كۆرۈش: 166|ئىنكاس: 6

ئېلى ھۇشۇر(ت): بەي شياۋيى ـــــ مۇساپىر باغچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                    
مۇساپىر باغچىسى
(مىكرو ھېكايە)
      ئاپتورى:بەي شياۋيى
      ئېلى ھوشۇر تەرجىمىسى
      گۇگۇم ۋاقتى بولدى.باغچىدىكى ئىچىملىك دۇكىنى تاقالغان ئىدى.بىر مۇساپىر دەرەخلىككە تىقىپ قويغان چىگە تاغىلىرىنىڭ پارچىسىنى ئېلىپ،ئىچىملىك دۇكىنىنىڭ كەينىدىكى سېمونت پەلەمپەينىڭ ئۈستىگە ئورۇن راسلىدى.مۇشۇ چاغدىمۇ ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان سەيلىچىلەر ۋە ئاشىق –مەشۇقلار بار بولۇپ،يېقىنلا جايدىكى ھەيكەلنىڭ يېنىدا،بىر توپ بوۋاي-مومايلار مۇڭدىشىۋاتاتتى. مۇساپىرنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولغاچقا،ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلماي ،سۇنايلىنىپ ياتتى.
      ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ياشانغانلارنىڭ خۇش كەيپىگە ئازراقمۇ تەسىر قىلمىغان ئىدى.ئۇلار ئۇنى نەزىرىگە  ئېلىپمۇ  قويمايتتى.
ئۇ بىردەم ئارام ئالدى،تۈن بارغانچە قاراڭغۇلاشتى،ياشانغانلارمۇ بىر-بىرلەپ تارقىلىشتى.
       بىر نەچچە قەدەم نېرىدىكى دەرەخنىڭ  تۈۋىدە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق پىچىرلىشىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭمۇ مۇساپىرغا قارىغۇدەك چولىسى يوق،مۇساپىر گويا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تۈپ دەرەخ، ياكى بىر پارچە تاشتەكلا ئۇلارنىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا ئىدى.
              مۇساپىرنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ،ئاشىق –مەشۇقنىڭ قىلىقلىرىغا  قاراۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ جۇغى سەل كىچىك بولۇپ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلاتتى.ئوغۇل بالىنىڭ ئاددىي تۇرقىنى غۇۋا پەرق ئەتكىلى بولاتتى ،قىزچاقنىڭ تۇرقىدىنمۇ تازا پەرق ئەتكىلى بولمىسىمۇ،قامىتى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى  قوزغايتتى.پادىچىلار ئىشتىنى ۋە ئاسما مايكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان  ئەت ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتەتتى . مۇساپىرنىڭ كاللىسىغا شەيتان كىرىۋالدى«ئادەمنىڭ بۇنداق ئېتىنى ماڭا بەرسە،ئۇنى پاك-پاكىز يەۋەتكەن بولاتتىم».
      ئۇ بۈگۈن ئاخشام يېرىم تاۋاق  راكنىلا يېگەن بولۇپ،تويغۇدەك غىزامۇ تاپالمىغان تۇرسا،نەدىمۇ يېگۈدەك ئەت بولسۇن؟  ھازىر ئۇنىڭ قورسىقى ئاچلىقتىن كۇكىراۋاتاتتى.
     ئۇزىمايلا ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىندى.
       قىز بالىنىڭ چىرقىرىغان يىغا ئاۋازى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى،يەنە بىر نەچچە ئەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى.ئۇ ئۆز ئورىدىن قىمىرلىماي،ئەھۋالنى كۆزەتتى.
      ئۈچ-تۆتتەك ئەر بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇقنى تاتقۇچلاۋاتتاتتى.مۇساپىر سىنچىلاپ قارىۋىدى، ئۇلار تۆت ئەر كىشى بولۇپ چىقتى. ئۈچ ئەر ئوغۇل بالىنى بېسىۋېلىپ،  قولىدىكى پىچاقنى ئۇنىڭ بەدىنىگە تەلۋىلەرچە تىقىۋاتاتتى...
     ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا، مۇساپىرنى قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى.
        مۇساپىر يەنە قاراپ تۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلدى.
قىزچاقنىڭ چىرقىرىغان يىغا  ئاۋازى ئەمدى نالە –پەريادقا ئۆزگەردى.بۇنىڭغا يەنە بىر نەچچە ئەرنىڭ كۈلۈشكەن،تىللاشقان ۋە  ھاسىرىغان ئاۋازىمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
        ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ   قاتتىق ھۇيتىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
       تەرەپ -تەرەپتىن قورشاپ كەلگەن ساقچىلار تۆت جىنايەتچىنى تۇلۇق تۇتتى.  ئۇلار قىزچاققا تەسەللى بەرگەچ يىرتىق كىيىمىنى كىيدۈرۈپ قويدى.ساقچىلار نەخ مەيداننى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى.
       بۇ چاغدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىمۇ سايرىغىنىچە يېتىپ كەلدى.
       بىر دەملىك پاتىپاراقچىلىقتىن كېيىن،ھەممەيلەن كېتىشتى.ئەڭ ئاخىرقى ساقچى ئاپتوموبىلى قوزغالغاندا،ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى  چوڭ چىرىغىنىڭ نۇرى مۇساپىر يۆگىنىۋالغان چىگە تاغىرىنىڭ پارچىسىغا چۈشتى.
     ئاپتوموبىل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى.
      -بۇ ئەبگارنى ئېلىپ كېتىپ ئېغىزچە ئىسپات ئېلىش كېرەك،-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
      -تۇتىلىدىغاننىڭ ھەممىسى تۇتۇلدى.ئىككى زىيانلانغۇچىغا ئىسپات يېتەرلىك .بۇ بىر كېرەكسىز ئادەم،ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ تاپىنى ئارتىۋالسا،سەن ئۇنى باقالامتىڭ؟
        ئاپتوموبىل ئىچىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
         -قايتايلى،تېلېفوندا ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغۇچىنى تېپىش مۇھىم.قايتىپ بېرىپ ئۇ يانتېلېفۇن نومۇرىنى ئىزدەيلى.
         ساقچى ئاپتوموبىلى يۈرۈپ كەتتى.
        مۇساپىر چىگە تاغىرىنىڭ پارچسىغا مەھكەم يۆگىنىپ،مەڭسىتمىگەن ھېسسىياتتا يانتېلېفونىنى ئىتىۋەتتى.
  بەي خۇا  جۇۋ ۋېن ئەدەبىيات نەشىرياتى     «21-ئەسىر ئالدىنقى قاتاردىكى مىكرو ھېكايىلەر »ناملىق توپلامدىن  تەرجىمە قىلىندى.                                            (百花洲文文艺出版社 21世纪微型小说排行榜)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 17:40:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاسىنى تۈزەتمىسىڭىز ئۆچۈرۈلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 19:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بولىدۇ،مېنىڭچە ئۆزلىرنىڭ ئۆچىرىۋەتكەنلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. بونچىلىك ئىمتىياز تەككەندە ،ئىشلەتكۈلۈك-تە.
    قېنى مەرھەمەت!

باھا سۆز

نېمە بولسا تەستىقلاۋەرسەك بۇ يەر ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ كېتەر، دوستۇم!؟  ۋاقتى: 2016-3-10 10:24 AM
«ھوقۇق» نى توغرا ئىشلىتىش كېرەك-تە!  ۋاقتى: 2016-3-10 10:23 AM
ئىملاسى خاتا بولسىمۇ تەستىقلاۋەرسەك بولماس!؟  ۋاقتى: 2016-3-10 10:21 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-5 19:11:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرنى قايتا تەھرىرلەپ يوللىدىم. بۇرۇن ئەسەر يازغاندا ئىملاسىغا تازا دىققەت قىلىپ كېتەلمىدىم.سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.داۋاملىق تەنقىت-تەربىيە بىرىڭلارنى سوراينەن.رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش