يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ: تور سودىسى سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تور سودىسى سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

    نۆۋەتتە كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت تورى ھەتتا يانفون ۋاسىتىسىدە بازار ئارىلاپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئومۇملىشىشى ئارقىسىدا، توردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى بىلىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا. بولۇپمۇ، قىش كۈنلىرىدىكى سوغۇق ھاۋارايىدا، سىرتقا چىقىپ بازار ئارىلاشنى ئاۋارىچىلىق ئىش دەپ قارايدىغان ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار ئۈچۈن توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ھەم تىجەشلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئىش تۇيۇلغاچقا، ئۇلار پۇرسەتلا بولسا كۆمپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن نېرى بارمايدىغان، قاچانلا قارىسا يان تېلېفونىنى قولدىن چۈشۈرمەيدىغان بولۇۋېلىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە توردا كېيىم- كېچەك سېتىۋېلىش ئەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل ئىستىمال ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالدى. ياشلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئارىلاپ كىيىم ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئورنىغا، پۇلنى قولۇمغىلا بەرسە، ئۆزەم تور دۇكانلىرىنى ئارىلاپ، دوستلىرىمغا ئوخشاش ئۆزەمگە يارىغانلىرىنى سېتىۋېلالسام ياخشى بولاتتى، دەيدىغان بولۇشتى. كەچلىكى كوچا-كويلارنى ئايلىنىدىغان بولساق دەرستىن قايتقان توپ- توپ ياشلارنىڭ بىر- بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان رەڭگا-رەڭ قىشلىق چاپانلارنى كىيىشىپ كۆز ئالدىمىزدا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئوخشاش پۇسۇندىكىلىرىنى ئۇچرىتىش بەك تەس، بۇنىڭدىنلا ئۇلارنىڭ توردىن ئىبارەت غايەت زور كۆلەمدىكى چوڭ بازاردىن تاللاپ سېتىۋېلىنغانلىقىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس. چۈنكى ئەگەر بۇ كىيىملەر رېئالنى بازاردىن سېتىۋېلىنغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەخمىنەن ھەر ئونىنىڭ ئىچىدىن بىر قانچىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ چىقىشى ئېنىق ئىدى. ھەم ئاسان مۇدا بولۇپ بىر ئادەمگە ياراشقان كىيىملەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇچىسىدىمۇ بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. پەقەت توردا تاللاپ سېتىۋالغان بولغاچقىلا ھازىرقىدەك چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش، لېكىن پاسۇنى ياكى مەلۇم ئىنچىكە يەرلىرى ئوخشاشمايدىغان كىيىملەر ئەتراپىمىزدىلا پەيدا بولغان ئىدى.
    توردا شۇنداق غايەت زور كۆلەمدىكى قايناق بازار مۇھىتى بارلىققا كەلدىكى، كۈندىلىك سودا ئومۇمىي سوممىسى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان رېئالنى سودا سارايلىرىنىڭدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. كىشىلەر كېچەيۇ-كۈندۈز، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ بېكار تۇرماي تور دۇكانلىرىنى ئارىلايدىغان، كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئىشىكتىن چىقماي تۇرۇپلا سېتىۋالالايدىغان دەۋرگە قەدەم قويدى. توردا بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولىدىغان نەرسىلەر كېيىم- كېچەك، ئاندىن قالسا تۇرمۇشتا كەم ئۇچرايدىغان، تېپىش قىيىن، ئەتىۋارلىق نەرسىلەر بولىۋاتاتتى. چۈنكى كىيىم- كېچەككە ھەممە ئادەم ئېھتىياجلىق، ئەگەر بەزى ياشلارغا كوچىغا چىقىپ كېيىم سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بارلىق كىيىم- كېچەك دۇكانلىرىنى ئالا قويماي ئارىلاپ چىقىپمۇ يارىغىدەك بىرەر ئۈستى باش تېپىلماسلىقى، بىرەرى يارىغان تەغدىردىمۇ باشقىسىنى كۆرۈپ بولۇپ قايتىپ كېلىپ تېپىپ سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە ۋاقىت سەرىپ بولۇشى، قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ھەل قىلماق تولىمۇ قىيىن ئىش بولۇشى تامامەن مۇمكىن. لېكىن توردا ئۇنداق بولمايتى، كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن مەنزىل ئاياق ئىزى (足迹) ھالىتىدە ساقلىنىپ قالىدىغان بولغاچقا، ھەر كىشى تورغا كىرىشى بىلەنلا ئۆزىگە ياقىدىغان نەرسىلەرنى ئەتراپىدىلا ئۇچرىتالايدۇ. غايەت زور بازارنى ئارىلاشقا ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ.
    گېپىمىزنىڭ ئۇرانى يەنىلا ئەلىبابا گوروھىنىڭ سودا سۇپىسى بولغان تاۋباۋ دۇكانلىرى تامان كېتىپ بارىدۇ، يۇرتىمىزدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تور سودا بېكەتلىرىمۇ يوق ئەمەس. لېكىن ئۇلار تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا، تېخى تاۋباۋدەك كۆلەم ھاسىل قىلىپ بولالمىدى، ھەم بۇ مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چۈنكى تاۋباۋ پۈتۈن جۇڭگو ھەتتا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇيغۇرچە تۇزۇلگەن تور بېكەتلەرنىڭ يۇرتىمىز دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىكى تەس. ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا بارلىق ئۇيغۇر خەلقى ياكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ تورغا كىرىپ كېتىشى ناتايىن. تىلى قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى بىمالال ئورۇنداپ توردىن مال سېتىۋېلىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى ياخشى بىلىدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك خەنزۇچە تور بەتلەردىن پايدىلىنىشنى بىلىدۇ. ئىقتىدار ۋە ئىشەچ جەھەتتىمۇ تاۋباۋنى يۇرتىمىزدىكى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان تور بېكەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچە تور سودا مۇلازىمەت بېكەتلىرى ھامان ئۆتكۈنچە مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار تاۋباۋچىلىك بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا قۇيرۇقىنى قۇم بېسىشى تۇرغانلا گەپ.
    تور سودىسى توردا بىر نەرسە سېتىۋېلىش ۋە توردا دۇكان ئېچىپ بىرنەرسە سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توردا نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشقا كەلسەك ئالدى بىلەن سېتىۋالغۇچى مەزكۇر تورغا ئەزا بولۇپ كىرىپ تور كارتىسى بىجىرىدۇ، تور كارتىسىنىڭ رولى شۇ دۇكاندا مال سېتىۋېلىشتا پۇل تاپشۇرغانغا باراۋەر بولۇپ، سېتىۋالماقچى بولغان تاۋارلانىڭ پۇلى تور كارتىسى ئارقىلىق تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ پۇل ۋاقىتلىق، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىلكىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ. قانچانكى شۇ تاۋار مال سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىغا يېتىپ بېرىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ پۇل مال تەمىنلىگۈچىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. تور كارتىسى مال تەمىنلىگۈچى بىلەن مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىشەچ ۋە سۈپەتكە قارىتا نازارەت قىلىش رولىنى ئۆتەشتە مۇھىم بولغان كۆۋرۈكلۈك رولنى ئوينايدۇ. ئەگەر تاۋار سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن يارىمىسا ياكى ساختا چىقىپ قالسا ۋە ياكى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە يېتىپ بارمىسا مال سېتىۋالغۇچى ھەر زامان تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرىۋالالايدۇ. تور كارتىسى بىلەن بانكا كارتىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئېھتىياجىغا قاراپ بانكا كارتىسىدىن تور كارتىسىغا پۇل ئاغدۇرالايدۇ ۋە تور كارتىسىدىن بانكا كارتىسىغا پۇلنى قايتۇرۇپمۇ كېلەلەيدۇ.
    نۆۋەتتە دىيارىمىزدا تور سودىسى ئارقىلىق ئېھتىياج قاندۇرىلىۋاتقان تاۋارلار ئاساسلىقى كېيىم-كېچەك، ئۇنىڭدىن قالسا ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە بىر قىسىم دورىلىق يېمەكلىكلەر، شۇنداقلا تاپماق قىيىن بولغان مەخسۇس ئۈسكۈنە-ئەسۋاپلار. يان تېلېفون ۋە باشقا كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى توردىن سېتىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن رازى بولغىدەك دەرىجىدە مەقسىدىگە يېتەلىگەنلەر بەكلا ئاز. چۈنكى بۇ خىلدىكى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار يەنىلا مال يېتىپ بارغاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچىنىڭ بىر قىسىم تېخنىكىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تور ئارقىلىق يىراق جايدىن سېتىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارغا سېتىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن مۇلازىمەت قىلىشقا ئادەم تاپماق تەس. شۇڭا گەرچە بىر قىسىم ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر توردا ئەرزان بولسىمۇ، باھاغىلا ئىشىنىپ ئالدىراپ سېتىۋالماسلىق كېرەك. سۈپەت كاپالىتى ۋە سېتىۋېلىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.
    توردا مال سېتىۋېلىشتا سۈپەت ۋە ئىناۋەتكە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ. مال ساتقۇچى تەرەپ ناۋادا سېتىۋالغۇچى تەرەپنى رازى قىلالمىسا، توردىكى دۇكانغا قارىتا نارازىلىق پىكرى يازسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۇكاننىڭ كېيىنكى سودىسىغا روشەن تەسىر يېتىدۇ. ھەتتا دۇكان تاقىلىش جازاسىغىمۇ ئۇچرايدۇ. مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەتراپلىق، ئىلمىي يازغان باھا سۆزلىرى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق. بۇنداق ئىناۋەتلىك مال سېتىۋالغۇچىدىن تور دۇكانلىرى تەپتارتىدۇ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ قارىشىسىچە، مال سېتىۋېلىپ قۇسۇر چىقىرىدىغان، ئورۇنسىز چاتاق چىقىرىپ مال قايتۇرىۋېتىدىغان ئىستىمالچىلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا تور مۇلازىمەت سۇپىسىدا بۇنداق خېرىدارنىڭ ئىناۋەت كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ. سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىناۋەت جۇغلانمىسى، قىلغان سودا پائالىيىتىنىڭ ئاز كۆپلىگى ۋە سۈپىتىگە قارىتا ئۆسۈش ياكى تۆۋەنلەش بولۇپ تۇرىدۇ. بەزى سودىسى تازا ئاقىدىغان تور دۇكانلىرى، كىرىپ مال سېتىۋالىدىغانلارغا ئىناۋەت چېكى بېكىتىپ قويىدۇ. تور سودىسىدا، يېڭىلا تورغا تىزىملاتقان ئىناۋەت كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، بىكارچى، قۇسۇرچى ئىستىمالچىلار كىرەلمەيدىغان دۇكانلارمۇ بار.
    تاۋباۋدىكى مال سېتىۋېلىش ۋە دۇكان ئېچىپ مال سېتىش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان. مەشغۇلات قىلغۇچى تولىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە، توغرا مەشغۇلات قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن قوغلاپ چىقىرىلىش ياكى توختىتىپ قويۇلۇش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. مال سېتىۋالغۇچىغا قارىتامۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تاپشۇرۇپ ئالغانلىق تەستىقىنى بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە ئالدىرىماي، ئەستايىدىل ئويلىنىپ پىكىر-تەلەپ، باھا سۆزى يېزىپ قالدۇرسا ئۇنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ئۆسىدۇ. مال سېتىۋېلىشلا ئەمەس، باھا سۆزى بېرىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەر دائىم ياخشى، ئىلمىي باھا سۆزى يازىدىغان سېتىۋالغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ. مال ساتقۇچىلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىدىغان، قارشى ئېلىنىدىغان خېرىدارغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى توردىكى مال سېتىۋېلىشتا بارلىق ئىش-پائالىيەتلەر نازارەت ئاستىدا خاتىرىلىنىپ ماڭىدىغان بولغاچقا، دەسلەپ مۇئامىلە قىلىشقانلارمۇ بىر-بىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىشەنچلىك، ئىناۋەتلىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىپ، ناچار، ساختىلارغا قاتتىق قول بولۇش ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
    تور سودىسى رايون ياكى تۇرۇشلۇق ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۆيدە كومپيۇتېرنىڭ ئالدا ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى، ۋاقتىنچە، بىر قىسىم تېخنىكىلىق مۇلازىمەت تەلەپ قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقىلىرىنى توردىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە سېتىپ چىقارغىلىمۇ بولىدۇ. يۇرتىمىزدەك ئاھالىلەر بىر قەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئارىلىق يىراق، قاتناشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان رايونلار ئۈچۈن تور سودىسىنىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ. لېكىن تور سودىسىدا ئېرىشىش يەنى سېتىۋېلىشلا بولۇپ، سېتىپ چىقىرىش بولمىسا يەنە بولمايدۇ. يېقىندا ئەلىبا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايون يۇرتىمىزغا كېلىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغىرلىق ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملىشىپ كەتتى. ئېھتىياجلىق نەرسىلەرگىغۇ تور ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشمىكىمىز ئاسانلاشتى، ئەمدى گەپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىزدە سېتىپ چىقىرىشقا تېگىشلىك مەھسۇلاتلاردىن نېمىلەر بار؟
    شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كان بايلىقلىرى- مېنىراللار، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردىن پايدىلىنىپ ساتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھۆل- قۇرۇق مىۋىلەرنى توردىن پايدىلىنىپ ساتقاندا كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. توردىن پايدىلىنىپ دۇكان ئېچىپ، مال مەنبەسىنى تەشكىللىيەلىگەن شەخس ياكى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تىجارەتنى قىلالايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا توشۇپ كېلىپ باھا بەلگىلەپ توردا سېتىش بۇ ئاقمايدۇ. چۈنكى توردا سېتىپ چىقىرىشتا مال باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشى ئەڭ مۇھىم ئەۋزەللىك ھېسابلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇ يۇرتتىن چىقىدىغان، ئارتۇقچە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە توشۇش ھەققى كەتمەيدىغان مەھسۇلاتلارلا باھادا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
    يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇق مىۋىلىرى توردا سېتىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئائىلىلەر ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق. بۇ ئەۋزەللىكنى تونۇپ يەتكەن قۇرۇق مىۋە سودىگەرلىرى بۇ تۈرگە مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىدا زاۋۇت؛ تۇرپان، كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قۇرۇق مىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تارقىتىش بازىلىرىنى قۇرۇپ، مەخسۇس ئىشلەنگەن ئوراپ قاچىلاش سىستېمىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. غەربىي دىيار مىۋىچىلىكى گوروھىلا بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ گوروھنىڭ ئۈرۈمچى ئالاھىدە ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىدىكى زاۇۋتدا گىرمانىيىدىن كىرگۈزۈلگەن ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قۇراشتۇرۇلغان تولۇق ئاپتوماتىك ئوراپ قاچىلاش، توشۇش، تارقىتىش سېخلىرى قۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، كۈن بويى ئادەمسىز مەشغۇلات ھالىتىدە نەچچە ئونمىڭ بولاق قۇرۇق مىۋە توردا مال زاكاز قىلغانلارغا سېتىپ بېرىلمەكتە. باشقا ئۆز ئالدىغا توردا دۇكان ئېچىپ، ئېھتىياجغا قاراپ مال كىرگۈزۈپ، ئۆزى ئوراپ قاچىلاپ توردا سېتىۋاتقان شەخسىي سودىگەرلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا. شىنجاڭدا يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە ئەتىۋارلىنىدىغان يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ خىلى كۆپ. مەسىلەن، يەرلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، دورىلىق زىرائەت قاتارلىقلارنى توردا دۇكان ئېچىپ ساتسا چوقۇم ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
    توردا دۇكان ئېچىشتا ئالدى بىلەن مەزكۇر توردا تىزىملاتقان بولۇشىڭىز كېرەك. يەنى ئىلگىرى شۇ توردا مال سېتىۋېلىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك. مال سېتىۋالغۇچى سالاھىيىتى بار دېگەنلىك سىز شۇ تورغا تىزىملاتقان ۋە يەنە تور كارتىسى بىجىرگەن دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنداقتا سىزدە ئۆز ئالدىڭىزغا ھەقسىز تور دۇكان (免费开店) ئېچىشنىڭ دەسلەپكى شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. تاۋباۋ تورىدا ھەقسىز دۇكان ئېچىشقا ئىلتىماس سۇنۇشتا ئالدى بىلەن ئىككى ئىشنى تاماملىۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭ بىرى سىزنىڭ رەسىمىڭىز؛ كىملىكىڭىزنى ئىككى قولىڭىزدا ئىڭىكىڭىزنىڭ ئاستى تەرىپىگە توغىرلاپ تۇتۇپ، ئېگىلگەن بىلىكىڭىزنى سەل كۆتۈرۈپ رەسىمگە چۈشىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن رەسىمخانىغا چېپىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئادەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوندا چۈشكەن رەسىملەر ئېنىقلىق دەرىجىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھازىر ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىغان سىفىرلىك رەسىم ئاپپاراتىدىن بىرنى تېپىپ، شۇنىڭدا ئۆينىڭ يۇرۇقلۇق ياخشىراق چۈشىدىغان يېرىدە ئۆرە تۇرۇپلا يۇقىرىدا مەن دېگەندەك ھالەتتە رەسىمگە چۈشۈڭ. شەرت؛ يالاڭباشتاق، كۆز، قۇلاق بەش ئەزايىڭىز ۋە ئىگىلگەن ئىككى بىلىكىڭىز تولۇق كۆرۈنگەن بولسۇن. يەنە سىز تۇرۇپ تۇرغان كىملىكتىكى ئىسمىڭىز رەسىمنى چوڭايتىپ كۆرگەندە پەرق قىلغىلى بولىدىغان بولسۇن. بۇنىڭلىق ئۈچۈن رەسىمنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن تارتىلغان بولۇشى كېرەك. تارتىلغان رەسىمنى ھەرقانداق رەسىم لايىھىلەش قورالىدا پەردازلىماڭ، يەنى سۈزۈكلىكىنى ئاشۇرماڭ، ئىش قوشماڭ. چۈنكى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئىشلەپ قويۇلغان رەسىم بىردەك تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ. ئاخىرىدا بۇ رەسىمنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭ. كىملىكنىڭ ئۆزىنىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى رەسىم ھالىتىگە كەلتۈرۈڭ، كىملىكنىڭ ئىككىلا يۈزىنى تەق قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
    كىملىك تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىڭىز ۋە كىملىكىڭىزنىڭ كومپيۇتېردىكى رەسىمى تەق بولغاندىن كېيىن، تورغا تىزىملىتىپ كىرىپ، شۇ كۆزنەكنىڭ يېنىدىكى ھەقسىز دۇكان ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ. كۆرۈنگەن تەرتىپلەر بويىچە جەدۋەلنى ئېنىق، توغرا تولدۇرۇڭ، شەخسىي دۇكان ۋە شىركەت دۇكان دەپ تاللايدىغان يېرىگە شەخسىي دۇكاننى تاللاڭ، ئەگەر شىركەت دۇكان قىلسىڭىز تولدۇرۇشقا تېگىشلىك تەلەپلەر ھەسسىلەپ ئېىشپ كېتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەقسىز دۇكان ئېچىشتا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ. بارلىق تەلەپلەر تولدۇرۇلۇپ دۇكان ئېچىش ئىلتىماسى ئوڭۇشلۇق يوللانغاندىن كېيىن 24 سائەتلىك تەكشۈرۈپ كۆرۈش باسقۇچىنى باشتىنكەچۈرىسىز، ئەگەر تەلەپلەر يۇقىرىدا ئيېتىلغاندەك ئورۇندالغان بولسا شۇ كۈنىلا ھېچقانداق تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا دۇكان ئېچىش ئىلىماسىڭىزنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى كۆرىسىز.
    دۇكان ئېچىش ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانغاندىن كېيىن، دۇكان بېزەش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغان گەپ. دۇكان بىزەشتە ئالدى بىلەن دۇكان ۋىۋىسكىسىنى لايىھىلىۋېلىش كېرەك. دۇكان ۋىسىسكىسىغا بېرىلگەن ئورۇن 950x120 بولۇپ، سىغىمىمۇ 200K دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ۋىۋىسكىنى تەقلىۋالغاندىن كېيىن، تاۋباۋنىڭ باش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ساتقۇچىلار مەركىزى(卖家中心) نىڭ ئىچىدىن خالىغان بىرىنى چېكىپ دۇكان ئارقا سەپ باشقۇرۇش كۆزنىكىگە كىرىمىز. بۇ يەردە سول تەرەپ تىزىملىكتە دۇكان بىزەش(店铺装修) نى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن دۇكاننىڭ باش تەرىپىدىكى ۋىۋىسكا ئورنىنى چېكىپ، تەھرىرلەش(编辑) نى ئاچىمىز. بۇ يەردىن ئۆز ئالدىغا ۋىۋىسكا چىقىرىش(自定义招牌) نى تاللاپ كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن رەسىم چىقىرىشنى(插入图片) نى تاللايمىز. رەسىم چىقىرىشتا تاۋباۋ تورى رەسىم بوشلۇقىدىكى رەسىمنى چىقىرىش ياكى يېڭىدىن رەسىم چىقىرىش دەپ ئىككى خىل ئۇسۇل بار. دەسلەپكى چىقىرىش بولسا يېڭىدىن رەسىم چىقىرىشنى تاللاش كېرەك. رەسىم چىقىرىپ، قوشۇپ تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، دۇكان ئىسمى كۆرىنىش(显示店名) نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن بىز چىقارغان ۋىۋىسكىنىڭ ئۈستىدە، سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان دۇكاننىڭ ئىسمى ئارتۇقچە كۆرىنىۋالىدۇ. بۇ باسقۇچلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى يوللاش(发布) نى بېسىپ قىلغان ئەمگىكىمىزنى مۇقىملاشتۇرىمىز. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ۋىۋىسىكىنى داۋاملىق يېڭىلاپ كۆركەملەشتۈرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا رەسىم چىقىرىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىمىز، كېيىنكى قەدەملەردىمۇ رەسىم چىقىرىش باسقۇچى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر قېتىم تور بوشلۇقىغا چىقارغان رەسىملەرنى قايتا چىقىرىش ھاجەت ئەمەس. دەسلەپ چىقارغان رەسىملەرنى يەرلىكتىن قوشۇش(本地添加) نى بېسىپ، كومپيۇتېردىكى رەسىمنى تاللاپ تورغا چىقىرىۋالىمىز. چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم قىستۇرۇش(插入) ۋە تاماملاش(完成) نى بېسىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن قىلغان ئىشىمىز بېكار بولۇپ كېتىدۇ.
    دۇكاننى بىزەپ بولغاندىن كېيىن مال چىقىرىش(发布宝贝) باسقۇچىغا كېلىمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن مالنى تاۋباۋدا ئەزىزىم(宝贝) دەپ ئاتايدۇ، بارلىق مۇشۇنداق ئاتالغان ئورۇنلاردا مەھسۇلات يەنى مالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز خاتالاشمايسىز. مال چىقىرىشتىن ئاۋال ئۇنىڭ رەسىمىنى تەقلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي رەسىمنىڭ چوڭلىقى 760x760، چاسا بولۇشى، سىغىمچانلىقىمۇ 200K دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاساسىي رەسىمدىن تۆتنى چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باش رەسىمنىڭ جەلپچان، سۈزۈك، رەڭدار بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەر بەيدۇغا كىرىپ "تاۋباۋ ئاساسىي رەسىم" دەپ ئىزدىسە نۇرغۇن نەمۇنىلىك ئۈلگە رەسىملەرنى تاپالايدۇ. شۇلارنى چۈشۈرىۋېلىپ "فوتو شوپ"(Photoshop)تا كىرىشتۈرۈپ ئىشلەتسە ئاسان توختايدۇ. يەنە چىقارماقچى بولغان مالنى توردىن ئىزدەپ بېقىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ بازارلىق، كۆپ سېتىلىۋاتقانلىرىنىڭ رەسىم ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلەتكەن ئىسمىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى تېگىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوخشاش تۈردىكى تاۋارنىڭ توردا قانداق قىلىپ خېرىدار جەلپ قىلىۋاتقانلىقى توغىرلىق تەجرىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ مال ئىسمىنى يېزىشتا ئاسان تاپقىلى بولىدىغان خەتلەر بىلەن 30 ھەرپ چېكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، باھاسى ئەرزان ماللارغا باھاسى قىممەترەك، لېكىن ئاسان تېپىلمايدىغان ماللارنىڭ ئىسمىنى يانداشتۇرۇپ قويۇشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېھتىياجلىقلارنىڭ ئىزدەپ تېپىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.
    تور دۇكىنىغا مال چىقىرىشتا تۈر تاللاش ھەممىدىن مۇھىم. مال چىقىرىش كۆزنىكىگە كىرگەندىن كېيىن چىقارماقچى بولغان مالنىڭ ئىسمى بىۋاسىتە كىرگۈزۈلسە تۆۋىنىدە شۇ مالنى تەۋە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تۈرلەر كۆرۈنىدۇ. بەزى تۈرلەرگە مال چىقىرىش ئۈچۈن كاپالەت پۇلى تۆلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىگە ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئىش كېتىدۇ. بۇ باسقۇچ ئورۇندالمىسا يېڭى مال قاتىرىغا قوشۇلماي، نىمكەش تاۋار(二手) قاتارىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بار. ئالدى بىلەن نېمىلا بولمىسۇن مالنى قوشۇپ بېقىپ، بارا- بارا ياخشىلاشنى ئويلىشىش كېرەك. بىر نۆرىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىمەن دەپ ئۇچرىغان توساقلاردا توختاپ قېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا باشقا تۈر(其它) دېگەندەك يەرلەرگە بولسىمۇ يوللاپ بېقىپ، شۇ جەرياندا مال چىقىرىشقا ئائىت تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىۋېلىپ، ئاستا-ئاستا يېڭىدىن، قايتا چىقىرىپ كونىلىرىنى تىزغۇدىن چۈشۈرۈ (下架) ۋەتكەن تۈزۈك.
مالنىڭ ئاساسىي ھالىتى تورغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خاسلىقى يەنى ئالاھىدىلىكىنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. مالنىڭ تەپسىلاتى(宝贝详情) كۆزنىكىگە رەسىم ۋە خەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. سىغىم چېكى يوق. رەسىملەرنىڭ كەڭلىكى 790 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. رەسىملەرنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ مائۇستا بىۋاسىتە تارتىپ، ئورۇن تەرتىپىنى تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئورۇنغا مۇمكىن قەدەر مالغا دائىر ئىنچىكە ئۇچۇرلار، مەسىلەن، مالنىڭ باشقا يۆنىلىشتىن كۆرۈنۈشى، ئىسكىلاتتىكى ھالىتى، قاچىلىنىشى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت چۈشەندۈرۈشلەر قاتارلىقلار كىرگۈزۈلسە توغرا بولىدۇ. مەقسەت قىزىققۇچىنى مالنىڭ ئالدىغا بارماي تۇرۇپلا، مالنىڭ ھەقىقىي، سۈپەتلىك مال ئىكەنلىگىگە ئىشەندۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلىش كېرەك. يەنە بۇ ئورۇن تولدۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يان تېلېفون نۇسخىسى(手机端) نى ئىشلەپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سېتىلىۋاتقان مال(出售中的宝贝)نىڭ تەھرىرلەش(编辑宝贝) غا كىرىپ مال تەپسىلاتى كۆزنىكىنىڭ يېنىدىكى يانفون نۇسخىسىنى چېكىپ، ئۇنىڭ ئوڭ ئۈستى بۈرجىكىدىكى كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن ئاغدۇرۇپ كىرىش(导入电脑端宝贝详情) نى بېسىپ ئاغۇرۇپ كىرىپ ساقلىساق بولىدۇ. يانفون نۇسخىسىنىڭ سىغىم چېكى بار، ئېشىپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈنسە بەزىلىرىنى شاللىۋېتىپ قايتا ساقلىساق بولىۋېرىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىلىۋاتقان ماللىرىمىزغا قارىتا داۋاملىق ياخشىلاپ تۇرۇش ئېسىڭىزدە بولسۇن.
تور دۇكىنىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى سېتىشنى باشلاپ ۋە ئاشۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى ئېچىلغان دۇكانلار ئېچىلشىغىلا بىر تالاي تور قۇرۇتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ھەممىسى بەستە- بەستا دۇكاننى يوقلاپ، شەكلەن زاكاز بېرىپ قويۇپ سىزنىڭ ئۇلارنى ئاكتىپ ئىزىدىشىڭىزنى كۈتۈشىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى سىز ئۇلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىزنىڭ توردىكى ئىناۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقى توغىرلىق سىزگە گەپ ساتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان. تاۋباۋنىڭ ھازىرقى بەلگىلىمىسىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ساختىلىققا يول قويۇلمايدۇ، بايقالغان ھامان دۇكان تاقىلىدۇ. شۇڭا تور قۇرۇتلىرىنىڭ "مەن سەندىن مال سېتىۋالغان بولۇپ، مېلىڭنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ بېرەي، ياخشى باھا سۆزى يېزىپ سوداڭنى قىزىتىپ بېرەي" دېيىشلىرىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. بۇنىڭغا قارىغاندا تورغا چىقارغان ماللىرىڭىزنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قايىل قىلارلىق ۋە جەلپكار بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا داۋاملىق مۇشۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ تۇرغىنىڭىز، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماللارنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىشىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ھالقىلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق ئىشلەشكە تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەگەر خېرىدار جەلىپ قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەي دېسىڭىز تاۋباۋ تورى ئۆزى يولغا قويغان مۇكاپاتلىق باھا يېزىش پائالىيىتى، مەلۇم مەزگىللىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى دېگەندەك مۇشۇ تورنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاكتىپ ئامىللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قىزىقتۇرۇش ھىيلىسىگە، دامىغا چۈشۈپ كەتمەڭ. مېلىڭىز ياخشى بولسىلا سېتىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. چۈنكى توردا كۈندە ئارىلاپ تۇرىدىغان مال سېتىۋالغۇچىلار كۈرمىڭ، سىز بۇلارنى ساناپ بولالمايسىز. تور دۇكىنىڭىزدا سۆز قالدۇرۇش قورالى بار، سىز شۇنىڭدا داۋاملىق بار بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈڭ. باشقىلار گەپ قالدۇرغان ھامان ئۇلارغا ئىلمى، سەمىمىي جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. گېپىڭىزنىڭ بىرىنچى سۆزى 亲 دىن باشلانسۇن. چۈنكى توردا سىز قارشى تەرەپنى كۆرەلمەيسىز، قارشى تەرەپمۇ سىزنىڭ چىراي تۇرقىڭىزنى كۆرەلمەيدۇ. كەلدىمۇ ئۇ سىزگە مېھمان، ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇتۇپ قالسىڭىز ئۇ سىزنىڭ خېرىدارىڭىز، بولمىسا كېتىپ قالسا قايتا چىللاپ كېلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. پۇرسەت شۇنداق توساتتىن كېلىدۇ ۋە تەييارلىقىڭىز بولمىسا تېزلا كېتىپ قالىدۇ. دەسلەپ ئېچىلغان دۇكانلارنىڭ مېلىغا قىزىققۇچىلار مال زاكاز قىلىشتىن بۇرۇن دۇكان ئىگىسىدىن ئانچە-مۇنچە سوراپ باقىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
تور دۇكىنىدا داۋاملىق ئادەم بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قارانچۇق(旺信) نى قوزغىتىپ قويۇش كېرەك. لېكىن بۇنىڭغا قاراپ ھەر دائىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفوندىن قارانچۇق ئېپىنى چۈشۈرۈپ قوزغىتىپ قويۇلسا ئىش ئاسانلىشىدۇ. يەنە تاۋباۋنىڭ ئارقا سەپ كونترول يۇمشاق دېتالى مىڭ كالا(千牛) خىزمەتخانىسىدىن پايدىلىنىشنى سىناپ بېقىڭ. ئەگەر ئۇنىڭ يانفون نۇسخىسىنى چۈشىرىۋالسىڭىز ھەر ۋاقىت ھەر يەردە تۇرۇپ دۇكىنىڭىزدا كىملەرنىڭ نېمىلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، نەچچە زاكازنىڭ قېتىلغانلىقى ۋە قالدۇرىۋېتىلگەنلىكى، تۇنۇگۇن ئەڭ بازارلىق بولغان مېلىڭىزنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى بىر يولىلا بىلىپ تۇرالايسىز. بۇ ئارقىلىق دۇكاننى توردا ئېچىپ قويۇپ، يانفوندا كۆتۈرۈپ يۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
خۇلاسە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، توردا بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى بىلىش زامانغا لايىقلاشقانلىق ھېسابلانسا، توردا بىرنەرسە سېتىشنى بىلىش زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەنلىككە باراۋەر. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە بىر نەرسە ئۆگىنىپ تۇرىدىغان، يېڭىلىقلارنى ئەپچىللىك بىلەن ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان ھۇشيار كاللا ۋە ساپ ئەقىل بولۇشى زۆرۈر. نۇرغۇن ئىشلارنى باشقىلارنىڭ مەخسۇس ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، توردىن ئىزدەپ تۇرۇش ۋە داۋاملىق سىناپ بېقىشنى بىلگەن ئادەم ئۆگىنىپ كېتەلمەيدىغان ئىش يوق. شۇ چاغدىلا ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسىدىن غەم قىلمايدىغان، ئورۇنسىز ئىشلارغا ئارىلىشىپ پەن-تېخنىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەيدىغان داغدام، توغرا يولغا قەدەم باسقان بولىسىز.

  تۇردى لېتىپ ئىزگۈ:13809938602
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش