كۆڭۈلنىڭ كۆزىگە باغلاپ قوي مېنى
ئابدۇقادىر ھىزىم
كۆڭۈلنىڭ كۆزىگە باغلاپ قوي مېنى،
ياشاشنى ئۈگىنەي ئۆزۈمدە بىردەم.
جىنىمدىن يامغۇرنىڭ باھارى ئۆتتى،
كۆيمىدى كۆزۈمدە تاش بولغان شەبنەم.
قىرىق بىر ئارغامچا ياسالدى مەندىن،
تاملارغا تارالدى سىرلىق سۈكۈنات.
تاڭ ئاتتى كېچەمنىڭ يۇلغۇنلىقىدا،
قېنىمدەك چېچىلدى رەڭگارەڭ ھايات.
قاچماقتا ئورمانلار كۆزلىرىم تامان،
لېۋىمگە ئوت كېتەر سېنى سىغىنسام.
سويۇلدى ئاۋازىم ئاسمىنى كۆيۈپ،
ئاي چىققان مەھەلدە كۆكسۈمنى يارسام.
تاڭ سەھەر كۈيلىدىم چۈشۈم ھەققىدە،
كەلمىدى ئېسىمگە سۈرەتكە چۈشۈش.
بىر سەھەر ئۆلتۈردى مېنى بىر مەھەل،
كۆل بويلاپ ئۆزۈمنى بېھۇدە كۈتۈش.
2015.5.18