ئوينىغىلى بارايلى
ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار
ئاق توشقىنىم توشقانچاق،
بولما ھەرگىز قورقۇنچاق.
كەل يېنىمغا، مەھەللىدە،
بىز ئوينايمىز قوغلاشماق.
ئاق توشقىنىم توشقانچاق،
تېز كەلگىنە قېشىمغا.
چىن دوستلاردىن بولايلى،
ياردەملەشكىن ئىشىمغا.
بەكمۇ خۇشبۇي ئامرىقىم،
زېرەك مېنىڭ ئاسلىنىم.
سەنمۇ كەلگىن قالمىغىن،
چاپچىپ تۇرغان تايچىقىم.
زەپمۇ قۇتلۇق كۈن بۈگۈن،
كېلىڭلار تەڭ ئوينايلى.
ئاق باش تاغلار چىللىدى،
گۈزەل باغلار چىللىدى،
قولىمىزنى تۇتۇشۇپ،
ئوينىغىلى بارايلى.
‹‹تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلى›› 2012-يىل 7-ئاي ئومۇمىي 346-سانىدىن ئىلىندى.