشۇ ئەرۋاھ ئايالمەن  
ئۈچ يېشىمدا
خوراز چوقۇپ قاناتقان بېشىمنىڭ
يارىسىدىن ئاققان قېنىدا  
يىرتىقلىرىڭلارنى ياماۋاتقان.

2016 ـ 2 ـ 15 ئۈرۈمچى



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-11 15:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي گېزىتى دەپ گېزىت بارلىغىنى  ئەمدى بىلۋالدىم.

ۋاقتى: 2016-3-11 15:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-3-11 16:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربىيەنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن شەكىل جەھەتتىن ئەركىن بولۇش بىلەن بەزى مىسرالاردىكى مەنا قاتلاملىرى كىشىنى قايتىلاپ ئوقۇپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۆزى ئوماق بۇ شائىرە سىڭلىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك بىر پەللە تىلەش بىلەن بىرگە تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-3-11 20:05:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-3-11 20:21:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئېرلاربولىدىكەن،  قەلىمى قۇت تاپسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-11 20:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربىيەئابدۇكېرىمنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە زۇر ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-3-11 21:49:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن گۈزەل قىز.

ۋاقتى: 2016-3-11 22:16:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ،بۇ قىزدا شېئىرىيەتكە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارنىڭ بارلىغىنى ئۇنىڭ ،‹‹21- بەتتىكى ھادىسە›› ناملىق شېئىرىدىلا ھىس قىلغان ئىدىم .
بۇ قىز ،بۇندىن كېيىن ‹‹بالا››،‹‹ئۆي››دەپ بوشىشىپ كەتمىسىلا ،كەلگۈسىدە چوقۇم ئەل قەلبىدىكى شائىرە بولۇپ قالىدۇ .
يەنىمۇ تىرىشىڭ سىڭلىم، ئۇتۇق-ئامەت سىزگە يار بولسۇن.!

ۋاقتى: 2016-3-11 22:58:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئاتلىق قاينام نۇرغۇن تالانتلىقلارنى يالماپ كەتكەن، ببۇ قىزنىڭ يالماۋۇزدىن ئامان قېلىشىنى، بىزنى ئېسىل شېئىرلاردىن بەھىرلەندۈرۈپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-11 23:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىيەت بېغىدىكى يەنە بىر خۇشپۇراق گۈلنى كۆرگىنىمدىن خوشالمەن . نۇربىيە سىڭلىمغا ئۇتۇقلاريار بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-12 00:48:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن تورغا چىقمىغاچقا بۇ تېمىنى تېخى ھازىر كۆرۈپتىمەن.
مۇبارەك بولسۇن نۇربىيە سىڭلىم!
نۇربىيە ئۇزۇن يىل ئېنېرگىيە توپلاپ، بىراقلا يالقۇن چىقارغان ساناقلىق شائىرەمىزنىڭ بىرسى. نۇربىيەنىڭ شېئىرىيەت سەپىرىنىڭ داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!  

ۋاقتى: 2016-3-12 10:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن . نۇربىيەنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنىمەن . ئۇنىڭغا يېڭى پەللە ۋە يېڭى مەنزىل نىسىپ بولغاي .

ۋاقتى: 2016-3-12 10:54:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن..ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولغاي::

ۋاقتى: 2016-3-12 12:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل شېئىرلىرىڭىزغا ھەشقاللا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش