ئايال
ئابدۇقادىر ھىزىم
***
يۈرەك ئاغرىقىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلگىنىدەك
سەندىن ۋاز كېچىشىم ئۈچۈن
بارچە ساقلانمىلىرىمنى
ئۆلۈم ساھىللىرىدا كۆيدۈرىمەن.
ئەمدى نە مەن يوق!
ئولتۇراقلاشمىقىم تېنىڭدىكى جىنازام ئۈچۈن
ماتەم تۇتۇشتۇر.
سول تەرىپىمدە تېنىقىڭ قاتىل
ئوڭ تەرىپىڭدە مەن مىشچان ئۆلۈك.
بۈگۈن
قالايمىقانلاشقان نېرۋىلىرىم ۋە يارىماسلىقىمدا
نە گۈللىرىمنى پۇرىيالمايسەن!
ھېس قىلالمىغان ئاغرىقىڭدا
كۆرەلمىگەن كۆزۈڭدە
ئۇنتۇماقچى بولغان مەشئۇم كۈنلەردە
ئىغىرلىشىۋاتقان يۈرەك كېسىلىڭدە
ئەسەبىيلەشكەن غايىۋى چۈشكۈنلۈكۈڭدە
نە مەۋجۇتلۇقۇم بار ،نە مەۋجۇتلۇقۇم...
2016-3-8
ئۈرۈمچى