يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 3

شەكىل نەزەريىسىگە ئالاقىدار بىر ھۆججەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېما يوللۇغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:تۆۋەندىكى ھۆججەت 2011-يىلى تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ يىغىن بىزگە ئېنىق بولمىغان سەۋەپلەر تۆپەيلىدىن ھازىرغىچە ئېچىلماي كېچىكىپ كەتتى.تور دۇنياسىنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ۋە قىززىققۇچىلارنىڭ ساقلاپ قويۇشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللاندى.



شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن –تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي  مۇھاكىمە سالونى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ئۇقتۇرۇشى

شىنجاڭ فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئالاقىدار ئىلمىي جەمئىيەت،  ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئونۋېرسىىتېتلار فىزىمات ئىنىستىتۇتلىرىغا:
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى» بىر «يېڭى ئۈقۈم»بولۇپ، مۇتلەق ۋە جىم بولغان نيوتۇن ماكانى مەۋجۈت، ئوبېكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەس؛ زامان پەقەت تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سوبىكتىپ قورال؛ ئالەم ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى مەنبەدىن تۈزۈلگەن؛ئالەمدىكى ئومۇمىي ماسسا-ئىنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە دېگەندەك ئىدىيىلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
«بارچە گۈللەر تەكشى ئىچىلىش، ھەممە ئىقىم بەس-بەستە سايراش»فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە بەس مۇنازىرىنى ئىلھاملاندۈرۈش پرىنسىپى بويىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەت،ئىلىم تەتقىقاتى خىزمىتى بۆلۈمى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭ پەن –تېخنىكا سارىيىدا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە سالۇنى ئۇيۇشتۇرماقچى ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ:
1.   20نەپەر ئۆپچۇرىسىدە ئالاقىدار كەسىپى ئالىم مۇتەخەسىسلەر يىغىنغا قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
2.   يىغىنغا قاتىنىشىدىغان مۇتەخەسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئالاقىدار ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز قېلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قېلىش كېرەك، باشقا كونكرىتنى ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەت،ئىلىم تەتقىقاتى خىزمىتى بۆلۈمى

2011-يىلى9-ئاينىڭ 14-كۈنى

144841fh4h9283hmy5nhy8.jpg

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 10:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنى ۋاقتىدا ئېچىلىپ قالغان بولسا، قالتىش ئىش بولاتتىكەن.  چۈنكى، يىغىنغا قاتىنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»گە ئالاقىدار ئىلمىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى كەڭ- كۇشادە ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەزەرىيە ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. نۆۋەتتە فىزىكا ساھەسىدىمۇ خېلى زىلزىلە قوزغىيالىغۇدەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  بار تۇرسا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 11:01:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ خەلقىدە "يى گۇڭنىڭ ئەجدەرھانى ياخشى كۆرۆشى"دەيدىغان بىر ئىدىيوم بار.يى گۇڭ ئۆيىنىڭ ھەممە يىرىگە ئەجدەرھانىڭ رەسىمىنى چاپلىۋالىدۇ.ھەقىقى ئەجدەرھا كەلگەندە بولسا ئىشىك-دېرىزىنى دۈملەپ ،بېشىنى يۇتقانغا چىڭ پۆركىۋالىدۇ.
جاھاننىڭ ئىشلىرى بەك قىززىقكەن!

叶公好龙_百度百科

ۋاقتى: 2016-3-10 15:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

موشۇنداق پۇرسەتلەر كەلگىنىدە چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويسا ئاندىن باشقىلارنىڭ ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتراپ قىلىپ شەرىپىگە ئىرىشەلمەيدۇ دەپ كىم دەيدۇ ، ئەپسۇس بۇ يىغىن يەنە قاچانغىچە سوزۇلاركىن …  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش