يېقىندا ئاقسۇ شەھرىدە مۇنداق ئىش يۈز بېرىپتۇ، ھەممە كىشى تونۇيدىغان بىر رېستۇران خوجايىنى كوچىدا كېتىۋاتسا بىر تىلەمچى ئۇشتۇمتۇتلا تىللاپ كېتىپتۇ ، خوجايىن توختاپ قارىسا يەنە ئۆزىگە قاراپ ئاجايىپ گەپلەر بىلەن تىللاۋاتقۇدەك، ئەمما گەپلىرى شۇنداق پاساھەتلىكمىش ،ھېچبىر سەۋەبسىزلا ھاقارەتكە ئۇچرىغان خوجايىننىڭ ئىختىيارسىز چىشلىرى كىرىشىپ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كېتىپتۇ ، ئەمما دەقىقە ئىچىدە ئۆزىگە قايتىپ يولىغا مېڭىپتۇ ، چۈنكى ئۇ تىلەمچى بىر بولسا رېئاللىقتىن بەزگەن ھەم غەرپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان «ئىلغار پىكىرلىك» تىلەمچى، بىر بولسا نېرۋىسىدىن كەتكەن ساراڭ ، شۇڭا ئۇ تىلەمچى ئۈچۈن ۋاقتىنى ،زېھنىنى خورىتىشنى راۋا كۆرمەپتۇ ،...مەقسەت ئەپەندى مۇنبەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ،ياخشى كۆڭۈل بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىپتۇ، ئابلاجان مۇئەللىممۇ تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ ، شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپتۇ ، ئەمما مېنىڭچە مۇنبەر ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ جۇمۇ ! چۈنكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنى مالىمان قىلۋاتقانلارنىڭ قانداقلىغىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قىلچە ئىلمىيلىكى بولمىغان ، ھە دېسە يېغىر تاتلايدىغان ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاپ بەردى ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇنبەردىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار ، ھەۋەسكارلارنىڭ ھەق ناھەق كۆز قارىشى يوق، بىردەك تاماشا كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتتى،ئاز ساندىكى كىشىلەر سەمىمىي ھالدا يېتەرسىزلىكنى كۆرسىتىپ ئىنكاس يازمىسا كۆپ ساندىكىلىرى قۇرۇق خوشامەت قىلىدۇ شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تېزىپ كەتتى بۇ ئىس-تۈتەكسىز جەڭگاھتىن ....
|