ھاياتلىق ناخشىسى
رەشىدە مۇھەممەد مېھرىگىياھ
1
بەخت بەخش ئەتتى بىر يىغا ،
يورۇپ كەتتى غېرىپ كۈلبىلەر .
مەرۋايىتتەك ئوماق بىر بوۋاق ،
ئىنئامىدىن دىلدا كۈلكىلەر .
يۇمران، بۇدرۇق پۇتلىرى بىلەن ،
بۇ زىمىننى ئۆلچىدى بوۋاق .
ئەجىر بىلەن ئۆستى يېتىلدى ،
يولدا توساق مەنزىللەر يىراق .
2
ياشلىق باھار ئاتىدى ئۇزلۇق ،
سۆيدى ئۆزى سۆيۈلمىسىمۇ .
ھايات ئىكەن مېھمانغا ئوخشاش ،
رەنجىمىدى كۈتۈلمىسىمۇ .
يىغلاشقىلا يارالماس ئىنسان،
ئېيتتى ئۇمۇ سۆيگۈناخشىسى.
تاتلىق تاتلىق كۈلكىلەر يۈرەر ،
بولمىسىمۇ جاندىن باشقىسى.
دۇنيا ئۈچۈن يەپ كەتمىدى غەم ،
قانائەتتە ياپقاچ ئېتەكنى .
ھەسرەت بىلەن كىرپىك بولماي نەم ،
ئىنتىزارلىق ئەزدى يۈرەكنى .
3
مۇھتاجلىقتا ئىگىلسە باشلار ،
تۆكتى بەزەن ئۇمۇ يېشىنى.
تۈگمەن بولۇپ چۆرگىلەپ پەلەك،
يەلكىسىگە باستى تېشىنى.
ئەمما ئۈمىد ئۆچمىدى دىلدىن،
ئارام بەخش بەردى ئۇ جانغا.
تەلمۈرگەندە ئۇپۇققا كۆزلەر ،
ئۇلاشقاندەك بولدى ئۇ تاڭغا.
ھايات ئىكەن شۇ قەدەر شىرىن ،
ئىنتىلەركەن ئىنسان ھەممىگە .
لېكىن قىسمەت قويماسكەن ئۇنى،
ئۆمۈر گۈلى توزار ئەتىگە .
4
ياشاپ شۇنداق تەشنالىق بىلەن ،
بولدى ساراي چۆل – دەشتىلەرمۇ .
ئارام تاپقان چاغدا پاك تەنلەر ،
ئوراپ ئالدى پەرىشتىلەرمۇ .
شاۋقۇنلارغا قۇلاق سال سەنمۇ ،
يالاڭ ئاياق ئېيتىلسا ناخشا.
ھايات شۇنداق ئۈزۈلمەس كۈيكەن ،
ئەمما مۇڭى باشقىدۇر باشقا !
|