قىلدىم ياكى قىلمىدىم
زۇلپىيە راھمان
مەن بۈگۈن بايرام قىلدىم ياكى قىلمىدىم ،
سوۋغا ئالدىم ياكى ئالمىدىم .
ئىچىمدىكى بوشلۇقتا ،
بىر سۆيۈملۈك خىيال يىغلىماقتا ،
كىمگىدۇ تەلپۈنۈپ.
مەن يىغلىدىم ياكى يىغلىمىدىم ،
ئاۋازىمنى چىقارماي.
ھاۋادەك مۇزلاپ كەتكەن قەلبىم
مۇھەببەت دەپ پىچىرلايدۇ.
بىر يورۇقلۇق تۇرار،
دېرىزىدىن مارىلاپ
2016.3.8
ئۇنۇتتۇڭمۇ
مېنى ئۆلسۇن دىدىڭمۇ ،
يالغۇز تاشلاپ قويۇپ.
مېنى كۆيسۇن دىدىڭمۇ،
ئوتقا تاشلاپ قويۇپ،
ساڭا دىگەن ياشىغۇم بارلىقىنى ،
پەقەت سېنىڭ بىلەن .
ھەم ئايرىلسام سەندىن،
شامدەك ئېرىپ تۈگەيدىغىنىمنى.
ئەجىبا ئۇنۇتتۇڭمۇ؟
يۇلتۇزلار چىراق بولۇپ،
ساناپ تۈگۈتەلمىگەن ئاشۇ يوللارنى؟
مەن چەكسىز بەخىتكە چۆمگەن،
ئىككى نان بىلەن يىراققا كەتمەكچى بولغان،
گۈزەل چۈشىمىزنى
2016.3.8