شائىر
ئىۋان ئالكىسيۋىچ بونىن [رۇسىيە]
شائىرلىق غەمكىنلىك، شۇنداقلا سۈرلۈك
يوقسۇلسەن، ئەڭ ئېغىر كۈلپەتتىن بولغان.
قەلبىنىڭ بىھۇدە يۇلقۇنۇشلىرى
نامراتلىق كېشىننى قىلماقچى ۋەيران.
گۇم قىلماق بولىسەن بەختسىزلىكنى
ئۆزۈڭنىڭ مەنسىتمەس نەزىرىڭ بىرلە.
ۋۇجۇدۇڭ يورۇققا زارىققان پەۋەس،
خالايسەن ئىشىنىش، سۆيۈشنى شۇنچە.
شۇ گۈزەل پىكىرلەر، شېرىن چۈشلەرگە،
نامراتلىق داۋاملىق سالماقتا زىيان.
پەسكەشلىك يوق قىلىپ ئارزۇ- ئارماننى،
دەردلىك كۆز ياشلىرىڭ مەڭزىڭدە قىيان.
سەن تەييار ئۆلۈشكە خورلۇق ئاچلىقتىن،
ئۇنۇتتۇڭ جاپالىق ئەمگىكىڭ قەدەر.
ئويلاپمۇ باقمىدىڭ قەبرەڭ كېرسىتى
-ئۈستىگە ئەۋلادنىڭ قويۇشنى گۈللەر.
«بونىن شېئىرلىرىدىن تاللانما»دىن تەرجىمە قىلىندى
|