ئىككى شېئىر
ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار
نۇر ئويناش
نۇر
چۆرگىلە پىر ـ پىر ،
ئايىغىڭ مۇزدۇر،
تېيىلـماي تۈز تۇر ،
بەردىم بۇيرۇق ...
نۇر
چۆرگىلە پىر ـ پىر،
ئەمدى دەمدۇر ـ ئارامدۇر ،
تۈگدى ۋاراق ـ تاپشۇرۇق ...
نۇر
چۆرگىلە پىر ـ پىر ،
سەندە ھۇزۇردۇر،
تەتىلىم قىشلىق...
2016-يىل 9-مارت
ھەپتە،ئاي، يىل
ھەپتە دېگەن يەتتە كۈن،
تۈگەر ئەتە يا ئۆگۈن.
دەپ قالىمىز بەزىدە،
زادى قايسى كۈن بۈگۈن.
بىر ئاي دېگەن ئوتتۇز كۈن،
ئوتتۇز كۈندە ئوتتۇز تۈن.
كۈن-تۈن ئۆتسە بىھۇدە،
ئۇ گوياكى ئىس-تۈتۈن.
بىر يىل ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن،
بەشنى قوتسا ئۇ پۈتۈن.
ھوسۇل ئالاي ۋاقىتتىن،
دېسەڭ،چىڭ تۇت ھەم تۈتۈن.
مەنبە:‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› 2010-يىل 5-ئايلىق سانىدىن ئىلىندى
|