يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 0

زۆھرەگۈل ھامۇت-ئەلقۇتتىن مەرىپەت بېغىدا كىتاب مەشرىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەلقۇتتىن مەرىپەت بېغىدا كىتاب مەشرىپى
ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت
قاتناشقۇچىلار:
1)رىياسەتچى قىز (تىلى راۋان،ئاممىباپ،چۈشىنىشلىك،يۇمۇرىستىك سۆزلەيدىغان قىزدىن تاللانغان).
2) رىياسەتچى يىگىت (تىلى راۋان،ئاممىباپ،چۈشىنىشلىك،يۇمۇرىستىك سۆزلەيدىغان يىگىتتىن تاللانغان)(ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىككىلا رىياسەتچى قىز بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ).
3)كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
4) كۇچا ناھىيەلىك6-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەتجان سىدىق.
5)ئەلقۇت سودا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى جەمىلە نىياز خانىم.
6) جەمىيەتتىكى كىتابخۇمار كىشىلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋەكىلى.
7)6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى–ئۇقۇغۇچىلىرى.
8)ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى.
9)مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى.
10)كۇچا ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، « كۈسەن مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى،شائىرە رۇقىيە ئابدۇللا.
11) كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،ئەدىب قۇربان داۋۇت شاھىدى.
12) شايار ناھىيەسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەدىبە زۆھرەگۈل ھامۇت.
13) توقسۇ ناھىيەسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شائىرە ھاجىرە قاسىم.
ئورنى:
كۇچا ناھىيەلىك6- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدى.
سەھنىگە رىياسەتچى يىگىت ۋە رىياسەتچى قىز خۇش تەبەسسۈم بىلەن چىقىپ مەشرەپ ئەھلىگە ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلىدۇ.
رىياسەتچى قىز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى!
رىياسەتچى يىگىت:جاپالىق ئەجىر-مېھنىتى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيلەۋاتقان ھۆرمەتلىك باغۋەنلەر!
رىياسەتچى قىز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىمىي دىيار كۆسەننىڭ مەرىپەت بېغىدا دۇردانە قېزىۋاتقان ئىلىم سۆيەر ياش بوغۇنلار!
رىياسەتچى قىز،رىياسەتچى يىگىت: (تەڭلا) ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
رىياسەتچى قىز:ھازىر ئىلىم-پەن ۋە ئۇچۇر دەۋرى.ئىلىم-پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى دەۋرىمىز ياشلىرىدىن ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشنى كۈتمەكتە.
  رىياسەتچى يىگىت: (قىزغا قاراپ) شۇنداق!توغرا ئېيىتتىڭىز ئايگۈل (ئۆزگىرىشچان ئىسىم)! بىز ھەر كۈنى بۈگۈننىڭ ئىچىدە ياشايمىز.بۈگۈننى چىڭ تۇتساقلا ئاشۇ سانسىزلىغان «بۈگۈن» لەر تىرىشچانلارغا ئالتۇن بۆشۈك،ھورۇن،قاششاڭلارغا بويۇنتۇرۇق بولالايدۇ.ھەممەيلەنگە مەلۇم،كىتاب ئىنسانغا بىلىم بېرىدىغان،جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بۈيۈك كۈچتۇر.كىتاب ئوقۇش ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشى نەزەر سالساق،بىر مىنۇت ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان،دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسىنى تەڭ يېتىلدۈرۈپ مېڭىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بار بولسىمۇ،يەنە كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدىغان بەزى ئوقۇغۇچىلار مەلۇم سالماقنى ئىگەللىمەكتە.
رىياسەتچى قىز:بۇ گېپىڭىز مېنى قايىل قىلدى مۇستاپا (ئۆزگىرىشچان ئىسىم)! مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئۇقۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇس بۇلۇش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ،2015-يىلىنىڭ كىتاب ئۇقۇش يىلى بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،ئۇقۇغۇچىلارغا كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇرۇش،ئۇلارنىڭ كىتابتىن ھۇزۇرلىنىش ھىسسىياتىنى شەكىللەندۈرۈش،ئۇلارغا كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ھەم كىتابتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەش،يېزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش مەقسىتىدە كۇچا ناھىيەلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن كۇچا ئەلقۇت سودا شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىر قېتىملىق پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچىمىز!نۆۋەتتە ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا « ئەلقۇتتىن مەرىپەت بېغىدا كىتاب مەشرىپى»!!! (يۇقىرى ئاۋازدا قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ تەنتەنىلىك جاكارلايدۇ)
رىياسەتچى يىگىت:تۆۋەندە ئولتۇرغان ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: (ئالدى رەتتە ئولتۇرغانلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىدۇ)
(1) ئەلقۇت سودا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى جەمىلە نىياز خانىم!قارشى ئالىمىز! (جەمىلە نىياز خانىم ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ).
(2) كۇچا ناھىيەلىك6-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەتجان سىدىق ئەپەندى!قارشى ئالىمىز! (ئەخمەتجان سىدىق ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ).
(3)كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى رۇقىيە ئابدۇللا خانىم!قارشى ئالىمىز! (رۇقىيە ئابدۇللا ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ).
رىياسەتچى قىز:
(4)ئەدىب قۇربان داۋۇت شاھىدى!قارشى ئالىمىز! (قۇربان داۋۇت شاھىدى ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ).
(مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تۆۋەندە ئولتۇرغان پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى،مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى،كۇچا ناھىيلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تەشكىللەنگەن باھالاش گورۇپپىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت:بىز سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ مېھىرلىك تۇپرىقىدا خاتىرجەم،بەختىيار ياشاۋاتىمىز.بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس!پائالىيەت ئەھلى ئەڭ ئاۋال ئورنىمىزدىن تۇرۇپ جەۋلان قىلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراققا ئۆز ھۆرمىتىمىز ۋە ساداقىتىمىزنى بىلدۈرەيلى! (ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرىدۇ.بايراق چىقىرىش ئەترىتى تەرىپىدىن بايراق چىقىرىلىدۇ).  
رىياسەتچى قىز: (بايراق چىقىرىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن)ھەممەيلەن ئورۇن ئالايلى!
رىياسەتچى يىگىت: كۇچا ناھىيەلىك6-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەتجان سىدىق ئەپەندىنى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلايلى!ئەخمەتجان سىدىق ئەپەندى،قېنى مەرھەمەت!!!
ئەخمەتجان سىدىق:مەن كىتاب ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىزنىڭ شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى كۆپچىلىككە قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن.(مەكتەپنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى،مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان قانچە ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ؟بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى قانداق؟مەكتەپنىڭ ئۇمۇمىي ئوقۇتۇش خىزمىتى قانداق ئىشلىنىپ،ناھىيەدە قانداق شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى؟قانداق داڭلىق شەخسلەر مەيدانغا كەلدى؟دىگەندەك مەزمۇندا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن كىتاب ھەققىدە سۆزلەيدۇ)مەكتىپىمىزدە ئوقۇپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىز ئۆزىگە كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەن،ئۇ دەل ئاشۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن تەڭقۇرداشلىرىدىن پەرقلىنىپ،كۆكتىكى يۇلتۇز بولۇپ چاقناۋاتىدۇ...ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن مۇھىم ئىش دەپ قاراپ كەلگەن مىللەت.قەدىمكى زامانلاردا باسما زاۋۇت،كىتاب باسىدىغان ئورۇنلار بولمىسىمۇ،بەزى مەلۇماتلىق كىشىلەر كىتابلارنى كۆچۈرۈپ ساتقان.شۇ ۋاقىتلاردا بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى بىرەر قوي،كالا ياكى تۆگىنىڭ باھاسىغا توغرا كېلەتتىكەن.شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىممەت باھاغا چىداپ كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ساقلىغان،كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان.ھەتتا ئائىلىسىدە كىتاب ساقلاشنى بىر خىل پەزىلەت ۋە مەدەنىيەت دەپ ھېسابلىغان.كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ،بىلىمىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.ھوزۇرلىنىش،ئارام ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەقسەتلەرگىمۇ يېتىش مۇمكىن.كىتاب ئوقۇش ئادىتى بار،كىتابنى كۆپرەك ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېز،يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى،چۈشىنىشى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم.شۇڭا دانالار:«كىتاب ئەقىل چىرىقى»دەپ توغرا ئېيتقان.ئاتاقلىق شائىر تۇرغۇن يىلتىزنىڭ«كىتاب»ناملىق غەزىلى كىتابنى ئەڭ يارقىن تىللار ئارقىلىق شەرھلەپ بەرگەن بولۇپ،ھەر بىر ئوقۇرمەننى كىتاب ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
كىتاب
ئاپتورى:تۇرغۇن يىلتىز
پەن-ئىلىم گۈلشەنىنىڭ سولماس گۈلى-گۈلزار كىتاب،
سەن بىلەن بەختىم بولۇر ھەل،مەن ساڭا خۇشتار كىتاب.

ھەر كىشىگە بۇ ھايات قوينى رىقابەت سەھنىسى،
بەيگە-جەڭدە شان قۇچۇشتا سەن ماڭا تۇلپار كىتاب.

يولدا بار ئۆتكەل-داۋان،كۈتمەكتە ھەم سىر،مۆجىزات،
سەن يۆلەكچىم سىر يېشىشتە،سەن ماڭا ھەمكار كىتاب.

دىلغا سەندىن نۇر چاچار پەن-ھېكمىتى-جەۋھەرلىرى،
گۈللىتىشنىڭ يۇرتىنى،ئالتۇن ئاچقۇچى-ئىلغار كىتاب.

مەن كاراب قوينۇڭدا ھارماس،سەن دېڭىز-ئوكيان گويا،
بىر سېنىڭسىز بۇ ھاياتىم بولغۇسى تارمار،كىتاب.

كىم بىلىمسىز،كىم نادان،كەتكەي نىشانسىز قەبرىگە،
قەدرىنى تاپقاي،ساڭا كىم بولسا دىلدىن زار،كىتاب.

دەيدۇ تۇرغۇن:بولسا ئىنسان گۈل،ئۇنىڭ پەن يىلتىزى،
چىن ھاياتقا،بىلكى،تەڭداشسىز ۋاپادار يار كىتاب.
مەن بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزنىڭ مەقسىدىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
1.ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى،ئەخلاق تەربىيىسى بېرىش؛ مىللىي ئورتاق تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش،تىلنى توغرا ۋە ئۆلچەملىك قوللىنىش؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش،باھالاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش.
2. ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن جەۋھەرلىرى جەملەنگەن كىتابلارنى،بىلىم ئىگىلىرىنى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ،بىلىم ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىلگەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەش.
3.ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قابىلىيىتىنى ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش،بۇ ئارقىلىق مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش.
4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغىتىپ ئىجادىي تەپەككۈرگە يېتەكلەش.
5.ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ ئۇقۇش،كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش شۇ ئارقىلىق نادىر ئەسەرلەر بىلەن تۇنۇشۇش شۇنداقلا جۇڭگۇ-چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش.
6. دىيارىمىز كۇچادا ئۆتكەن ئىلىم پەن خادىملىرىنى تونۇشتۇرۇش،كىتابى نەشىر قىلىنغان ئەخمەت كىبىر،نىياز ئىمىن، قۇربان داۋۇت،رۇقىيە ئابدۇللا.... قاتارلىق ئەدىبلەرنى تونۇتۇش.
رىياسەتچى قىز:مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەتجان سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ مول بىلىمى ئارقىلىق بىزنى كىتاب ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇقۇملارغا ئىگە قىلدى.تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز! (مەكتەپ مۇدىرى سەھنىدىن ئايرىلىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت:نۆۋەتتە ئەلقۇت سودا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى جەمىلە نىياز خانىمنى«كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى»ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!
جەمىلە نىياز خانىم: (سەھنىگە چىقىپ ئولتۇرغانلارغا سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى! ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن!مەن ئەڭ ئاۋال ئەلقۇت سودا شىركىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى.بۇ جەرياندا شىركىتىمىز«خېرىدار ئەلا،مۇلازىمەت ئەلا» دىگەن پىرىنسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،شىركىتىمىز خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاش ئارقىلىق،مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىپ،راستچىللىق ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتتى.(ئەلقۇت سودا شىركىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن) مەن ئىلگىرىكى ئىشلار ئۈستىدە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي...ئەلقۇت شىركىتىنى ئاچقان بىر نەچچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىم داۋامىدا بىۋاستە يولۇقتۇرغان ئىشلاردىن كىتاب ئوقۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى،كىتابنىڭ ئادەمگە مەنىۋىي ئوزۇق بېرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى،ئادەمنى يەنە جاسارەتلىك،قەيسەر،يېڭىلمەس ئىرادە بىلەن قوراللاندۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.ماڭا دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەردىن ئامېرىكا يازغۇچىسى دالې كارنېگنىڭ «قايغۇرماڭ،باتۇرلارچە ياشاڭ!»،«ئىنسان تەبىئىتىدىكى يورۇقلۇق»، ئوگ .مادىنونىڭ  «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»ق اتارلىق كىتابلىرى ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مېنىڭ كېينكى تىرىشىش نىشانىمنى بەلگىلىۋېلىشىمدا ئىجابىي رول ئوينىغان.مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى،كىتاب-ئۈچ ۋاقلىق تاماققا ئوخشاشلا ئادەمنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر!
رىياسەتچى قىز:جەمىلە نىياز خانىم ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ بىزنى كىتاب ھەققىدە مۇھىم ساۋاتقا ئىگە قىلدى.بىز ئۇنىڭغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ( جەمىلە نىياز خانىم سەھنىدىن ئايرىلىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت:ھەممىڭلارنىڭ دىققىتىگە كۇچا ناھىيىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،ناھىيەمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق شائىر قۇربان داۋۇت شاھىدىنى«بۈگۈنكى زاماندا كىتاب ئۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى»ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ ئېتىمىز!قىزغىن ئالقىشلىرىمىز قۇربان داۋۇت شاھىدى ئەپەندى،قېنى مەرھەمەت!
قۇربان داۋۇت شاھىدى: (ئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلغاندىن كېيىن)بۈيۈك تاتار ئالىمى،ئاتاقلىق پىداگوك،ژۇرنالىسىت رىزائىددىن ئىبنى پەخرىدىن«ئىلمىي ئەخلاق»دىگەن كىتابىدا:«كىتاب خىلۋەتتە سىرداش،يالغۇزلۇقتا دوست،ھەسرەتلەرگە بەرھەم بەرگۈچىدۇر،ئۇ كۆڭۈللەرگە زىيا بەخش ئېتىدۇ.ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب تاللاش خۇددى دوست تاللاشتەك مەسئۇلىيەتلىك ئىش بولۇپ،بەزى كىتابلار ناچار دوستلاردىنمۇ زىيانلىق بولىدۇ»دىگەن.ئىلىم چەكسىزدۇر.ئادەم قىسقىغىنە ئۆمرىدە بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ،جاھاندىكى مەۋجۈداتلارنىڭ تىلسىملىرىنى يېشىشكە قادىر ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن چەكلىك ئۆمۈر مەنزىلىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتمەستىن،ئەڭ ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى بېيىتايلى،ئىلىم-مەرىپەتنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى!
مەن سىلەرگە «يىرتىلغىنى كالېندارمۇ،بىزمۇ؟»دىگەن ھېكايىنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق قىممەتلىق ھاياتىڭلارغا يۈز كېلىپ ياشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن:
بىر كىشى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا،تامغا ئېسىقلىق تۇرغان كالېندارنىڭ تۈنۈگۈنكى چىسلاسىنى يىرتىۋېتىپتۇ.
-توختاپ تۇرۇڭ،-دەپتۇ كالېندار،-مېنى نىمىشقا يىرتىۋېتىسىز؟
-نىمىشقا يىرتىۋەتمەيمەن؟سەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىڭ ئەمەسمۇ؟-دەپتۇ ئۇ كىشى.
-توغرا دىدىڭ،مەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىم،سەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق«تۈنۈگۈنكى چىسلا»لاردىن تالاي-تالاينى يىرتىۋەتتىڭ،ئەمما سەن شۇ تۈنۈگۈندە نىمە قالدۇرۇپ كەتتىڭ؟
ھېلىقى كىشى بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەي،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ...
«بىزنىڭ ھاياتىمىز چەك-چېگرىسى يوق نەرسە ئەمەس،ئۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ.قاچان ئۆلىمىز،قانداق ئۆلىمىز بۇ بىزگە نامەلۇم...ئەمما ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ھەر ھالدا ئاز-تولا بولسىمۇ مەلۇم بولۇشى كېرەك.ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىمىز؟ھاياتىمىزدىن مەنە قالسۇن!بىز ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئويلىغاندا ئەپسۇسلانمايلى،پۇشايمان قىلمايلى،بەلكى خۇشاللىق بىلەن مۇنۇ-مۇنۇ ئىشلارنى قىلالىدىم دەپ مەيدە كېرىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرەلىگۈدەك ياشايلى.ۋاقىت ئۆتۈۋېرىدۇ،كالېندارنىڭ ۋاراقلىرى يىرتىلىۋېرىدۇ،بىز قېرىۋېرىمىز،ئەمما ھاياتتا بىردىنبىر يىرتىلمايدىغان،قېرىمايدىغان نەرسە ياخشى،مەنىلىك ئىش ئەمەلدۇر،»... (تىببىي ۋە تەربىيىۋى ھېكايەتلەر738-بەت) ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ،بوش ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇپ بىلىم دائىرىمىزنى كېڭەيتىشكە سەرپ قىلساق،ھەر بىر باسقان ئىزىمىزدا خۇشپۇراق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
رىياسەتچى قىز: قۇربان داۋۇت شاھىدى ئەپەندى،سىزنىڭ ھېكمەتلەر غەزىنىسىگە تولغان سۆزلىرىڭىز تۆۋەندە ئولتۇرغان ياش بوغۇنلارغا ئىنتايىن قىممەتلىك دەرسلىك بولدى دەپ ئويلايمەن.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولىڭىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمەن.سىزگە كۆپ رەھمەت!(قۇربان داۋۇت شاھىدى سەھنىدىن ئايرىلىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت:كۇچا ناھىيىلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى،شائىرە رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ«كىتاب»ھەققىدە قانداق قىممەتلىك بايانلىرى باركىن؟ئولتۇرغانلارنىڭ تازا ئاڭلىغۇسى كېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟چاۋاكلىرىمىز بىلەن مۆھتىرەم خانىمنى سەھنىمىزگە تەكلىپ ئېتىمىز!قېنى،مەرھەمەت رۇقىيە خانىم!
رۇقىيە ئابدۇللا: (كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىدۇ)مەن تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا«كىتاب بىزنىڭ دوستىمىز»دىگەن مەسەلنى سۆزلەپ بېرىمەن:
بىركۈنى نۇرغۇن ھايۋانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ،«كىتاب نىمىگە ئەسقاتىدۇ؟»دىگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپتۇ.
بويى ئەڭ ئىگىز كەلگەن پىل ھەزرەتلىرى سۆز باشلاپ:
-پېقىرغا مەلۇمكى،قەغەز ۋە كىتاب بامبۇك،دەرەخ پوستى ۋە ئوت-ساماندىن ياسىلىدۇ،لېكىن مەن يېڭى بامبۇك بىلەن يۇمران ئوت-ساماننىلارنى ياخشى كۆرىمەن.كىشىلەر كىتاب ئىشلەيمىز دەپ،مۇشۇنداق ئوبدان نەرسىلەرنى نىمىشقا تېتىقسىز قىلىپ قويىدۇ؟كىتابتىكى باسما مېيىنىڭ پۇرىقى تېخىمۇ جېنىمغا تېگىدۇ،-دەپتۇ.
كىچىككىنە مىتە قۇرت دەرھال بۇ گەپكە قارشى چىقىپ:
-پىل ھەزرەتلىرى،كىتاب-مېنىڭ جېنىم!قارىسىلا،مەن ئۇنى يەيمەن،ئۇنىڭ ئىچىدە ياتىمەن،ئۇ بولمىسا مەن قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمەن؟-دەپتۇ.
ھاكاۋۇر خوراز غەزىپىنى باسالماي كاركىراپ سۆزلەپتۇ:
-بەزىلەر كىتاب-روھىي ئۇزۇق دەيدىكەن،ئۇ ئالدامچىلىق!بىر كۈنى مەن بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابىدىن بىرنى تېپىۋېلىپ كەچكىچە ۋاراقلىسام،ئاشلىق ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ھەتتا بىر تال سامانمۇ يوق ئىكەن!
-كىتاب ھەقىقەتەن بارلىق بالايىئاپەتلەرنىڭ مەنبەسى،-دەپتۇ چاشقان مىيقىدا كۈلۈپ،-كىشىلەر ئەدىپىمىزنى بېرىدىغان ئۇسسۇل-چارىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كىتابتىن ئۆگىنىۋالىدۇ.
قارا ئېيىق دولىسىنى سىلكىپ،خۇش ياقمىغان ھالدا:
بەزىلەر كىتاب ئوقۇسا ئەقىللىق بولىدۇ،دىيىشىدىكەن،لېكىن بىز ئېيىقلارنىڭ دىيارىدا نادانلىق بىلەن سەمىمىيلىك،دۆتلۈك بىلەن ئەقىللىق دىگەنلەر بىر مەنىدە،-دەپتۇ.
ھايۋانلار تالىشىپ بىرەر نوقتىغا كېلەلمەي تۇرغاندا،قىزىل گالىستۇك تاقىغان،مۈرىسىگە پوپكا ئېسىۋالغان بىر قىزچاق يۈگۈرۈپ كەپتۇ.ھايۋانلار تەڭ ۋارقىرىشىپ قىزنى توختىتىپ،بۇ تالاش-تارتىشنى ئايرىپ قويۇشقا تەكلىپ قىپتۇ.
قىزچاق ئانچە ئويلىنىپ تۇرمايلا:
-ئۆيۈمدە چىرايلىق ئوينايدىغان رېزىنكە توپ بار،تەمى تاتلىق ئالما بار،لېكىن مەن كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتسەم،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېسىمدىن كۆتىرىلىپ كېتىدۇ،ئەگەر كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە كىتاب بولمىسا،ھاياتلىقنىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن؟!-دەپتۇ.
قىزچاق ئەنە شۇنداق دەپلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ.ھايۋانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ.ئاخىر بولالماي كىتابنىڭ ئۆزىنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ.
-مەن قىزچاقنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن،-دەپتۇ كىتاب سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپ،-ئەگەر قىزچاقنىڭ پىكرى سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ نىمە پەرقى بولسۇن؟
بۇ مەسەلنىڭ ئاستىغا قانداق بىر ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟
«كىتاب-بىلىملەر خەزىنىسى،كىتاب-ئىنسانلارنىڭ بىلىم،تەجرىبىلىرىنىڭ،ئەقىل-پاراسىتىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بۇلىقى.كىتاب بولغاچقىلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت مىراسلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن!بىز كىتابتىن ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇر،بىلىملەرگە ئېرىشىمىز...ھەقىقەتەنمۇ نادان،جاھىل،بىلىمسىز كىشىلەر كىتابنى كۆزگە ئىلمايدۇ،ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ:‹كىتاب ئوقۇمايمۇ بىر ئوبدان ياشىغىلى بولىدۇ،كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق›دىگەندەك پەلىپەتىش گەپلەرنى تارقىتىشىدۇ.بىلىش كېرەككى،بۈگۈنكى زاماندا كىتاب ئوقۇمايدىغان بىر ئادەمنىڭ،دۇنيانى ئىلمىي يۇسۇندا  چۈشىنەلمەيدىغان بىر ئىنساننىڭ ئىشلىرىنى راۋرۇس بېجىرىپ ماڭالىشى بەكمۇ تەس.بىز بۈگۈن ئۆگىنىش ئارقىلىقلا راۋرۇس پۇت تىرەپ تۇرالايمىز.كىتاب ئوقۇيلى،كىتابنى قەدىرلەيلى،كىتابسىز ئۆي گۆرگە ئوخشايدۇ».«تىببىي ۋە تەربىيىۋى ھېكايەتلەر» (744-بەت)يىغىنچاقلىغاندا،تۆۋەندە ئولتۇرغان ساۋاقداشلار توغرا بولغان كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆرنەك كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ توغرا دۇنيا قارىشىنى تۇرغۇزۇۋېلىشى ئىنتايىن زۆرۈر!يەنە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم نوقتا شۇكى،ساۋاقداشلار ئۆلۈك ھالدا كىتاب ئوقۇماستىن،كىتابتا ئالغا سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيەنى چۈشىنىپ باقسا،كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى،كۈندىلىك خاتىرە يېزىش،كىتابنىڭ ئاپتورى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا ئەھمىيەت بەرسە مانا بۇنداق ئوقۇغان كىتاب ئوقۇرمەنگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىچە ئالدىراپ-سالدىراپ خۇشياقماي ئوقۇغان كىتابنىڭ ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئادەمدە قالدۇرغان ئىجابىي تەسىرىمۇ بارغانچە سۇسلاپ،قۇمغا مۆھۈر باسقاندىن ھېچ پەرقى قالماسلىقى مۇقەررەر!
رىياسەتچى قىز: (جۇشقۇن كەيپىياتتا)رۇقىيە ئابدۇللا خانىمنىڭ ئەقىل ئۈگۈتلىرى ئولتۇرغانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئاچتى دەپ ئويلىدىم.ئېيتقىنىم توغرىمۇ كۆپچىلىك؟(تۆۋەندىن رىياسەتچىنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ)ئۇنداقتا رۇقىيە خانىمنىڭ ھۆرمىتىگە قىزغىن چاۋاك!
رىياسەتچى يىگىت:بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزگە شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن ئەدىبە زۆھرەگۈل ھامۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم مەشرەپنىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا يېقىندىن ياردەم قىلدى.بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇنى كىتاب ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز!
زۆھرەگۈل ھامۇت:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىمي كۆسەن دىيارىدىكى مەرىپەت سۆيەر ئۇستازلار،قەلبى ئاتەش ياش نوتىلار،شايار قىزى زۆھرەگۈل ھامۇتتىن ھەر قايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام!مەن بۈگۈنكى ئەلقۇت سودا شىركىتى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان كىتاب مەشرىپىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.تۆۋەندە ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا«كىتاب ھەققىدە ئىككى كەلىمە»سۆزلەپ بېرەي!
ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت
كىتاب ھەققىدە يەنە ئىككى كەلىمە
(ماقالە)
كىشىلەرنىڭ ئېڭى،تۇرمۇش ئۇسۇلى،ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ،ئۆز مەۋجۇدلۇقى ئاساسىدا راۋاجلىنىشى-جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەسئۇلى ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا بېسىشىدىكى تايانچ كۈچ.
ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىغىنىمدا،كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ،ئىلگىرى ئاپتورلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسىدا بەزى پىكىرلەر كاللامدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.
جەمئىيىتىمىزنى سىنچى نەزەرىمىز بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق،بەش قول تەكشى بولمىغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك پەرقلەر مەۋجۇت.كىتابخانىنى مىسالغا ئالساق،بىر قىسىم كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن،بىلىم ئىگىلەشكە ئىشتىياق باغلىغان كىشىلىرىمىز دائىم كىتابخانىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشقان.ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كىتابنى سېتىۋېلىپ،بوش ۋاقتى بولسىلا قولىدىن كىتاب چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئادەم مەنىۋىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،بىلىم كانىدىن دۇردانىلەر قېزىپ،ئۆز ئىجادىي مېھنىتى ئارقىلىق ئەلگە مىۋە بېرىدۇ.بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز،شۇنداقلا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۆرنەك.بۇنىڭ ئەكسىچە ئاشپۇزۇل،رېستۇران،كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى  زەرگەرخانا،سەيپۇڭخانا،تانسىخانا،ساتىراچخانا،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى...نى كۈزەتسەك، ئاشپۇزۇل،رېستۇرانلاردىن كېلەلمەيۋاتقان«پۇلدار»لارنى،«ئالا-يېشىل»چىراقلار«ۋال-ۋۇل»يېنىپ تۇرغان تانسىخانىلاردا رومانتىك ھىسسياتلارغا غەرق بولغان ئاشىق-مەشۇقلارنى،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا ھۆسىن تۈزەش بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ،ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقتىغا ۋايساپمۇ قۇيۇشمايدىغان سەتەڭلەرنى،چايخانىغا كىرىۋېلىپ،بىر چىنە چاينى قېنىق دەملەپ قويۇپ،ئەتىدىن-كەچكىچە قارتا،شاخمات ۋە ماجاڭ ئويناپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بىكار تەلەتلەرنى،«مودا»ئېقىمىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراپ،مەيلى ياراشسۇن،ياراشمىسۇن،قارغۇلارچە مودا قوغلىشىپ،يېڭى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قىممەت باھالىق ۋە يىپ-يېڭى«مودا»دىن قالغان كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،سەيپۇڭ ۋە كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازىكى،ھىچبولمىغاندا ئايلاپ-يىللاپ ئەرزان باھالىق بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمايدۇ.بىز ئۇلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.
كىتابخۇمار بىر دوستۇمنىڭ كىچىك كىتابخانىسى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلدى.ئۇ ياغاچتىن كۆركەم قىلىپ ياسىتىلغان كىتاب جاھازىسىغا ھەرخىل ژورناللار،گېزىتلەر،پەلسەپىۋى خاراكتىرلىك ئەسەرلەر،تەرجىمىھال ئەسەرلىرى،ھىكايە-پوۋىستلار،رومانلارنى رەتلىك تىزىۋەتكەندى.بەزى كونىراپ تېشى يىرتىلغان كىتابلارنى چىرايلىق مۇقاۋىلاپ قويغان بولۇپ،ئۇ كىتابلار ئارىسىدا ھەتتا مەن ئوقۇپ باقمىغان كىتابلارمۇ كۆپ ئىكەن.كىتاب جاھازىسىنىڭ ئەينىكىگە ھۆسىن  خەت بىلەن چوڭ قىلىپ«ۋاقتىڭىزنىڭ بارىدا شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېلىڭ،بولمىسا كېيىن ئۈلگۈرەلمەيسىز.---گ.تورا»دەپ يېزىپ قويۇلغاندى.ئىككىمىز سۆھبەتلىشىۋېتىپ، گەپ ئارىلىقىدا ئۇ ماڭا:
-ھازىر مىللىتىمىز خانىم-قىزلىرىنى «مودا» ئېڭىدىن ئىبارەت كىشەن چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ.بىر مەزگىل كىيگەن قىممەت باھالىق يىپ-يېڭى كىيىملىرىمىز «مودا» ئېقىمىغا ماسلىشالماي،ساندۇق-چامادانلىرىمىزغا بەند قىلىنىپ،چاشقانغا يەمچۈك بولماقتا.بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى_تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان مىزان.ھىچبولمىغاندا بىر يىل ئىچىدە بىر-ئىككى قۇر كىيىمنى ئاز كىيىش بەدىلىگە كىتاب سېتىۋېلىپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتساق،مىللىتىمىز «مودا» ئېڭىنىڭ چىرىتىشىدىن ئازراق ساقلانغان،كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى بىر بالداق يۇقىرى يۇقىرى كۆتىرىلگەن بولاتتى-دىدى.
مەن ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم،ئۇنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغان،بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئېسىل پەزىلىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇم.ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىنئالا مەسلىھەتلەشكىنىمىز بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئۇ كىيىم ئىشكاۋىنى كۆزۈمچىلا ئېچىپ،تويغا كىيىپ بارىدىغان كىيىمنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تاللىدى.ئۇنىڭ كىيملىرىنىڭ سەرخللىقى ۋە كۆپلۈكىدىن كىيىم ئىشكاۋى تارلىق قىلغاندى.ئۇ كىيىملىرىنى تولا تاللاپ ھارغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويدى ۋە بازاردىن يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم دۇكانلارنى قايتا-قايتا ئارىلاپ يۈرۈپ،قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋېلىپ،كىيىمنى سېتىۋالغان دۇكاندىلا كىيىپ ماڭدى.ئۇ ئۆزىنىڭ پوزۇر قىياپىتىگە ماس ھالدا يېنىمدا مەغرۇرۇلۇق بىلەن ماڭاتتى.مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭدىن:
-ئايگۈل بىرلا ۋاقىتتا تۆت خىل ژورنالغا مۇشتەرى بوپتۇ.سەنمۇ ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ تۇرۇۋاتىدىغانسەن-دەپ سورىدىم.
-ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ئۇ نىمانچە ئەخمەق؟بىر جېنىغا تۆت خىل ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ پۇلىغا تويۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامتى؟«خوتۇن كىشى كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ»دىگەن گەپ بار.ئەخمەق بولۇپ شۇنچە پۇلنى كىتابقا بۇزۇپ چاچقۇچە،يېڭى كىيىمدىن بىر-ئىككى قۇر ئېلىۋالسىچۇ كاشكى!-دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
مەن گويا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە چەكچىيىپ قاراپلا قالدىم.بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى دەل مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك كىشىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان،ياش ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى.«سەللە يوغان ئىمان يوق،داستىخان يوغان بىر نان يوق»دىگەندەك،ئۇ قورسىقىدىكى ئۇمىچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۈپ قويغاندى.مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان غۇنچىلارنىڭ پەرۋىشكارى مۇشۇنداق گەپنى قىلىۋاتسا،بۇنداق باغۋەن يېتىشتۈرگەن كۆچەت ئەلگە مىۋە بېرەرمۇ؟«دۇنيادىكى زىندانلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى مەنىۋى زەئىپلىكتۇر».ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولمىش شۇ ئوقۇتقۇچى بىرقانچە خىل ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ،تەشنا قەلبىنى بىلىم بۇلىقىدا سۇغارماقچى بولغان دوستۇمنى«ئەخمەق»دەپ مازاق قىلدى.ھالبۇكى،ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ قۇپقۇرۇق،ھەقىقىي ئەخمەقنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىگەنمىدۇ؟ئەجىبا،ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى،ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنمىدۇ؟
مەن گەرچە ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر كەسپ ئىكەنلىكىنى،ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا،جەمئىيەت ئامانلىقىغا،ۋەتەننىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن.ئوقۇتقۇچى-ياش بوغۇنلارنىڭ بىلىم دېڭىزىدا ئۈزۈۋاتقان يەلكەنلىك كېمىسىدىكى كاراپ،ھاياتلىق مەنزىلىگە نۇرلۇق ماياك!ياش بوغۇنلارنىڭ پاك ۋۇجۇدى ۋە روھىدا ئوقۇتقۇچى تىكلىگەن ئابىدە-ئەخلاق ئەندىزىسى ھەم ئادىمىيلىك،ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىدە ئوقۇتقۇچىلار يورۇتقان بىلىم مەشئىلى،ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدا ئوقۇتقۇچىلار ياراتقان ئىلمىيلىك بىلەن سالاپەت بولۇشى كېرەك.ئەنە شۇلار دەل ئوقۇتقۇچىلار سىزغان بەدەئىي سۈرەت،ئەنە شۇلار ئوقۇتقۇچىلار ياراتقان ئىلمىي ئەسەر! ۋەتەن ۋە خەلق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەل مۇشۇلارنى كۈتكەن!
جەمئىيىتىمىز كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە،ئوقۇتقۇچى دوستۇمنىڭ نادانلارچە قىلغان سۆزلىرى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى.
بىلىشىمىز كېرەككى،ئەقىل-پاراسەتلىك،يۇقىرى ساپالىق خەلق قوشۇنى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئالغا سىلجىشىدىكى ھۈجەيرە.
بۇ ھەقتە پەرھات جىلان «مەھمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانىدا ئىنتايىن ئېنىق شەرھلەپ بەرگەن:
«بۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق-دەيدۇ مەھمۇت قەشقىرى-قاچانكى خاقانلاردىن تارتىپ،ئەڭ تۆۋەن تەبىقىلەردىكى پۇقرالارغىچە پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ،ئىنسانغا خاس يۈكسەك ئاڭ-سەۋىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا بۇخىل قەبىلىۋازلىق،يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك.ھەممە ئادەم بىلىملىك بولۇشى كېرەك.بىزنىڭ ئادەملىرىمىز قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كۆزى ئوچۇق كور بولماستىن،ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلەيدىغان ھەقىقىي ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.ئەنە شۇ چاغدىلا ھەر بىر ئادەم بەخت بېغىدىكى نىمەتلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ.قايسى خەلقنىڭ بىلىملىك ئادەملىرى كۆپ بولسا،شۇ خەلق دۇنيادا قەد كۆتىرىپ تۇرالايدۇ. خەلق ئۆز ئىچىدىكى بايلار بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ،بەلكى ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن ئالىملار،ئەدىبلەر،سەنئەتكارلار،قەھرىمانلار،دانىشمەن سىياسەتچىلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ» (روماننىڭ 444-بېتىدىن).
يۇقارقى بىرئابزاس جۈملىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان بىلىملىك،ئەقىل-پاراسەتلىك،دانىشمەن كىشىلەرنى ئولۇغلاپ كەلگەن.ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىز ئەجدادلارنىڭ بۇرچى!
تارىختا تىلغا ئېلىنغان ساۋاتسىزلىق پەقەت خەت يازالمايدىغان ئادەملەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ،ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ساۋاتسىزلىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى.دەۋرىمىز ساۋاتسىزلىرى خەت يازالمايدىغانلار بولماستىن،بەلكى،ئۇچۇر،پەن-تېخنىكا ساۋاتسىزلىرى،كەسىپ ساۋاتسىزلىرى بولۇپ،تارىختىكى ساۋاتسىزلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
روھىيىتىمىزنى چىرىتىۋاتقان بىر قىسىم ئىسراپخورلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك،شەخسىيەتچىلىك،مەنمەنچىلىك،مەسئۇلىيەتسىزلىك،ھەسەتخورلۇق،يۇرتۋازلىق،ئۆز بېشىمچىلىق،چىرىكلىك،ئىناقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىقتىن كەلگەن ۋابا.بۇ كۆزگە كۆرۈنمەس ۋابا ئاللىقاچان بەزى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە گويا بوغما يىلاندەك يۆگىشىپ،ئۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرمەس گەج قېلىپقا ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىدەك بوۋىلىرىمىزنىڭ بىباھا ئۈگۈتلىرىنى قۇلىقىدا ساقلىمىدى.ئاقىۋەت بىر قىسىم نان قېپى ماڭقۇرتلار ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تۇمشۇقىدىن بىمالال يېتىلەپ،پارازىتلارچە ئارىمىزدا خاتىرجەم ياشاپ كەلدى.بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش كېرەكمۇ؟ياق!بۇنداق پارازىتلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشكە بولىدۇكى،يول قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.«مائارىپى كەينىدە قالغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ»دىگەن سۆزنى ئاڭلىغانمەن.بۇ بىزگە شۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى،مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش،خەلقنى بىلىملىك،ئىقتىساسلىق قىلىپ يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئولۇغۋار غايىگە يېتىش ئۈچۈن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش،مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلگەندە كىتابخانا ۋە كۈتۈبخانىلار چۆلدەرەپ قالمايدۇ،بايا تىلغا ئالغان ئوقۇتقۇچى قىزلاردەك تېشى پال-پال،ئىچى غال-غال كىشىلىرىمىزنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ،ئىلمخۇمار كىشىلىرىمىز شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ.كىممۇ ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟
قىسقىسى،ۋەتەننى گۈللەندۈرىمىز،مىللىتىمىزنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز،روھىيىتىمىزدىكى چىرىك،ناچار ئىدىيىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،نادانلىق بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ،قىممەتلىك ۋاقتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتابخانىلارنى ئارىلاش ۋە كىتاب كۆرۈپ زېھنى-قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشقىمۇ سەرپ قىلايلىكى،ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا ھەرگىز يول قويمايلى،كىتابنىڭ كەلگۈسى يولىمىزنى يورۇتقۇچى ماياك ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلى!
رىياسەتچى قىز:ئەدىبە زۆھرەگۈل ھامۇتنىڭ ماقالىسى ساۋاقداشلارغا ئەمەلىي دەرسلىك بولدى.سىزگە تەشەككۈر بولسۇن!بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىڭىز نۇرانە بولغاي!(زۆھرەگۈل ھامۇت سەھنىدىن ئايرىلىدۇ)تۆۋەندە توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن شائىرە ھاجىرە قاسىم ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا كىتاب ھەققىدە بىر پارچە شېئىر تەقدىم قىلماقچى،قېنى،ھاجىرە مەرھەمەت!
ھاجىرە قاسىم:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى،مەن توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ھاجىرە قاسىم!بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق مەشرەپكە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىمدىن بەك خۇشال بولۇۋاتىمەن.تۆۋەندە سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا«كىتاب»ناملىق شېئىرىمنى سوۋغا قىلىمەن:
ئاپتورى:ھاجىرە قاسىم
كىتابقا مۇھەببەت
چۈشۈرمەيمەن سېنى قولۇمدىن،
مەيلى كۈندۈز ۋە مەيلى كېچە.
تىنىقلىرىم ساڭا ھەمنەپەس،
كۈچ بەرگەچكە سەنلا يۈرەككە.

مۇمكىن ئەمەس سېنىڭسىز ياشاش،
ئازاب چېكىش نە خۇشال بولۇش.
مۇمكىن ئەمەس ھەتتاكى ماڭا،
ئېتىقاد ۋە ئىشەنچكە تولۇش.

ئىشقىڭدا مەجنۇنمۇ نامى نىمە؟
ۋىسال تاپسام جەننەتكىمۇ كىرمەيمەن.
دوزاق قۇبۇل قىلسام قىلايكى،
سەندىن ئايرىلىشقا قىيمايمەن.
رىياسەتچى قىز:شائىرەمىزنىڭ ئارلىقنى يىراق كۆرمەي پائالىيىتىمىزگە قىزغىن ئىشتىراك قىلغىنىدىن ساۋاقداشلار زور ئىلھام ئالدىغۇ دەيمەن؟شۇنداقمۇ ساۋاقداشلار؟ھاجىرە خانىم،سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!
رىياسەتچى يىگىت:ئەمدى پائالىيىتىمىز ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ.بۇ باسقۇچلۇق پائالىيەتنىڭ[بىرىنچى]تۈرىدە ساۋاقداشلارنىڭ كىتاب ھەققىدىكى چۈچۈك بايانلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن!بۇ باسقۇچتا ئەڭ ياخشى ئەسەر ئوقۇغۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە تاللاپ چىقىلىپ،بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر،ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر،ئۈچىنچى دەرىجلىك مۇكاپات بىر نەپەر تاللىنىدۇ.ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ تەييارلىقى قانداقراقكىن؟سەھنىمىزXيىللىقXسىنىپ ئوقۇغۇچىسى مېھرىگۈل تۇرسۇنغا قالدى.مېھرىگۈل،قېنى مەرھەمەت!
مېھرىگۈل تۇرسۇن: ( سەھنىگە چىقىپ ئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار!مەنX يىللىقX سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مېھرىگۈل تۇرسۇن،تۆۋەندە«كىتاب-ئەقىل بۇلىقى»ناملىق نەسىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن: (ئامال بار يادقا ئېلىپ،ھىسسىياتلىق ئوقۇسۇن)
كىتاب-ئەقىل بۇلىقى
(نەسىر)
مىھرىگۈل تۇرسۇن
كىتاب، ئۇ بىلىم بۇلىقىدۇر. كىتاب روھقا مەشئەل، بۇ مەشئەل مەڭگۈلۈك ئۆچمەيدۇ. كىتابتىن ئىبارەت بۇ مەشئەل بولغاچقىلا، ئىلىم-مەرىپەت شۇ بۇلاقتىن ئېقىپ چۈشكەن ئابى چەشمىلەردەك ھەرتەرەپلەرگە تارقالغان، ئابى چەشمىلەرگە ئىنتىزار بولغان قاغجىرغان قەلىبلەرنى ياشناتقان. مەنمۇ شۇ بۇلاقتىن ئۇزۇق ئېلىپ ھاياتنىڭ يوللىرىغا قەدەم قويغان.
    بالىلىقىمدا ئۇ مەن ئۈچۈن چۆچەكلەر دېڭىزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ ھېكايە چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ تاتلىق خىياللار دۇنياسىغا جۆر بولغان. ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئاسماندا ئۇچقان، پالۋانلاردەك ئاجايىپ جەسۇرلۇقلارنى كۆرسەتكەن. مەن شۇ كىتابلاردىكى چۆچەكلەردىن يامانلاردىن نەپرەتلىنىشنى ياخشىلارغا يولداش بولۇشنى، مېھرى مۇھەببەتنى، ئەخلاقنى...ئۆگەنگەن. كەلگۈسۈم ھەققىدە ئاجايىپ شىرىن خىياللارنى سۈرگەن.
ياشلىقىمدا ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغىنىمدا، ئۇ مېنىڭ دوستۇملا ئەمەس، ئۇستازىمغا ئايلاندى. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلماس بولدۇم. تەقدىرنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا، ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندە مەن ئۇستازىمغا-كىتابىقا مۇراجەت قىلدىم. ئۇ ماڭا ھەرقانداق شەيئىگە ئەقىل كۆزى بىلەن قاراشنى، ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى، ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچۇرغاندا، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويماسلىقنى ئۆگەتتى. ئۇ بولغاچقىلا قىيىنچىلىق ئالدىدا تەلۋىلەرچە ۋايساپ يۈرمىدىم. بەلكى تەمكىن ھالدا خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى، ئۈمۈد ۋە ئىشەنىچ بىلەن ياشاشنى ئۇنىڭ قۇر،بەتلىرىدىن ئۆگەندىم.
  كىتاب!ئۇ مەن يالغۇز قالغاندا مۇڭداشچى دوست، بوشاشقاندا كۈچ-شىجائەت بەردى. ئۇ بولغاچقىلا ئۆزۈمنى تەنھا ھېساپلىمايمەن. شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ ئاددى ھەم مېھنەتسىز، خالىس بەتلىرىگە قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.
ئەقىللىق بوۋا-مېھرىبان مومىلىرىمىز شاھانە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، كۆچۈرۈپ ساقلىغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار كىتاب ئارقىلىق كائىنات ۋە ئۆزى ھەققىدە يارقىن چۈشەنچىلەرنى تىكلىيەلىگەن. ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى سەندىن ئىبارەت ماددى بۇيۇمغا ئايلاندۇرغان.
ئېھ،كىتاب! سەن نېمە دېگەن ئېسىل خىسلەتلىك مەشئەلسەن-ھە! كىتاب سېنىڭ ئاشۇ نۇرانە يۇرۇقىڭدا قانچىلىغان پەن ئالىملىرى ساڭا خۇشتار بولۇپ، ئىنسانىيەت، ۋەتەن، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختى سائادىتى ئۈچۈن تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدىن گۆھەرلەر سۈزۈپ، نى-نى ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى ياراتقان، قانچىلىك مۇنەۋەر باغۋەنلەر سەن ئارقىلىق، ياش ئەۋللاتلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم-پەن نۇرلىرىنى چاچقان، قانچىلىغان كىشىلەر سەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان-ھە!
  ساڭا چەكسىز ھۆرمەت بىلەن قاراۋاتىمەن، سەندە بىلىمنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدىرەتلىرى، بارلىق ئەقىل پراسەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. سەن بولغاچقىلا پەخىرلىك ئەجداتلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى، قىممەتلىك ئەسەرلىرى سېنىڭ بەتلىرىڭدىن ئورۇن ئالغان، سەن غايە يولۇمدا نىشان كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق مەشئەلسەن. ئۆزۈڭ ئاددى بولساڭمۇ لېكىن قۇدرەتلىك كۈچكە ئېگىسەن. سېنىڭ ھېكمىتىڭدىن، ھەربىر قۇرلىرىڭدىن بىلىم جەۋھەرلىرىنى يىغىۋاتىمەن. خۇددى«چىراق يېقىپ يۇرۇق ئال، كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئال» دىگەندەك.
  توغرا، سەندىن بىلىملا ئەمەس، ئەقىل تاپتىم، ھاياتلىق يولۇمنى تاپتىم، كېيىنكى يولۇمدا مەن ساڭا يەنىلا مۇھتاجدۇرمەن. سېنىڭ مەدەتلىرىڭگە، يول كۆرسىتىشلىرىڭگە مۇھتاجمەن. مەن ساڭا يېقىن،سەنمۇ ھەم ماڭا...
رىياسەتچى قىز:ئوماق سىڭلىمنىڭ ئويغاق تەپەككۈرىگە مىڭ ئاپىرىن!قېنى،تۆۋەندە ئولتۇرغان باھالىغۇچىلار بۇ سىڭلىمغا قانداق باھا بەردىكىن؟
(باھالىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم قويغان نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ،رىياسەتچى قىز باھالىغۇچىلار قويغان نومۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن)ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلسۇن.(تۆۋەندىكى باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن نومۇرنى جاكارلايدۇ)ساۋاقداش مېھرىگۈلنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىXنومۇر!،مېھرىگۈل مۇبارەك بولسۇن!سىڭلىمنى قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن سەھنىدىن ئۇزىتىپ قويايلى!
نۆۋەتتە X يىللىقX سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەمەر ھوزۇرۇڭلارغا بىر پارچە قىممەتلىك ئەسىرىنى سۇنماقچى،پەزىلەت،قېنى،سەھنىگە مەرھەمەت!
  2.پەزىلەت ئەمەرسەھنىگە چىقىپ ئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار! X يىللىقX سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەمەردىن ھەر قايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام!ئالىي ئېھتىرام! تۆۋەندە سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىم:«كىتاب -كۈچ»!
كىتاب -كۈچ
(مۇھاكىمە ماقالىسى)
پەزىلەت ئەمەر
«كىتاب-پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇقى.»
- شىكىسپىر
خەلقىمىز ئەزەلدىن تارتىپلا كىتابنى جېنىدىنمۇ ئەزىزلەپ ، ئەتىۋارلاپ كەلگەن. كىتاب ئوقۇشنىڭ قىممىتى ،ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىزگە نۇرغۇنلىغان  قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى قالدۇرغان.
توغرا،كىتاب ئۇ بىر بىلىم خەزىنىسى،كىتاب بىزگە كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاق-قارىنى تونۇشىمىزغا ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ،دۇنيا قارىشى تىكلىشىمىزگە ئۇل ھازىرلاپ بېرىدىغان مەڭگۈلۈك پەن-مەدەنيەت خەزىنىلىرىنىڭ بىرى.
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر ئەدىبلەردىن مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق كىشىلىرىمىزمۇ كىتابتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ،مەشھۇر قول يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرغان .بىز ئەنە شۇ ئەدەبىي مىراسلىرىمىزدىن تا ھازىرغىچە پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمىز.
ئەمما، جەمئيىتمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى بارا-بارا تۆۋەنلەپ بارماقتا، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەملىكىتىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان تۆۋەنلەپ بارغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان .كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشى ھەرخىل بولۇپ ، ئوتتۇرا ياشلىقلار:«كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقىت يوق » دېيىشىدۇ، ياشلار :« كىتاب بەك قىممەت ،سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ  ياكى كىتاب ئارىيەت بېرىدىغان ئورۇن يوق دەيدۇ»دەيدۇ.
ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆزىتىپ باقساق ،كىشىلەرنىڭ ئىستىمال   سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ،كىتابخانىلارغا قارىغاندا رېستۇراندا ئويۇن –تاماشا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە؛ مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ «ناخشا –ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن خەلق» دېگەن نامى بار.توغرا،ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ بۇجەھەتتىكى نەتىجىلىرىمىزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. مەسىلەن: 12مۇقام دۇنيا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ،زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى،بىزنى دۇنياغا تونۇتتى...
بىز ئويلاپ باقايلى،ئەگەردە بىز ئۆزىمىزنى ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت دەپ پەخىرلىنىپ، ناخشا –ئۇسسۇل بىلەنلا بولۇپ كەتسەك  ،كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىزدىن نېمىمۇ قالۇر؟ بىزدىكى ئەنە شۇ«ناخشا –ئۇسسۇلغا ماھىر» دېگەن قۇرۇق نامىمىز قالۇرمۇ؟ مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ،قارايمەن.
مەلۇم بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە،يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ،ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ كىتابنى ئىنتايىن ئەتىۋارلىغان،يەنى يەھۇدىيلار كىتابقا ھەسەل سۈرتۈپ بالىسىغا يالاتقان.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ،ئۇلار كىتابتىن ئىبارەت بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بايلىقنى ئەتىۋارلىغانلىقتىن تەرەققىي قىلالىغان.مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئوتتۇرغا قويۇلىشىچە،كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ بارغان بىلەن ئەكىسچە توردا ماتېرىيال كۆرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇچۇر،تور تېخنىكىسىمۇ تېز سۈرئەتتە راۋاجلانماقتا.ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئەمما بۇنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ خېلى كۆپ جەھەتلەردە ئىپادىلەندى.بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىزدىنىش روھىنى بارا-بارا سۇسلاشتۇرۇپ،ھورۇنلۇققا قاراپ يۈزلەندۈردى.مەسىلەن: تۇلۇقسىز  ئوتتۇرىدىكى مەزگىلىمىزدە مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى ئاختۇرۇپ ئىزدىنىپ،شۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ئەستايىدىل ئىشلەپ چىقاتتۇق،ئەمما ھازىرچۇ؟ئوقۇغۇچىلار توردىنىلا ئاختۇرۇپ،تەييار ماقالىلەرنى كۆچۈرىدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالدى.شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجادىي قابىليىتىنى يېتىلدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشقا باشلىدى.
دېمەكچى،تورنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى زىيانلىق تەرەپلەرگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ.ئەمما بىز چۇقۇم توردىن پايدىلانغاندا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز،شۇنداقلا كىتابتىن ئىبارەت بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىناس دوستىمىزنى يېنىمىزدىن ئايرىماسلىقىمىز لازىم .
رىياسەتچى يىگىت:مانا تالانت دىگەن! كۆزىمىزنى يوغان ئاچساق مەكتىپىمىزدە تالانتلىق بالىلار خېلى باركەن-ھە؟ئولتۇرغانلار چاۋاك يوقمۇ؟(تۆۋەندىن چاۋاك چېلىنىپ بولغاندىن كېيىن)
رىياسەتچى قىز:قېنى،تۆۋەندە ئولتۇرغان باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ باقايلى!
(باھالىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم قويغان نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ.رىياسەتچى قىز باھالىغۇچىلار قويغان نومۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلسۇن.(تۆۋەندىكى باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن نومۇرنى جاكارلايدۇ)ساۋاقداش پەزىلەتنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىXنومۇر!ساۋاقداش پەزىلەت،مۇبارەك بولسۇن!قېنى،سەھنىدىن چۈشۈپ ئارام ئېلىڭ!
ئەمدى ساۋاقداش نۇرزادەم ئەركىن بىزگە قانداق كۆڭۈل سوۋغىسى ئېلىپ كەلگەندۇ؟قېنى ئاڭلاپ باقايلى!
نۇرزادەم ئەركىنئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار!مەنX يىللىقX سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نۇرزادەم ئەركىن!تۆۋەندە«كىتاپ بىباھا گۆھەر»ناملىق مۇھاكىمە ماقالىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن:
كىتاپ بىباھا گۆھەر
(مۇھاكىمە ماقالىسى)
نۇرزادەم ئەركىن
     «كىتاب ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى»
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
دەرىستىن چۈشۈپ كۈتۈپخانىغا ماڭدىم،كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرۋاتقان بىر قانچە ئوقوغۇچىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى،مەن ئالدىدىكى بىر قانچە كىتاپ رامكىسىدىن ئۆتۈپ كەينىدىكىرەك كىتاپ رامكىسىدىن ئۆزۈمگە لازىملىق ماتېرىياللارنى ئىزدەشكە كىرىشتىم،تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا بوش پىچىرلاشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى.ئەسلىدە ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ يېزىپ قالدۇرغان ئۇلۇغ ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان‹‹قۇتادغۇبىلىك›› بىلەن سېلىشتۇرما تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى يېزىپ قالدۇرغان ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››سۆھبەتكە چۈشكەن ئىكەن.
-سىزنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى،-سورىدى«قۇتادغۇبىلىگ»،«تۈركي تىللاردىۋانى»دىن.
-بىرەر ئىككى ئاي بولدىغۇ دەيمەن ئارىيەتكە ئالىدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك ، ھازىر ئالدىدىكى كىتاپ جازىلىرىدىكى كىتاپلارنىڭ بازىرى ئىتتىك ئۇلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار كۆپ، ھەراس سىزنىچۇ؟-سورىدى« تۈركىي تىللار دىۋانى».
-مېنىڭ ھالىم سىزدىنمۇ ئېغىر، بىرەر ئىككى كۆرۈرمەن قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ھېچكىم قاراپمۇ قويمايدۇ،- دىدى «تۈركىي تىللار دىۋانى» .
-بەزىدە بىرەر ئىككى ھەپتە بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن،قانداق ۋاقتىدا دەمسىز؟مۇئەللىملەر مېنى ئوقوغۇچىلارغا ئوقۇشقا بۇيرىغاندا،بۇنداق ۋاقىتلاردا ئوقوغۇچىلار توپ-توپ بولۇپ مەن ۋە باللىرىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدۇ.بۇنداق ۋاقىتلاردا تازا ئىچ پۇشۇقۇم چىقىپ شۇنداق مۇئەللىملەردىن تولىمۇ مەمنۇن بولىمەن،لېكىن بۇنداق ۋاقىتلار ناھايتى ئاز،ئىلگىرى تولىمۇ ئەتىۋار ئىدۇق، پادىشاھلار بىزنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىتىكى قانۇن دەپ بىلەتتى.ھەر قانداق ئېسىل سورۇنلاردا چوقۇم بىزنىڭ نام-شەرىپىمز چىقماي قالمايتتى،لېكىن ھازىرچۇ؟!
ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خىجىللىقتىن يۈزۈم چىمىلداشقا باشلىدى،راس گەپنى قىلسام مەنمۇ بۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتىم. پەقەت ئاچچىقى يامان مۇئەللىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم،خېلى كۆپ ئوقوغۇچىلار شۇنداق ئىدى .
قارىغاندا،ھازىر كىتاپ ئوقۇيدىغانلار،بولۇپمۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغانلار كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ مېڭىۋاتامدۇ قانداق؟بەزى ياشلىرىمىز ھازىرقىدەك ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدە كىتاپ ئوقۇشنى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق، دەۋرنىڭ كەينىدە قالغانلىق دەپ ئويلايدۇ،ھەتتا بەزى جايلاردا كىتاپخانىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ،ئۇلارنىڭ ئورنىنى تورخانىلار ئىگەللىمەكتە. نۇرغۇن كىشلەر بۇنداق ھادىسىنى مۇقەررەرلىك دەپ قارايدىكەن.
ئۇنداقتا كىتاپخانىلارنىڭ تاقىلىپ،تورخانىلارنىڭ كۆپىيشى مۇقەررەرمۇ؟!كىتاپخانىلارنىڭ راستىنلا رولى قالمىدىمۇ؟
مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.كىتاب ئىنسانلار روھىيتىنى پاكلايدىغان مەنىۋى ئەڭگۈشتەر،نادانلىقنىڭ كۈشەندىسى،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ ئىنسانىيەتنىڭ قەلىپ كۆزىگە رۇشەنلىك، روھىغا جەڭگىۋارلىق ئاتا قىلغۇچى ماياك. چاڭقىغان دىللارنى ئۆزىنىڭ ئابىھايات كەۋسەر سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ، دىللارنى ياشناتقۇچى مەنىۋى بۇلاق.بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى كىتاپ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
كىتابسىز تەرەققىياتتىن، گۈللىنىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.بىز نەزىرىمىزنى ئۇزاق تارىخقا تىكىدىغان بولساق، قايسى مىللەت كىتابنى ئۆزىگە دوست قىلدى،شۇ مىللەت گۈللىنىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن شان-شەرەپلەرنى قۇچۇپ، يوقۇرى ئورۇن تۇتۇپ كەلدى.ئەكسىچە،مال-دۇنيانى ئۆزىگە باش پانا قىلغانلار بولسا خۇددى مامكاپ گۈلىدەك توزۇپ،ھېچقانداق نام نىشانسىز دۇنيادىن ئايرىلدى.
ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالساق،كەسىپتە راۋاجلانغان شەرەپ قۇچقان كىشلەرنىڭ ھەممىسى كىتاپنى ئۆزىگە سىرداش دوست قىلغان، كىتاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى بىردىنبىر چىقىش نۇقتىسىغا ئايلانغان.شۇنداق بولغاچقىلا ئۇلارنىڭ بۈگۈنى گۈزەل بولۇپ،ئەتىگە پۇختا ئۇلمۇ سالالىغان.
ئەمما،نۆۋەتتە بىر قىسىم ياشلار كىتاپ ئوقۇشنى ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قاراپ،كۈنلىرىنى تورخانىدا،دىبالاردا ئۆتكۈزمەكتە،ۋاقىتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماقتا.داڭلىق يازغۇچى جون دىۋىي‹‹ئادەمنىڭ دۆت ھاماقەت بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپ- ئۇلارنىڭ ئۆز ھەركىتىنىڭ مەقسىدى ۋە كېيىنكى نەتىجىسىنى بىلمىگەنلىكىدە»دىگەن ئىكەن.شۇنداق،بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىزنى ھېچ بولمىسا قاۋاققا،بەزمىخانىلارغا بارماي،تورخانىلارغا باردى دېسەكمۇ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ھېچبىر مەقسەتسىز ھالدىلا توردا پاراڭلىشىش، ئويۇن ئويناش، كىنو كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۈنلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەكتە.توردىن پايدىلىنىپ ماتېرىيال كۆرىدىغانلار ئانچە كۆپمۇ ئەمەس.
ئەجەبا بۇ دەۋرگە ماسلاشقانلىق بولامدۇ؟بۇ كۈنلەرنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىك بولامدۇ؟ ياق ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئەكىسچە ئۇلار دەل دەۋرنىڭ كەينىدە قالغانلاردۇر.باشقىلار كۆكتە ئۇچىۋاتسا،يالاڭئاياق ھالدا تىكەن دەسسەپ تەمتىرەپ يۈرگەنلەردۇر.
قىسقىسى،كىتاپ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ،كىتاپسز دۇنيا كۈلمەيدۇ، مىللەت گۈللەنمەيدۇ،ئىنسان راۋاجلانمايدۇ.سۇسىز ئىنسانىيەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمىغاندەك كىتاپسىز ھايات كۈلمەيدۇ .شۇڭا زامانغا ھەقىقىي تۈردە ماسلىشىمىز،ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز،ئالدى بىلەن كىتابنى دوست تۇتۇشىمىز، كۈنلىرىمىزنى كىتابسىز ئۆتكۈزمەسلىكىمىز،كىتاب ئوقۇش،كىتابتىن بىلىم ئىگەللەش ئادىتىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك.دوستلار،كىتاب ئوقۇيلى، كىتابلىرىمىزنى چاڭ بېسىپ قالمىسۇن.
رىياسەتچى قىز:بۇ ئوماق سىڭلىمغا باھالىغۇچىلار قانداق باھا بەردىكىن؟(باھالىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم قويغان نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ.رىياسەتچى قىز باھالىغۇچىلار قويغان نومۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلسۇن.(تۆۋەندىكى باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن نومۇرنى جاكارلايدۇ)ساۋاقداش نۇرزادەمنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىXنومۇر!نۇرزادەم،سىزنى تەبرىكلەيمەن! بۇ ئەقىللىق سىڭلىمىزنى قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن ئۇزىتىپ قويۇش بىلەن گۈلزىيەنىڭ كىتاب ھەققىدىكى بايانلىرىغا قۇلاق سالايلى!
گۈلزىيەئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار،مەن xيىللىقxسىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈلزىيە.بۈگۈن ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا«كىتاب-بىلىم بۇلىقى»ناملىق مۇھاكىمە ماقالەمنى ئېلىپ كەلدىم.ھوزۇرلانغايسىلەر!
كىتاب-بىلىم بۇلىقى
گۈلزىيە
ھەممىمىزگە مەلۇم،بىز 21- ئەسىر ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. بۇ دەۋر ئىلىم- پەن يۈكسەك پەللىگە يەتكەن، خەلقىمىز نادانلىقتىن ئويغۇنۇپ، ئىلىم- پەننىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئىنسانلار دۇنياسى ئىلىم- پەننى قورال قىلىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى باشقا ئەللەرگە تونۇتىۋاتقان ياكى باشقا ئەللەرنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان مۇشۇنداق جىددى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، رىقابەتلىشىش كەسكىن بولىۋاتقان، تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىۋاتقان مانا مۇشۇنداق رىقابەت دەۋرى، ئىلىم ئۆگىنىش دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. ئۇنداقتا بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋرنىڭ رىقابەت قورالى زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ كەلگەن، يول باشلىغۇچى نۇرلۇق چىراغ- كىتاب.
ئەنگىلىيىلىك درامماتورگ شېكىسپر «كىتاب- دۇنيانىڭ ئوزۇقى،كىتابنىڭ بولماسلىقى قۇياشنىڭ بولمىغانلىقىغا ئوخشاش، ئەقىل- پاراسەت كىتاب بىلەن قوراللانمىسا،قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ» دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتقان. راست ، كىتابسىز ھايات تۇزسىز تاماققا ئوخشاش تولىمۇ تەمسىز بولىدۇ.
ناۋادا بىرسى سىزدىن«كىتاب ئوقۇشنى بىلەمسىز؟»دەپ سورىسا، سىز ئىنتايىن ھەيران بولغان ھالدا«ساۋاتلىق ئادەممۇ كىتاب ئوقۇشنى بىلمەمدۇ؟ كىتاب دېگەننى خەتنى خەتكە ئۇلاپ، بىر ۋاراق بىر ۋاراقتىن ئوقۇسا بولمىدىمۇ!»دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۈمكىن. بۇنداق دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. كىتاب ئوقۇش خەت تونۇش ياكى خەتنى خەتكە ئۇلاپ ئوقۇش بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇشتا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ، ھەتتا كىتاب ئوقۇش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدۇ ياكى مۇھىم ئابزاس جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ ماڭىدۇ ھەتتا ياخشى كۆرگەن پاساھەتلىك جۈملىلەرنى يادلىۋالىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا كىتابنى يۈزەكى ئوقۇپ قويۇپلا بولدى قىلىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا كىتابدىكى مەزمۇن خۇددى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ھېچنىمە يۇقمايدۇ. بۇنداق كىتاب ئوقۇغاننىڭ ئوقۇمىغان بىلەن ھىچقانداق پەرقى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.  
كىتاب ئوقۇشىمىزدىكى مەقسەد ـ بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، ياشاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئىگەللەش. تارىخي كىتابلارنى ئوقۇساق، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ ئۆتمۈشنى ئۆگىتىپ، كەلگۈسىنى كۆزلىتىدۇ. چۈنكى تارىخي كىتابلار بولسا ئەقىل- پاراسەت قوللانمىسىدۇر، بۇنداق كىتابلار بىزنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
كىتاب–ساپايىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى.باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغان ئادەم تېخى كۆرۈلمىدى. كىتاب كىشى قەلبىنى ئەينەن كۆرسىتىدىغان ئەينەك. باشقا مىللەتلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇستەھكەم كۆۋرۈك. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تار رامكىدىن چىقالايمىز، ئۆزىنىلا كۆزلەشتىن ئىبارەت بىر خىل ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان خىيالدىن خالىي بولالايمىز.كىتاب ئوقۇساق،ئىگىز تاققا چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك، روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ،ياشاش ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ.
بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، كىتابنىڭ تۈرى ۋە  مەزمۇن دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. كىشىلەرنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كىتاب بولسىلا ئوقۇۋېرىدىغان ياكى ئوقۇمايدىغان ھالەتتىن كىتابنى ئۆز ئەمىلىيىتىگە چىقىش قىلغان ھالەتتە تاللاپ ئوقۇيدىغان، چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان، خاتىرە قالدۇرۇپ ئوقۇيدىغان ھالەتكە ئۆزگەردى. مانا بۇ خىل كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ھازىرقى ئىلىم-پەن دەۋرىگە ماس قەدەمدە ماسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
كىتاب- قۇرىماس بىلىم بۇلىقى،كىشىلەر بۇ بۇلاقتىن قانچە كۆپ سۇ ئىچكەنسېرى، شۇنچە ھوزۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. كىتابسىز ئۆي جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ، بۇنداق جانسىز تەندە قانداقمۇ دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىستىكى بولسۇن! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ياش- ئۆسمۈرلەر كىچىكىمىزدىن تارتىپ كىتابتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور كۈچ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىلىم- پەن بىلەن قوراللاندۇرىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا 21- ئەسىرگە ماس غايىلىك، بىلىملىك، يىراقنى كۆرەر،تىرىشچان ياشلاردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىمىز.21- ئەسىر مانا مۇشۇنداق كىتابنى قەدىرلەيدىغان،ئىلىم-پەننى تەرەققىياتنىڭ قورالى قىلىدىغان، ئەقىل- پاراسەتلىك ياشلارغا مۇھتاج!
رىياسەتچى يىگىت: بۇ ئوماق سىڭلىمغا باھالىغۇچىلار قانداق باھا بەردىكىن؟(باھالىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم قويغان نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ.رىياسەتچى يىگىت باھالىغۇچىلار قويغان نومۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن)ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلسۇن.(تۆۋەندىكى باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن نومۇرنى جاكارلايدۇ)ساۋاقداش گۈلزىيەنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىXنومۇر!ساۋاقداش گۈلزىيە،مۇبارەك بولسۇن!سىزنى تەبرىكلەيمەن!
تۆۋەندە ساۋاقداش رىزۋانگۈل ياسىن بىزگە كىتاب ھەققىدە لىرىكا ئوقۇپ بەرمەكچى.رىزۋانگۈل،قېنى،سەھنىگە مەرھەمەت!
(ئولتۇرغانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار،مەن xيىللىقxسىنىپ ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۈل ياسىن.بۈگۈن«كىتاب»ناملىق شېئىرىمنى ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن.
كىتاب
           رىزۋانگۈل ياسىن
مەرىپەت بېغىنىڭ باغۋەنى كىتاب،
تەرلىگەن ھەر تەننىڭ سايۋەنى كىتاب.
دىلخەستە كۆڭۈلگە بوپ دائىم دىلكەش،
دەرتمەننىڭ دەردىگە دەرمانىي كىتاب،

مەدەنىيەت بوستانىي، سۇلتانىي كىتاب،
ئادالەت گۈلخانىي، پايخانىي كىتاب.
ھەقىقەت بابىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ،
ئەل خەلق قەلبىدە غەمخانىي كىتاب.

ئۆتمۈشلەر شاھىدىي، گۇۋاھىي كىتاب،
بىچارە قەلىبنىڭ دەرد-ئاھى كىتاب.
ماياكتەك نۇر چېچىپ ئۈمىدسىزلەرگە،
يۇلتۇز بوپ چاقنىغان چولپانىي كىتاب.
رىياسەتچى قىز:بۇ ئوماق سىڭلىمغا باھالىغۇچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى ئاڭلاپ باقايلى! (باھالىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم قويغان نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ.رىياسەتچى قىز باھالىغۇچىلار قويغان نومۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلسۇن.(تۆۋەندىكى باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن نومۇرنى جاكارلايدۇ)ساۋاقداش رىزۋانگۈلنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىXنومۇر!رىزۋانگۈل،مۇبارەك بولسۇن!سىزنى تەبرىكلەيمەن!
رىياسەتچى يىگىت: ئەمدى مۇسابىقىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەر ئوقۇغۇچىنى بېكىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق.ئادىل،باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى بويىچە باھالىغۇچىلار قويغان نومۇردىن مەلۇم بولدىكى،ساۋاقداش  Aبىرىنچى دەرىجىلىك ئەڭ ياخشى ئەسەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا،ساۋاقداشBئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ ياخشى ئەسەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا،ساۋاقداشCئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەڭ ياخشى ئەسەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا،ساۋاقداشDEلار رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.مۇبارەك بولسۇن!مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ساۋاقداشلار سەھنىگە چىقىڭلار!بۇ ساۋاقداشلارغا ئەلقۇت سودا شىركىتى تەمىنلىگەن كۆڭۈل سوۋغىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا Aبويۇم،ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقاB بويۇم،ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقاC بويۇم، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغاDE بويۇم.سوۋغىمىزنى قوبۇل قىلىڭلار.(مۇكاپات تارقىتىلىپ،چاۋاكلار ياڭرىغاندىن كېيىن)
رىياسەتچى قىز:ئەمدى 2-باسقۇچلۇق پائالىيىتىمىزنىڭ[ئىككىنچى]تۈرىگە ئۆتىمىز.ئۇ بولسىمۇ تېز كىتاب ئوقۇش باسقۇچى!تۆۋەندە ئولتۇرغان ساۋاقداشلاردىن جەمئىي بەش نەپەر قىز،بەش نەپەر ئوغۇل بۇ باسقۇچلۇق پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.بۇ تۈردىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ساۋاقداشلار قول كۆتىرىڭلار!(رىياسەتچى قول كۆتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ سەھنىگە چىقىرىدۇ ۋە قىز-ئوغۇللارنى تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا تىك شەكىلدە،بىر-بىرىگە ئۇدۇل قارىتىپ،قىزلارنى بىر رەت،ئوغۇللارنى بىر رەت تىزىدۇ)بۇ تۈردىكى پائالىيەتكە قاتناشقان ساۋاقداشلار قولۇمدىكى باغاقچىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ.باغاقچىدىكى بىر ئابزاس جۈملىنى كىم توغرا،تېز،راۋان،ھىسسىياتلىق ئوقۇپ چىقالىسا ئەلقۇت سودا شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.سائەتكە قاراپ مىنۇت،سىكۇنت ھىسابلىنىدۇ.ئەمىسە پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز!
رىياسەتچى يىگىت:ئاۋال ئوغۇللاردىن باشلايلى ھە!(ئىككى رىياسەتچى ئوغۇللارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ)ئەمىسە،بۇ باغاقچىدىن ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ.( Aئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ).
A ئوغۇلرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز Aئوغۇلنىڭ ئوقۇغىنىغا ئاساسەن سۆزلەپ)بۇساۋاقداش باغاقچىدىكى بىر ئابزاس جۈملىنى ھەم توغرا ھەم تېز ھەم راۋان شۇنداقلا ھىسسىياتلىق ئوقۇپ چىقتى.رەھمەت سىزگە!سىزگە ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييالىغان بىر دانە Aبويۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ.سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ.(تەييارلىغان سوۋغىلارنى سەھنە سىرتىدىكىلەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت (Bئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى سىزمۇ بۇ باغاقچىنى تاللاڭ!
Bئوغۇلرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز: ئەپسۇس...بۇ ساۋاقداشنىڭ گەرچە تەلەپپۇزى توغرا بولغان بولسىمۇ دۇدۇقلاپ قالدى،كىتاب ئوقۇشتا سىلەردە ئۆزۈڭلارغا ئىشەنچىڭلار بولسۇن ساۋاقداشلار ھە!يەنە تىرىشىڭ،مۇشۇ يەرگە چىقىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
رىياسەتچى يىگىت (C ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى سىزمۇ بۇ باغاقچىنى تاللاڭ!
C ئوغۇلرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:رەھمەت!!!بەك تەسىرلىك ئوقۇدىڭىز!چاۋاك! سىزگىمۇ ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييارلىغان بىر دانە C بويۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ.سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ.
رىياسەتچى يىگىت: (D ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى مەرھەمەت!
  Dئوغۇلرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:ھەي...سىزگىمۇ ئەپسۇس...ئۇيغۇر ئورتاق تىلنى ئىشلىتىشتىكى تەلەپپۇزىڭىز ئانچە توغرا بولماي قالدى.بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!رەھمەت سىزگە!
(E ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى مەرھەمەت!
Eئوغۇلرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:ۋۇي،سىزدە ئالاھىدە ئىقتىدار باركەنغۇ؟كەلگۈسىدە رىياسەتچى بولسىڭىز بولغىدەك جۇمۇ!رەھمەت!سزگىمۇ ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييارلىغانEبويۇمدىن بىر دانە!
رىياسەتچى يىگىت:ئەمدى نۆۋەت قىزلارغا كەلدى.(ئىككى رىياسەتچى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.
ئەمىسە،بۇ باغاقچىدىن ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ.( Aقىزئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ).
A قىزرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز Aقىزنىڭ ئوقۇغىنىغا ئاساسەن سۆزلەپ)بۇساۋاقداش باغاقچىدىكى بىر ئابزاس جۈملىنى ھەم توغرا ھەم تېز ھەم راۋان شۇنداقلا ھىسسىياتلىق ئوقۇپ چىقتى.رەھمەت سىزگە!سىزگە ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييالىغان بىر دانەAبويۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ.سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ.(تەييارلىغان سوۋغىلارنى سەھنە سىرتىدىكىلەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت(B قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى سىزمۇ بۇ باغاقچىنى تاللاڭ!
Bقىزرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:ئەپسۇس...بۇ ساۋاقداشنىڭ گەرچە تەلەپپۇزى توغرا بولغان بولسىمۇ دۇدۇقلاپ قالدى،كىتاب ئوقۇشتا سىلەردە ئۆزۈڭلارغا ئىشەنچىڭلار بولسۇن ساۋاقداشلار ھە!يەنە تىرىشىڭ،مۇشۇ يەرگە چىقىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
رىياسەتچى يىگىتC قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى سىزمۇ بۇ باغاقچىنى تاللاڭ!
C قىزرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:رەھمەت!!!بەك تەسىرلىك ئوقۇدىڭىز!چاۋاك! سىزگىمۇ ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييارلىغان بىر دانەCبويۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ.سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ.
رىياسەتچى يىگىت: (Dقىزئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى مەرھەمەت!
  Dقىزرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:ھەي...سىزگىمۇ ئەپسۇس...ئۇيغۇر ئورتاق تىلنى ئىشلىتىشتىكى تەلەپپۇزىڭىز ئانچە توغرا بولماي قالدى.بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!رەھمەت سىزگە!
(E قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ باغاقچىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ)قېنى مەرھەمەت!
Eقىزرىياسەتچى سۇنغان باغاقچىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن باغاقچىدىكى ئابزاسنى ئوقۇيدۇ).
رىياسەتچى قىز:ۋۇي،سىزدە ئالاھىدە ئىقتىدار باركەنغۇ؟كەلگۈسىدە رىياسەتچى بولسىڭىز بولغىدەك جۇمۇ!رەھمەت!سزگىمۇ ئەلقۇت سودا شىركىتى تەييارلىغانEبويۇمدىن بىر دانە!
پائالىيەتنىڭ مۇشۇ تۈرىدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان 10 تال باغاقچە بار.
باغاقچىدىكى مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1) پەرھات جىلاننىڭ«مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق تارىخىي رومانىدىن ئۈزۈندە.
مەھمۇت ئاستا كېلىپ شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ،ئاشۇ ئۇنتۇلماس ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئەسلىمىلىرى بىر-بىرلەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى:قارا قۇچۇنىڭ چېكىگە كۆز يەتمەس ئۈزۈمزارلىرى،ئىلى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرى،ئۇپۇققا تاقاشقان پايانسىز قىپچاق دالاسى ۋە يەنە تاغ-داۋانلارغا چىقىپ-چۈشۈشلەر،دەريا-ئېقىنلاردىن سال ۋە يەل تولدۇرۇلغان تورسۇقلار بىلەن كېزىپ ئۆتۈشلەر،قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى قۇيۇن-بورانلار،ئادەمزاتسىز باياۋاندىكى كېچىلەردە تۆگىلەرنى چۆكتۈرۈپ قويۇپ گۈلخان يېنىدا نۆۋەت بىلەن ئولتۇرۇشلار،تۈن قاراڭغۇسى ئىچىدىن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى...كۈنلەر،ئايلار،ھەتتاكى يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتتى.ئەنە شۇ خىلدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەھمۇتنىڭ بۇ قول يازمىلىرى قۇرمۇ-قۇر،بەتمۇ-بەت كۆپىيىپ باردى ۋە ئاخىرى مانا مۇشۇنداق دەستە-دەستە بولۇپ توپلاندى.بۇ قول يازمىلارنى ئۇ قانچە-قانچە قېتىملار مۇلاھىزە قىلىپ چىققان!قانچە-قانچە قېتىملار تۈزىتىپ،كۆچۈرۈپ رەتلىگەن؟(مەزكۇر روماننىڭ432-بەتتىن ئېلىندى).
2)«يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەسىھەتلىرى»دىگەن كىتابتىن ئۈزۈندە.
بىر قانچە نەرسە ئادەم ئۈچۈن ياۋۇزدۇر:ئىنسان ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالسا،ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ.بۇلاردىن  بىرى يالغان سۆزلەش.ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى سۆزىدە تۇرماسلىق.ئۈچىنچى بىرى ئىچىملىككە بېرىلىش.بۇنداق ئادەم شۈبھىسىزكى،تامامەن بىھۇدە ياشايدۇ.يەنە بىرى جاھىللىقتۇر.جاھىل مىجەزلىك(ئادەمگە)خۇشاللىق بولمايدۇ.يارىماس(ئادەتنىڭ يەنە بىرى پەسكەش قىلىقتۇر،بۇنداق ئادەم كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە سورۇقچىلىق سالىدۇ.يەنە بىرى تىلى يامان،قەھر-غەزەبلىك بولۇش،(بۇنداقلار)ئېغىز ئېچىپ سۆكسە كىشىنى ئازابلايدۇ.بۇ بىر قانچە نەرسە بىر ئادەمدە يىغىلسا،ئۇنداقلاردىن مۇقەددەس بەخت تېزىپ يىراقلىشىدۇ.پەلەك ئاڭا باقمايدۇ،بېشى گاڭگىراپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خۇي-پەيلىمۇ ئاينىيدۇ. (مەزكۇر كىتابنىڭ51-52-بېتىدىن ئېلىندى).
3)«لوقمان ھەكىم مۇنداق دەيدۇ»ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندە.
لوخمان ھەكىم ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ:
«ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇپ،ۋىجدانى بۇرچۇڭنى ئادا قىلىدىغان بول؛كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل؛ئادەملەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ،يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان قىل؛ئۆمرۈڭدە يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەر؛بىرى ساڭا ئۆكتەملىك قىلىپ زۇلۇم سالسا،سەن ئادىللىق بىلەن ئەپۇچان بول؛دۇنيادا ئابروي،ئاتاق ئۈچۈن ياشىما،كىچىك پېئىل بول؛ھەر قانداق ئىشتا ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل،ئالدىراڭغۇ بولما،سۆرەلمىلىكمۇ قىلما؛سىيلىق-سىپايە بول،ھاكاۋۇر،مەنمەنچى،قۇرۇق سۆزلۈك بولۇپ قالما.شۇ ئارقىلىق خەلققە ئۈلگە بول،»-دەپتۇ.(مەزكۇر كىتابنىڭ84-85-بېتىدىن ئېلىندى).
4)ئۆزبېك يازغۇچىسى ئايبېكنىڭ«نەۋائىي»ناملىق رومانىدىن ئۈزۈندە.
ياخشى بىلىمىزكى،ئەلشىر ياش چېغىدا ئىككى تىلدا گۈزەل ئەسەرلەر ئىجاد ئەتكەن ھەم«ئىككى تىللىق»دىگەن لەقەم بىلەن شۆھرەتلىك بولغانىدى.مەرھۇم ئوبۇلقاسىم بابىر سارىيىغا خىزمەتكە كىرگەندە،ئەلشىر ئون بەش ياشلاردا ئىدىغۇ دەيمەن.شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆزبېك ۋە پارس تىللىرىدا يازغان شېئىرلىرى ئەل ئارىسىدا ھەم شائىرلارنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى ياخشى باھاغا ئىگە ئىدى.پارسچە ئەسەرلىرىگە«پانى»،ئۆزبېكچە ئەسەرلىرىگە«نەۋائىي»دەپ ئىمزا قويغان بۇ بالا،سۆز دېڭىزىدىن شۇنداق گۆھەرلەر چاچتىكى،بۇنىڭغا ئەڭ داڭلىق قەلەم ماھىرلىرى ئەجەبلىنىپ ھەيران بولدى.(مەزكۇر روماننىڭ23-بېتىدىن ئېلىندى).
5)كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوزنىڭ1982-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومانى:«غېرىبانە يۈز يىل»دىن ئۈزۈندە:
ئۇرسۇلانىڭ كەپتەردەك ئاپئاق يېڭى ئۆيى پۈتكەنىدى.كېيىن ئۆي چېيى بېرىلدى.ئۇرسۇلا ھېلىقى كەچقۇرۇن رېبىكا بىلەن ئامارانتانىڭ بويىغا يېتىپ چوپچوڭ لېۋەن قىزلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدىلا ئۆينى كېڭەيتىپ سېلىش ئويى كۆڭلىدە بىخ سۈرگەنىدى.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،بۇ ئۆينى كېڭەيتىپ سېلىشتىكى ئاساسى مەقسىدى،بۇ قىزلارغا مېھمانلىرىنى چىرايلىق كۈتۈۋالغۇدەك جاي ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى.ئۇرسۇلا بۇ ئارمىنىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆينى سېلىش جەريانىدا خۇددى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان جىنايەتچىدەك كۈچەپ ئىشلىدى.(مەزكۇر روماننىڭ97-بېتىدىن ئېلىندى).
6)ئۆزبېك يازغۇچىسى سەئدۇللا سىيايېفنىڭ«ئەھمەد يەسسەۋىي»رومانىدىن ئۈزۈندە.
سۇلتانۇل ئارىپىننىڭ بىر چاپقۇر ئېتى بار ئىدى.ھەزرەت ئۇنى بابا ماچىنغا تاپشۇرغانىدى.باباقۇل تائەت-ئىبادەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نېرى كەتمەيتتى؛سۇ بويىغا ئاپىرىپ سۇغىراتتى،يۇيۇپ تارايتتى،يەم توۋرىسىنى قۇرۇق قويماسلىققا تىرىشاتتى.ئاتمۇ بابا قۇلغا ئوخشاش ئۇچقۇر ئاياغ بولۇپ،زادى تىنىم تاپمايتتى؛بىر يەردە ئۇزاق تۇرسا پۇشقۇرۇپ،بىئارام بولاتتى.باباقۇل«مەنمۇ ئۇچقۇر ئاياغ،سەنمۇ ئۇچقۇر ئاياغ»دەپ قوياتتى ۋە ئۇنى يېتىلەپ ئەتراپنى ئايلىناتتى.بىر كۈنى شەيخ ئاتخانىغا كىردى،قارىسا ئات يەرنى تېپىپ،باغلاقنى ئۈزۈشكە ئورۇنۇۋاتاتتى.«ئاتمۇ زېرىكىپتۇ،باباقۇل-دىدى ھەزرەت،-يول تەييارلىقىنى كۆرۈڭ،جۈمە كۈنى يولغا چىققايمىز».(مەزكۇر روماننىڭ295-بېتىدىن ئېلىندى).
7)ئەنگىلىيە يازغۇچىسى سىتېفىن خاۋكىڭنىڭ ئىلىم-پەن ئەسىرى«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندە:
سۇنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا،يېتەرلىك دەرىجىدە ئېھتىيات قىلسىڭىزلا،ئۇنى«زىيادە سوۋۇتالايسىز»،يەنى ئۇنىڭ تېمپىراتورىسىنى توڭلاش نوقتىسى(℃0)تىن تۆۋەنلەتسىڭىزمۇ ئۇ مۇز تۇتمايدۇ.گوۋس مۇنداق دەپ قارايدۇ:ئالەمنىڭ ھەركىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ،ئالەمنىڭ تېمپىراتورىسى كىرىتىك قىممەتتىن تۆۋەن ھالەتكىچە تۆۋەنلىسىمۇ،ئوخشاش بولمىغان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىممېتىرىيىلىكنى بۇزۇۋەتمەيدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە،ئالەم بىر مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئىنىرگىيىسى سىممېتىرىيىلىك بۇزۇلغان چاغدىكىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ.بۇ ئالاھىدە،نورمىدىن تاشقىرى ئېنىرگىيە تەتۈر تارتىش كۈچى تەسىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.ئۇنىڭ رولى بىر ئالەم تۇراقلىق سانىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.(مەزكۇر كىتابنىڭ227-بېتىدىن ئېلىندى).
8)پولات ئاماننۇرىنىڭ«ئۇنتۇلماس سىمالار»ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە:
زۇردۇن سابىر1937-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام يېزىسى مۇرات مەھەللىسىدە تۇغۇلغان،1954-يىلدىن1957-يىلغىچە ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان.غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتى ۋە غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ،مۇھەررىر بولغان.1981-يىلدىن باشلاپ،ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان.زۇردۇن سابىرنىڭ«دولان ياشلىرى»قاتارلىق62پارچەھېكايىسى،«سۈبھى»قاتارلىق 18پارچە پوۋېستى،بەش ئەدەبىي ئوبزور ماقالىسى،ئىككى زىيارەت خاتىرىسى،بىر دىراممىسى،تۆت رومانى(جەمئىي يەتتە كىتاب)ئېلان قىلىنغان.زۇردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. (مەزكۇر كىتابنىڭ58-59-بېتىدىن ئېلىندى).  
9)شائىرە ھاجىرە قاسىمنىڭ«ئاچچىق-چۈچۈك ئىلھاملار»ناملىق ساتىرالار توپلىمىدىن ئۈزۈندە:
كىتاب ئېلىپ قويۇڭلار
قېرىنداشلار-تۇغقانلار كىتاب ئېلىپ قويۇڭلار،
ساۋاقداشلار،ئاداشلار كىتاب ئېلىپ قويۇڭلار.
ئوقۇسۇن دەپ سىلەرنى،كىتاب يازدىم ھەم ساتتىم،
خەت ئوقۇشنى ئۇققانلار كىتاب ئېلىپ قويۇڭلار.

ئېلىڭلارچۇ بىر كىتاب،كىتابقا يوق پۇل دىمەي،
ئالدىرايمىز قاۋاققا،قېنى ئاداش بول دىمەي.
يايرىمامدۇ جان دىگەن،سېرىق يۇمۇر،مەي بىلەن،
كىتاب يېزىپ ساتقانلار،ئەخمەقلىققە قۇل دىمەي.

ئېزىپ-تېزىپ دىمەڭلار«كىيىم مۇھىم كىتابتىن،
مەن بىزارمەن ئەزەلدىن كىتابپۇرۇش بىتابتىن.
ئۆيۈمدە بىر كىتاب يوق،ئەمما لېكىن ھەقىقەت،
ھەر خىلىنى كىيىمنىڭ،تاپالايسىز ئىشكاپتىن».
10)«بالىلار يومۇرلىرى»ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندە:
كېيىنكى قېتىم
-بۇ قېتىم ئىمتىھاندا 95نومۇر ئالساڭ،مەن ساڭا ئىسكىرىپكا ئېلىپ بېرىمەن.
-دادا،مەن ئىمتىھاندا 95نومۇر ئالدىم.
-ياخشى،ھە،ئوبدان بوپتىغۇ.
-ئۇنداقتا ماڭا ئىسكىرىپكا ئېلىپ بەر.
-بۇ قېتىم پۇل بەك قىس بولۇپ قالدى،كېيىنكى ئىمتىھاندا ئېلىپ بېرەي.
بىر ئايدىن كېيىن.
-بۇ بۇداقى ئىمتىھان نەتىجەم،كۆرۈپ باقە.
-ھە،ئاران59ئاپسەنغۇ؟
-بۇ قېتىم نومۇر قىس بولۇپ قالدى،يەنە بىر قېتىمدا بىر گەپ بولار.
(مەزكۇر كىتابنىڭ99-بېتىدىن ئېلىندى)
رىياسەتچى يىگىت: ئەمدى 2-باسقۇچلۇق پائالىيىتىمىزنىڭ[ئۈچىنچى]تۈرىگە ئۆتىمىز.ھازىر ياڭراتقۇدا ئاۋازلىق ئەسەر قويۇلىدۇ.تۆۋەندە ئولتۇرغانلار ئىچىدىن كىم ھازىر قويۇلماقچى بولغان ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە ئىسمىنى توغرا تاللاپ بېرەلىسە،ئەلقۇت سودا شىركىتىنىڭ تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.ئەمىسە دىققىتىڭلار ياڭراتقۇدا بولسۇن!(باھادىرنامە قويۇلىدۇ)
رىياسەتچى قىز:يۇقىرىدا ئاڭلىغان ئاۋازلىق ئەسەر :[1]
Aجاۋاب:«ئىز»ناملىق رومان.ئاپتورى:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.
B جاۋاب:«ئىزدىنىش»ناملىق رومان.ئاپتورى:زۇردۇن سابىر.
C جاۋاب:«سالچىلار»ناملىق رومان.ئاپتورى:مەمتىمىن ھۇشۇر.
D جاۋاب:«باھادىرنامە»ناملىق رومان.ئاپتورى:ياسىنجان سادىق چوغلان.
توغرا جاۋاب- Dجاۋاب.
رىياسەتچى يىگىت:قېنى،بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟كۆپچىلىك ئىچىدىن بىلىدىغانلار قول كۆتىرىڭلار!
(كۆپچىلىك ئىچىدىن بىلىدىغانلار قول كۆتىرىدۇ.رىياسەتچى تاللىغان تاماشىبىن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن)ناھايىتى توغرا جاۋاب بەردى ھە!سىزگە ئاپىرىن!كۆڭۈل سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ!قېنى مەرھەمەت!(سەھنە سىرتىدىكىلەر مۇكاپات بويۇمىنى ئەچىقىپ ئۇلارغا بېرىدۇ)
رىياسەتچى قىز:يەنە بىر پارچە ئاۋازلىق ئەسەر دىققىتىڭلاردا بولسۇن!(ئاۋازلىق ئەسەر قويۇلىدۇ.«ئەنجانباي»ناملىق رومان ئاڭلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن) يۇقىرىدا ئاڭلىغان ئاۋازلىق ئەسەر:[2]
Aجاۋاب:«ئەنجانباي»ناملىق رومان.ئاپتورى:.........
B جاۋاب:«ئانا يۇرت سۆيگۈسى»ناملىق رومان.ئاپتورى:تۇرسۇنئاي يۇنۇس.
C جاۋاب:«ئويغانغان زىمىن»ناملىق رومان.ئاپتورى:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.
Dجاۋاب:«مەھمۇت قەشقەرىي»ناملىق رومان.ئاپتورى:پەرھات جىلان.
توغرا جاۋاب-Aجاۋاب.
رىياسەتچى يىگىت:بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى نىمە؟كۆپچىلىك ئىچىدىن بىلىدىغانلار قول كۆتىرىڭلار!
(كۆپچىلىك ئىچىدىن بىلىدىغانلار قول كۆتىرىدۇ.رىياسەتچى تاللىغان تاماشىبىن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن)جاۋابىڭىز توغرا بولدى!كۆڭۈل سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ! (سەھنە سىرتىدىكىلەر مۇكاپات بويۇمىنى ئەچىقىپ ئۇلارغا بېرىدۇ)
رىياسەتچى قىز:يەنە بىر پارچە ئاۋازلىق ئەسەر دىققىتىڭلاردا بولسۇن!(ئاۋازلىق ئەسەر قويۇلىدۇ.ئەسەر ئاڭلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن) يۇقىرىدا ئاڭلىغان ئاۋازلىق ئەسەر:[3]
Aجاۋاب:«ئانا مېھرى»ناملىق نەسىر.ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت.
Bجاۋاب:«ئانا»ناملىق نەسىر.ئاپتورى:قەلبىنۇر ئېلياس.
C جاۋاب:«ئەقىل ئۈگۈتلىرى»ناملىق نەسىر.ئاپتورى:ئايشەم ئەخمەت.
Dجاۋاب:«بالامغا سۆز»ناملىق نەسىر.ئاپتورى:رىزۋانگۈل يۈسۈپ.
توغرا جاۋاب- Aجاۋاب
رىياسەتچى يىگىت:بۇ سۇئالنىڭ توغرا جاۋابىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
(كۆپچىلىك ئىچىدىن بىلىدىغانلار قول كۆتىرىدۇ.رىياسەتچى تاللىغان تاماشىبىن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن)جاۋابىڭىز ئىنتايىن توغرا بولدى!كۆڭۈل سوۋغىمىزنى قۇبۇل قىلىڭ! (سەھنە سىرتىدىكىلەر مۇكاپات بويۇمىنى ئەچىقىپ ئۇلارغا بېرىدۇ).
رىياسەتچى قىز:تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلارغا بىر مەيدان ساما ئۇسسۇلى! XيىللىقX سىنىپ قىز-ئوغۇللار كوللىكتىپى ئورۇنلايدۇ.قېنى مەرھەمەت!(ساما ئۇسسۇلى تۈگىگەندىن كېيىن رىياسەتچى داۋاملىق سۆزلەپ)پائالىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ...تۆۋەندە XيىللىقX سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دولقۇن(ئۆزگىرىشچان ئىسىم)نىڭ ئورۇنلىشىداX مەشرەپ ناۋاسى(ئەسلى ناخشا ئورۇنلىغۇچى:ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ.بۇ ناخشا مۇشۇ مەشرەپكە بەكمۇ ماس كېلىدۇ)ناملىق ناخشا!ساۋاقداش دولقۇن،قېنى،سەھنىگە مەرھەمەت!(ئالمىرەنىڭ ناخشىسى تۈگىگەندىن كېيىن رىياسەتچى سەھنىگە چىقىدۇ).
رىياسەتچى يىگىت:مەشرەپ ئىنتايىن قىزغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئەمدى پائالىيىتىمىز ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى.بۇ باسقۇچنىڭ [بىرىنچى]تۈرى-تۆۋەندە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر بىر رەتكە 5 نەپەردىن جەمئىي 10 نەپەر ئوقۇغۇچى سەھنىگە چىقىڭلار!(ئوغۇل-قىز ئارىلاش بولسا بولۇۋېرىدۇ).
(قىز-ئوغۇللار چىققاندىن كېيىن رىياسەتچىلەر ئۇلارنى تاماشىبىنلارغا قارىتىپ بىر رەت قىلىپ ئىككى گورۇپپىغا ئايرىيدۇ).
رىياسەتچى قىز:بىز ھازىر سەھنىگە چىققان بۇ ئىككى گورۇپپا ساۋاقداشلاردىن ئۈچ باسقۇچلۇق سۇئال سوراش ئارقىلىق،ھەر بىر گورۇپپىنى ئۆز-ئارا بەسلەشتۈرىمىز.مۇسابىقىدە قايسى گورۇپپا ئۇتۇپ چىقسا،ئۇتۇپ چىققان گورۇپپىغا ئەلقۇت سودا شىركىتى تەمىنلىگەن سوۋغا بېرىلىدۇ.قېنى،قايسى گورۇپپا تەلەيلىك گورۇپپىكىن؟
رىياسەتچى يىگىت:ئەمىسە 1-باسقۇچلۇق سۇئال سوراش باشلاندى!A گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار دىققەت!بۇ گورۇپپىدىكى بەش نەپەر ئوقۇغۇچى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ۋەتەن،ئانا يۇرت ھەققىدە بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىغان بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بېرىدۇ.بىرى ئېيتىپ بېرەلمىگەننى يېنىدىكى گورۇپپىدىشى تولۇقلىۋەتسە بولىدۇ.ۋاقتى بىر مىنۇت.قېنى،باشلاڭلار!
بۇ باسقۇچتا پايدىلىنىدىغان ماقال-تەمسىللەر1) ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگى رويىڭ سامان بولماس.(2)ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.(3)ئەل ھىممىتى دەريا.(4)يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن،قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.(5)ئەل ئامان-شەھرىڭ ئامان.
رىياسەتچى قىزساۋاقداشلار بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن)ياخشى،بۇ بالىلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن ھە!(Bگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارغا قاراپ)ئەمدى بۇ گورۇپپىدىكى بالىلار ئىتتىپاقلىق-ئىناقلىق ھەققىدە بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ باقسۇن،تەلەپ Aگورۇپپىغا قويغان تەلەپ بىلەن ئوخشاش.قېنى ئەمسە باشلاڭلار!
بۇ باسقۇچتا بايدىلىنىدىغان ماقال –تەمسىللەر:
(1)ئىتتىپاقلىق بەخت،بۆلگۈنچىلىك ئاپەت.(2)ئىتتىپاقلىق-كۈچ.(3)يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.(4)ئىش ئۈملۈكتە،كۈچ بىرلىكتە.(5)ئىناق ئەلدە ئاپەت يوق.
رىياسەتچى يىگىتساۋاقداشلار بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن)ياخشى،سىلەرمۇ بەك ئەقىللىق ئىكەنسىلەر!ئەمما سىلەر ئېيتىپ بولغىچە ۋاقىت توشۇپ كېتىپ قالدى.بۇ باسقۇچتا Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار ئۇتۇپ چىقتى.قېنى،كىم ئاخىرغىچە ئۇتۇپ چىقاركىن؟
ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۇئال سوراش باشلاندى. A گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار ياخشىلىق،دوستلۇق ھەققىدە بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟
بۇ باسقۇچتا بايدىلىنىدىغان ماقال –تەمسىللەر:
(1)ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق.(2)كىيىمنىڭ يېڭىسى ياخشى،دوستنىڭ كونىسى(ياخشى).(3)دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ(ئېيتار).(4)دۈشمەننى شېكەر بىلەن ئۆلتۈر.(5)مىڭ دوستتىن بىر دۈشمەن يامان.
رىياسەتچى قىزساۋاقداشلار بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن) ھەي...بۇ نۆۋەت A گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار... (Bگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارغا قاراپ)ئەمدى بۇ گورۇپپىدىكى بالىلار كىتاب ھەققىدە بەش دانە ماقال-تەمسىل ئېيتىپ بېقىڭلار!
بۇ باسقۇچتا بايدىلىنىدىغان ماقال –تەمسىللەر:
(1)كىتاب-ئەقىل چىرىقى.(2)................(3)كىتاب-شىپالىق دورا.(4)بىر كىتاب ئوقۇساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن.(5)كىتاب ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدىغان ئوچاق.
رىياسەتچى يىگىتساۋاقداشلار ماقال-تەمسىلنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن)بۇ قېتىمBگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى.ھەر ئىككى گورۇپپا تەڭلىشىپ قالدى.ئەمدى مۇسابىقىمىز ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.بۇ باسقۇچتا ھەر ئىككى گورۇپپىدىن بەشتىن سۇئال سورايمىز،سۇئال تاللاپ جاۋاب بېرىش سۇئالى.تەلەپ:سۇئالغا ھەم توغرا ھەم تېز جاۋاب بېرىشىڭلار كېرەك.جاۋاب بېرەلمىسەڭلار گورۇپپىدىشىڭلار تولۇقلاپ جاۋاب بەرسىمۇ ئوخشاش.ئەمىسە Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار دىققەت!
1-سۇئال: يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى:
A جاۋاب:زۇنۇن قادىرى ۋە تىيىپجان ئېلىيوف.
B جاۋاب:مەمتىمىن ھۇشۇر ۋە زۇردۇن سابىر.
Cجاۋاب:لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر.
Dجاۋاب:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئەھمەت زىيائى.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- A جاۋاب.
2-سۇئال:«يىللارغا جاۋاب»ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى:
A جاۋاب:ئەختەم ئۆمەر.
B جاۋاب:ئادىل تۇنىياز.
Cجاۋاب:لۇتپۇللا مۇتەللىپ.
Dجاۋاب:نىمشېھىت.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب-C جاۋاب.
3-سۇئال:ئاتاقلىق ئالىم،شائىر،پىروفېسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى:
A جاۋاب:1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1995-يىلى ۋاپات بولغان.
B جاۋاب: 1933-يىلى تۇغۇلۇپ،1995-يىلى ۋاپات بولغان.
Cجاۋاب: 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1994-يىلى ۋاپات بولغان.
Dجاۋاب: 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1996-يىلى ۋاپات بولغان.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- Bجاۋاب.
4-سۇئال: نۆبىتى-
A جاۋاب: مەشھۇر رومانتىك،لىرىك شائىر.
B جاۋاب:رىئالىستىك شائىر.
Cجاۋاب: رومانتىك شائىر.
Dجاۋاب:لىرىك شائىر.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- Aجاۋاب.
5-سۇئال: يازغۇچى توختى ئايۇپ-
A جاۋاب: باي ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن.
B جاۋاب: توقسۇ ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن.
Cجاۋاب: كۇچا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن.
Dجاۋاب: شايار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- Cجاۋاب.
(ھەر بىر سۇئال سورالغاندا ئوقۇغۇچىلاردىن جاۋاب ئېلىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچى سۇئال سورالغۇچىنىڭ جاۋابنى توغرا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇشى كېرەك).
رىياسەتچى قىز:ئەمدى سۇئال سوراش نۆۋىتى  Bگورۇپپىغا كەلدى.دىققىتىڭلار سۇئالدا بولسۇن ساۋاقداشلار!
1-سۇئال:«قۇتادغۇ بىلىك»داستانىنىڭ مۇئەللىپى:
A جاۋاب:يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
B جاۋاب:مەھمۇت قەشقەرى.
Cجاۋاب:زەلىلى.
Dجاۋاب: ئەھمەت زىيائى.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- A جاۋاب.
2-سۇئال:پەرھات كازىمى:                                                                                                                        
A جاۋاب:«ئوغرى ئاتىلىپ قالغان قىز»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى بولۇپ،بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان،2003-يىل 6-ئاي 1-نەشرى.
B جاۋاب:«ياغاچ قۇلاق» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى بولۇپ،بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان،2007 –يىل 6-ئاي 1-نەشرى.   
Cجاۋاب:«كىرورانلىق بالىلار»ناملىق روماننىڭ ئاپتورى بولۇپ،بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان،2004-يىل6-ئاي1-نەشرى.
Dجاۋاب:«ئۇيغۇر خەلق بالىلار قوشاقلىرى»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولۇپ،بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتىدا بەشىر قىلىنغان،2005-يىل6-ئاي1-نەشرى.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- A جاۋاب.
3-سۇئال: 13- ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرى كىملەر؟
A جاۋاب:نەسىردىن رابغۇزى،مەۋلانە لۇتفى،يۈسۈپ سەككاكى،ئاتايى،ئەلشىر نەۋائى قاتارلىقلار.
B جاۋاب:نىزارى،گۇمنام.
Cجاۋاب:.زەلىلى،نۆۋبىتى.
Dجاۋاب: ھۈسەيىنخان تەجەللى،ساۋۇراخۇن بىننى ئابدۇقادىر يېڭىسارى،ئابدۇقادىر داموللا ۋارىسى،قۇتلۇق شەۋقى.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- Aجاۋاب.
4-سۇئال:-نەۋائىنىڭ«خەمسە»داستانى:
A جاۋاب:1482-يىلى يېزىلغان.
B جاۋاب:1483-يىلى يېزىلغان.
Cجاۋاب:1484-يىلى يېزىلغان.
Dجاۋاب: 1485-يىلى يېزىلغان.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب-Dجاۋاب.
5-سۇئال:«تۈركىي تىللار دىۋانى»-
جاۋاب:شېئىرلار توپلىمى.
B جاۋاب:ھېكايىلەر توپلىمى.
Cجاۋاب:چوڭ تىپتىكى قامۇس.
Dجاۋاب:رومان.
بۇنىڭدا توغرا جاۋاب- Cجاۋاب.
(ھەر بىر سۇئال سورالغاندا ئوقۇغۇچىلاردىن جاۋاب ئېلىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچى سۇئال سورالغۇچىنىڭ جاۋابنى توغرا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇشى كېرەك).
رىياسەتچى يىگىت:ئىككى گورۇپپىنىڭ كەسكىن رىقابىتىAگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۇتۇقى بىلەن ئاياقلاشتى.سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!قېنى،بۇ گورۇپپىدىكى ھەر بىر ساۋاقداشقا ئەلقۇت سودا شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپات بېرىلسۇن!(سەھنە سىرتىدىكىلەر مۇكاپات بويۇمىنى Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ) Bگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارمۇ كۆپ تىرىشتى،ئەمما كەتكۈزۈپ قويدى.مۇسابىقىدە يېڭىش-يېڭىلىش بوپ تۇرىدۇ.سىلەر بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ كەتمەي داۋاملىق تىرىشىڭلار بولامدۇ؟(Bگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار بىر ئېغىزدىن«بولىدۇ»دىيىشىدۇ).
رىياسەتچى قىز:ئەمدى پائالىيىتىمىزنىڭ4-باسقۇچى-مەلۇم ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر جۈملىلىك سۆز ئۇيۇنى تۈزۈش.بۇ تۈرگە تۆۋەندە ئولتۇرغان ساۋاقداشلاردىن خالىغان ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى چىقىپ قاتناشسا بولىدۇ.قېنى،كىم جۈرئەت قىلالايدۇ؟(ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى چىققاندىن كېيىن)ھە،بۇ ئىككى نەپەر ساۋاقداش نىمە دىگەن قالتىس؟ئەمىسە سىلەرگە تەرتىپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.ئىككى نەپەر ساۋاقداش ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىز بېكىتكەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز ئويۇنى تۈزىدۇ.ۋاقتى بىر مىنۇت.كىم ھەم راۋان،ھەم تېز ھالدا سۆز ئويۇنى تۈزۈپ بېرەلىسە،ئەلقۇت سودا شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.Aساۋاقداش سىز«ك»ھەرپىدە سۆز ئويۇنى تۈزۈپ بېقىڭ.
Aساۋاقداش:كۆكلەم كېلىپ،كاككۇكلار كائىناتنى كۈلدۈردى.
رىياسەتچى يىگىت:ماۋۇ جۈملە تازا جايىغا چۈشتى مانا!چاۋاك!ئەمدى B ساۋاقداش«ئا»ھەرپىدىن پايدىلىنىپ سۆز ئويۇنى تۈزۈپ بېقىڭ!
B ساۋاقداش:ئاق ئالۋاستى ئاققىزنى ئالاۋۇدۇندىن ئايرىۋەتتى.
رىياسەتچى قىز:ئىككىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!مۇكاپات بويۇمىنى قۇبۇل قىلىڭلار!
رىياسەتچى يىگىت:پائالىيىتىمىزنىڭ ئەمدىكى باسقۇچى-تېپىشماق تېپىش ئويۇنى ئويناش باسقۇچى.بۇ باسقۇچتا ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى سەھنىگە چىقىپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى گورۇپپىغا ئايرىلىدۇ. ئىككى گورۇپپا تېپىشماق تېپىشتا بەسلەشتۈرۈلۈپ،قايسى گورۇپپا ئۇتۇپ چىقسا،ئەلقۇت سودا شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.ھەر بىر گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى بىرسى تاپالمىسا يەنە بىر گورۇپپىدىشى جاۋاب بېرىپ تولۇقلىۋەتسە بولىدۇ.قېنى،كىم سەھنىگە چىقىپ ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ؟(ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى سەھنىگە چىقىدۇ.رىياسەتچى ئۇلارنى ئىككى گورۇپپىغا ئايرىيدۇ).
رىياسەتچى قىز: Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار دىققەت ھە.تېپىشماق تېپىش ئويۇنى باشلاندى:
(1)ئاغزى بىر،قۇيرۇقى ئىككىدۇر،
سەكرەپ چۈشسىڭىز ئوخشاشلا چوڭقۇر.
جاۋابى:ئىشتان.
(2) ئاش،ئاشنىڭ ئىچىدە تاش،
تاشنىڭ ئىچىدە يەنە ئاش.
جاۋابى:ئۆرۈك.
(3)ئاق كىرىستال چاپىنى،
نىپىز پاڭجۇ كۆڭلىكى.
لەڭپۇڭ قورساق دۇمىلاق،
سېرىق ياغدەك يۈرىكى.
باردۇر ئۇنىڭ بەدەنگە،
بىر پاقلانچە قۇۋۋىتى.
جاۋابى:تۇخۇم.
(4) بىر نەرسەم بار بىلمىگەننى بىلگۈزىدۇ،
ئىچىنى ئېچىپ باقساڭ كۈلگۈزىدۇ.
جاۋابى:كىتاب.
(5)پاكار-پاكار بويى بار،
قەۋەت-قەۋەت تونى بار.
جاۋابى:پىياز.
(رىياسەتچى تېپىشماقنىڭ جاۋابىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى جاكارلاش كېرەك،ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بەرگەندە ئۇلار مەيلى توغرا جاۋاب بەرسۇن ياكى خاتا جاۋاب بەرسۇن،«پىكرىڭىزدە چىڭ تۇرامسىز؟»دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارنى تەمتىرىتىپ قويغاندىن كېيىن توغرا جاۋابىنى ئۆزى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ،جاۋابنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سېلىشتۇرۇش كېرەك.رىياسەتچى ساۋاقداشلارنىڭ ھەر بىر تېپىشماقتا قانچە تېپىشماققا توغرا جاۋاب بېرەلىگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش كېرەك).
رىياسەتچى يىگىت:ئەمدى نۆۋەت Bگورۇپپىغا كەلدى.ئەمىسە دىققەت قىلىڭلار!
(1)تاشتىن قاتتىق،ناۋاتتىن تاتلىق؟
جاۋابى:ئۇيقۇ.
(2)تۆت چاسا ئۆزى،ئاپئاقتۇر يۈزى،
يوقتۇر ھېچ كۆزى،شېرىندۇر سۆزى.
جاۋابى:كىتاب.
(3)كۆز ئېچىپ كۆرەلمەيسىز،
قول سۇنۇپ تۇتالمايسىز.
سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ،
بىر مىنۇت ياشالمايسىز.
جاۋابى:ھاۋا.
(4)كۆمسەم كۆمۈلمەس،
تەپسەم تەۋرىمەس.
ماڭسام ماڭىدۇ،
تۇرسام تۇرىدۇ.
جاۋابى:كۆلەڭگە.
(5)كېچە-كۈندۈز تىنمايدۇ،
توختىماستىن سانايدۇ.
ئۆمۈر بويى سانىسا،
ئون ئىككىدىن ئاشمايدۇ.
جاۋابى:سائەت.
(رىياسەتچى تېپىشماقنىڭ جاۋابىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى جاكارلاش كېرەك،ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بەرگەندە ئۇلار مەيلى توغرا جاۋاب بەرسۇن ياكى خاتا جاۋاب بەرسۇن،«پىكرىڭىزدە چىڭ تۇرامسىز؟»دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارنى تەمتىرىتىپ قويغاندىن كېيىن توغرا جاۋابىنى ئۆزى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ،جاۋابنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سېلىشتۇرۇش كېرەك.رىياسەتچى ساۋاقداشلارنىڭ ھەر بىر تېپىشماقتا قانچە تېپىشماققا توغرا جاۋاب بېرەلىگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش كېرەك).
رىياسەتچى قىز:ھەر ئىككى گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار كۆپ تىرىشتىڭلار،Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار ئىككى دانە تېپىشماقنى تاپالمىدى. Bگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلار ھەممە تېپىشماقنى تولۇق تاپتى.شۇنىڭ ئۈچۈن Bگورۇپپا ئۇتۇپ چىقتى.سوۋغات بېرىلسۇن!( Aگورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارغا قاراپ)بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتىڭلار ھەرگىز كېيىنكى قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ،شۇڭا ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭلار ماقۇلمۇ؟  
رىياسەتچى يىگىت بىلەن رىياسەتچى قىز سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىدۇ.
رىياسەتچى يىگىت:كۇچا ناھىيەلىك ئەلقۇت سودا شىركىتى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن-
رىياسەتچى قىز:«ئەلقۇتتىن مەرىپەت بېغىدا كىتاب مەشرىپى»مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.مەكتىپىمىز نامىدىن ئەلقۇت شىركىتىگە ۋە پائالىيىتىمىزنى قىزغىن قوللىغان،ئارلىقنى يىراق كۆرمەي ئىشتىراك قىلغان ئىلىم سۆيەر ئەدىبەلىرىمىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز!
رىياسەتچى يىگىت:كىتاب ئوقۇش يىلىدا نادىر كىتابلارنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن سىرداش دوست قىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
رىياسەتچى يىگىت بىلەن رىياسەتچى قىز تەڭلا:خەير-خوش،ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش