كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 18

ساھىبجامالنىڭ غەمكىن قەلئەسى (47)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(47)

未标题-1.jpg

    ساھىبجامال ئابدۇللا، 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. تولۇق كورۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.   60 نەچچە پارچىغا يېقىن شئېرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە «ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ»، «سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن»، «تۇرمۇشتىكى پىسخولوگىيە»، «ۋاقىت»،«مۇۋەپپەقىيەت يولى» قاتارلىق تەرجىمە كىتابلىرى نەشىردىن چىققان.

   [ئاپتوردىن] شىئېر ھەققىدە نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن، ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە ئۇنى تۇيغۇ تىلى دېيىشىم مۇمكىن. ئەمما شۇنداق دېيەلەيمەنكى، شىئېر تۇرمۇشۇمنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ساھىپجامال ئابدۇللانىڭ شېئىرى دۇنياسى شۇنداق دۇنيا، «كۈز» ، «قەبرە» ، «تەقدىر» ، «ئۆلۈم» ، «يىغا» ، «سوغۇق» ، «يالغۇز» ، «مۇڭ» ، «تىترەك» ، «يۇمشاق» ، «توزان» ، «جىمجىت» ، «غازاڭ» ، «رەڭسىز» ، «قەبرە» دېگەندەك چۈشكۈن ئىماگلار ۋە ھېسيات بەرگىلىرى بىلەن تولغان...  بۇ قەلئەگە ئىچكىرىلەپ كىرسىڭىز تىرىك بىر ئۇيغۇر ئايالنى بايقايسىز. بىز بۇ ئۈمىدلىك شائىرەنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەكلىك تىلەپ ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

_ مەسئۇل مۇھەررىردىن


مەن ئۆلگەندە

مەن ئۆلگەندە،
سۇلار توختىمايدۇ،
خىيال توختايدۇ.
زامان-ماكان خاتىرىلىنىدۇ،
شۇ چاغدا لايغا ئايلىنىمەن،
قالغىنىنى ئىلاھ بىلىدۇ!
مەن ئۆلگەندە،
ئۆتمۈش ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىر سۇئال بىلەن
سەن ئويغىنىسەن !
يامغۇر ياغىدۇ.
2011.1.6 ئۈرۈمچى


ئۆيگە قايتىش

گۈزەل ئىستەك بىلەن،
يولغا چىقىش نەقەدەر قىزغىن.
ئۆتۈپ كەتتىم تاغلارنى بويلاپ،
يوللار گويا مېھرىلىك ئېقىن.
ھەممە يەردە ئارزۇ پارلايدۇ،
خىياللار ئەركىن...
چۈش كۆرمىگەن ئىنسان يوق يولدا،
گاھى خوشال گاھىدا غەمكىن.
خىيال قىلۋاتقان كۆزلەر،
يىراقلارغا تىكىلگەن ئىدى.
مەنزىلگە يىتىش يولىدا،
كىملەر كۈتتى كىمدىن تەسەللىي...
2013.03.05 ئۈرۈمچى


يامغۇر

سىرلىرىڭنى تۆككۈڭ كەلدىمۇ؟
پىچىرلايسەن دېرىزىلەرگە.
ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ،
قارىمىدىم نەم كۆزلىرىڭگە.
ئېقىپ كەتسەڭ يوللاردا سەرسان،
كىملەر كېچىپ ئۆتتى نەچچە رەت.
ئالقىنىنى ئۇزىتار ساڭا،
سەندەك غەمكىن دەرتمەنلەر پەقەت.
يېغىۋەرگىن، ئەركىڭ بار يامغۇر،
ھەر يۈرەكنىڭ يىغىسى ئايرىم.
دېرىزىدىن قارىدىم ئاستا،
يامغۇرلاردەك ئىزىلدى باغرىم....
2013.6.19 ئۈرۈمچى


بۈگۈننىڭ ئىسمى

بۈگۈن كۈنگە نېمە؟
چىسلاغا قانچە؟
ۋاقىت گۇناھ ئەمەس،
پەقەت ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكى بىر مەنە.
شۇنچە نۇرغۇن ئالدىراش ئادەم،
يول ئۈستىدە ئاقار پۇلاڭلاپ.
بۇ ئاجايىپ مەنزىرە،
تىزىپ قويدى ئۆلۈمنى ياساپ.
بوغۇزلايدۇ بۈگۈنكى قوينى ،
يول ئۈستىدە بىر تىرىك قاسساپ.
كىيىم-كىچەك ئىچىدىكى مەن؛
كىيىم-كىچەك ئىچىدىكى ئۇ؛
كىيىم-كىچەك ئىچىدىكى سەن-
سان ئوقىنىڭ ئۈستىدىكى سان.
يىشىلگىچە ساننىڭ مەنىسى،
بىز بۈگۈن ئۈچۈن ئالدىراش ھامان.
تېلېفونۇمدا سان-سىفىرلار يوق،
بۈگۈن بەلكىم ھەممە ئالدىراش.
ھېچكىم تۈنۈگۈندە قالمىغان،
ياكى ھېچكىم ئەتىگە ئۆتمىگەن،
ھا...ھا...ھا... مانا ھەممىمىز،
تىرىكلىك ۋە تىرىكچىلىكچۈن،
بۈگۈنگىلا سولانغان قاقباش...
2008.12.29  ئۈرۈمچى


دەريا

قولۇمنى ئۇزاتتىم،
يىراقتا قىرغاق...
خىياللار گۈزەل بولىدۇ،
سۇلار غەمسىز ئاقىدۇ،
كۆڭلۈم ساڭا چۆكىدۇ،
بىلەمسەن دەريا؟
كۆزلىرىمنى كۆرەمسەن دەريا؟
قىرغاققا يەتكەندە،
مېنىڭ كۈتكەنلىرىم كەتكەن بولىدۇ...
ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن تنىچ،
ئاقار سۇلار، ئاقىدۇ دۇنيا.
مەن بۈگۈننىڭ بىر نۇقتىسىدا،
تۇرماقتىمەن، تۇرماقتا دەريا...
2014.12.17 پوسكام

مەن جىمجىتلىقنى سۆيىمەن

مۆكۈندۈم قەلبىمنىڭ پىنھانلىرىغا،
ھېچكىمنىڭ ئېسىگە كەلمەسلىك ئۈچۈن.
يىغلايدۇ كۆز يېشىم ئۆزىدىن قورقۇپ،
ھېچكىمگە بايقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن.
يېقىلدىم كەچكۈزنىڭ ھارغىن باغرىغا،
قۇچاقلاپ قۇيايمۇ دېمىدى مېنى.
ساپسېرىق ئازاپنىڭ ئۈستىدە ياتتىم،
ئاھ، پۇراپ مۇز رەڭلىك يامغۇر ھىدىنى.
……………. ……….. …….
سۈكۈتكە تۇيۇنغان تاغلارغا بارسام،
بىر تاشنىڭ باغرىغا سىڭسەم ئاۋايلاپ.
مەلۇم بىر دەرتمەننىڭ قولىغا چىقىپ،
ئېتىلسام دېڭىزنىڭ ئاستىغا يىغلاپ…
2008.10.2 ئۈرۈمچى

ئۆلىۋېلىش ئالدىدا

بۇغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ،
دومىلايدۇ يۇپۇرماقنىڭ ئالقىنىدىن،
شاماللار تېز-تېز.
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ
سىرغىپ چۈشەر ئاسمان مەڭزىدىن،
ھاۋا ئانىنىڭ يۈرىكى بويلاپ،
تارام-تارام ئىز.
چاچلىرىدا ئۆزىنى بۇغۇپ،
كۆزلىرىنى يۇمار مەردانە.
دەريا بويىدا
ئۆلىۋالماقچى بولغان قىز......
2009.2.3 ئاقسۇ



جەنۇپتىن كەلگەن ئايال

ئېتىزنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
تۇپراققا ئوخشايدۇ قوللىرىڭ سېنىڭ.
ئۈرۈمچى جەنۇپتىن سوغۇق،
جەنۇپتىكى يىلىڭ كىيمىڭدە،
ئاپتۇبۇس ساقلاپ توڭلىدىڭ چوقۇم،
ئېسىگە كەلمىدىڭ بىراق ھېچكىمنىڭ.
سوغۇق ئاققان يوللاردا،
تۇمان باسقان ھاۋادا،
كۆزلىرىڭ ياشاڭغىراپ قالدى.
بەلكىم بۇ شەھەر خىيالىڭدىكىدەك گۈزەل ئەمەس،
ياغلىقىڭنى چىڭىتىپ چىگىپ تۇرساڭمۇ،
سوغۇق سېنى قورشاپ ئالدى.
بۇ قۇملۇقتىن چىقىپ تاشقا ئايلانغان شەھەر،
توپىلار يوق، ھەممىسىدە شەخسىي جىددىيلىك.
ئۆزۈڭگە خاس بىر سۆيگۈ بىلەن،
سەن تۇرىسەن جەنۇپتەك ئىللىق.
2012.1.6 ئۈرۈمچى

ئۇنتۇش ئۈچۈن

يوللارنى ئۇنۇتتۇم، ئۇنتۇش ئۈچۈن،
سۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم، ئۇنتۇش ئۈچۈن.
كىرپىكىمنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ،
كۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم، ئۇنتۇش ئۈچۈن...
يامغۇر ئىشەنمەيدۇ سۆزۈمگە،
ئۇنىڭ يىغىسى دېرىزىنىمۇ يىغلاتتى.
مەن يىغلايمەن كىمگە ؟
ئازاب ئوقتەك ئۆتتى تېنىمدىن،
ئىزى قالدى تېمىم-تېمىم...
مەن نە قىلاي ؟!
يىغلىما يېشىم، يىغلىما يېشىم...
2009.5.12 ئۈرۈمچى

بۇ باھار

قىشنىڭ كەتمىگى تەس بولدى،
دەرەخلەر ئوتۇن بولمايدىغان شەھەردە…
بىز ئىللىق كۈنلەرنى سېغىنىمىز،
سېمونت بىلەن قورشالغان ئۆيدە.
بۇ باھار،
نېمە پۇراق بېرەر ۋەتەنگە؟
يۈرەكلەر بەكرەك تەشنا نېمىگە؟
باھارغىلا قويدۇق ئۈمىدنى،
يەنە نېمە قالدى كېرەككە؟
قۇياشنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن،
ۋەتەننىڭ نېنىدەك ئىسسىق شۇ قەدەر.
قىش پەسلى كۆكتە كۈن تۇرسىمۇ كۈلۈپ،
باھارنى سېغىنىپ بۇقۇلدار كەپتەر.
2014.2.22 قاراماي

سەن بىلەن مەن

كېلەلمىسەڭ يەنە بۇ قېتىم،
سىرلىرىمىز بولالمايدۇ جەم.
كۈنلەر ھېجران،
ۋاقىتلار ھېجران،
سۈيەلمىسەڭ، سۈيۈلمىسەم ھەم.
ئۈمىد قۇرغاق
تاڭلار قاپقارا....
كۆز ئالدىمدا ئۇپۇق يالىڭاچ.
باھار كۈنى ئۆز ئۇۋىسىدا،
توڭلاپ قاپتۇ بىر تال قارلىغاچ.
سەن بىلەن مەن،
مەن بىلەن سەن،
باھار كۈنىدە
قارلىغاچقا ئۇۋا ياسايمىز.
تاتلىق ئاخشام،
ئاقسۇدىكى خەلق مەيدانىدا،
يۇلتۇزلارغا بىللە قارايمىز.
قۇياش-
سېنىڭ يۈرىكىڭ.
ئىللىق، سۈكۈتلۈك، سىرلىق...
مەن شاۋقۇنغا كۈمۈلگەن جىملىق.
«خىيال ۋە مەن»
مەن بىلەن سەن،
دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىمىز،
بىز تۇنۇشقان خەتنىڭ قۇرىدا.....
مەن شۇنداق چۈش كۆرىمەن،
يات شەھەرنىڭ چىغىر يولىدا.
........ ...........
دۇنيادا بار بىرلا ئۆگىزە،
ئۇ تۇتاشقان ئىككىمىزگىلا.
2008.1.7  ئۈرۈمچى

كېتەرمەن
*
كېتەرمەن،
يۈرىكىمگە قاراپمۇ قويماي.
يالغان كۈيلەر كۆپ بولدى،
راسىت مۇڭنى ئىزدېشىم كېرەك،
ئىچىمدىن ھەم ئۆزۈمدىن تىنماي.
*
كېتەرمەن،
سايىسىز، تەنسىز ھەم سەنسىز.
شۇنداق بىر قەلبىم بار،
سىغدۇرالماس خائىنلىقنى،
ھەممىنىڭ ئۆز ئەينىدىن باشقىسى مەنىسىز.
*
كېتەرمەن،
كۆڭلۈمنىڭ كۆزىگە باقماي،
يىغلىسا دەريا بولمايدىغان يالغان ياشلارنى،
يامغۇرنى كەچكەندەك كېچىپ ئۆتىمەن،
قارىماي، سۆزلىمەي يالغۇز كېتىمەن.
*
كېتەرمەن!
جىمجىت…
يامغۇرلۇق يولدا.
2015.2.10 پوسكام

دادامنىڭ چىرايى

ئاقسۇدىكى كەڭرى ئېتىزلىقلار ئۇنىڭ يۈزىگە بېسىلغان،
ئېرىقلار، تاغلار ئۇنىڭ جاۋغاي، بۇرۇنلىرىغا سىزىلغان،
ئورمانلار، زىرائەتلەر ئۇنىڭ بۇرۇتلىرىغا تىكىلگەن،
ئاقسۇلۇق قۇشلار ئۇنىڭ تىلىغا ئايلانغان،
ئۇنىڭ بەستى كەتمەندەك ئۇرۇق ئەمما تىك تۇرىدۇ،
پىشانىسىدىن تۆكۈلگىنى شەبنەمدەك سۈزۈك دان،
ئۇ گۇگۇمنى يۈدۈپ ئېتىزدىن قايتىۋاتىدۇ.
ئۇ ئېرىقتا 61يىل تىنىمسىز ئاققان سۇغا ئوخشايدۇ،
ئېرىق سۇلىرىدەك تۇپراققا مىلىنىپ ياشايدۇ،
ئىپتىدائىي ئەمگەك ئاۋازى گويا جاڭگالدەك جىمجىت،
دۇنيا ئۇنىڭغا سۆيۈنۈپ قارايدۇ.
نى ئېغىرچىلىقلارغا مىت قىلمىغان كۆز
ياسىز ئوقيادەك يەردە ياتىدۇ.
رىسىقنىڭ نۇرلىرى تاڭغا ئۇلاشقاندا،
ئۇ سەھەرگە سالام دەپ يەرگە ماڭىدۇ.
ئۇ يەر مىجەز ئادەم،
دائىم سۈكۈت ئىچىدە ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدىغان.
2015.3.5 پوسكام

نېمە ئۈچۈن

قۇياشقا قاقلىنىپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە،
قاغجىراپ كېتىۋاتقان قاتار-قاتار ماشىنىلارغا،
يەنە نەپىسى قىيىنلىشىپ ئۇزىراپ كېتىۋاتقان يوللارغا،
ئاسمانغا مەيۈس بېقىپ تۇرغان دەرەخلەرگە،
ھەممىگە ئاچچىقى بىلەن قىززىپ قاراپ تۇرغان ئاپتاپقا،
يەنە كۆز ئالدىمدىكى ئۆز غېمىنى قىلۋاتقان ھەممە نەرسىگە،
مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلا دېگىلى بولاتتىمۇ؟
*****
نېمە ئۈچۈنكىن كۈندۈزدىن ئاغرىنىپ كېچىلەرگە كىرگۈم كېلىدۇ.
غايەت زور بېسىم بار ئىچىمدە
قاچقۇم كېلىدۇ، قاچقۇم كېلىدۇ.
يۇپۇرماقلار بىلەن جەڭ قىلۋاتقان شاماللار،
ماڭا قاراڭلار،
بۇ مەنىسىزلىكلەر ئۇچۇپ كەتمەيدۇ نېمە ئۈچۈن؟
يىلى 1-ئىيۇن     ئاقسۇ-2015

مەن ئۆزۈمگە قايتىمەن

سېنىڭ كۆزلىرىڭ،
چۈشلىرىڭ،
ئۈنلىرىڭ ماڭا بەرىبىر.
كېتىۋاتقان سۇ،
سۆزلەۋاتقان كۆز،
كۈلۋاتقان دەرەخ،
ئۈنىۋاتقان تىكەن،
ئۆلىۋاتقان قۇش،
يۇينىۋاتقان يەر،
مېنى باھالاۋاتقان ئېغىزلار،
كۆزنى يۇمىۋالغان ئېتىزلار،
ئۆچۈپ كەتكەن چۆچەكلەر،
سۇدىن قورقىدىغان بېلىقلار،
ئۇخلاپ قالغان تاغلار،
ھەممىسى ماڭا بەرىبىر.
ھەر بارچە جىسىملار،
ھەي مېنى چۈشەنمەيدىغان ئوت-چۆپلەر،
خالغىنىڭلار بولسۇن،
خالغىنىڭلار بولسۇن،
خالغىنىڭلار بولسۇن!
مەن پەقەت مېڭىۋاتقان قۇياشقا ئەگىشىمەن ۋە توختىمايمەن تاكى تىنىقتىن توختىتۇلغىچە.
مەن ئۇخلىسام قاراڭغۇ يېپىنچام بولىدۇ،
كۈندۈز كۆڭلۈم بىلەن سىردىشىدۇ،
يەنە نېمە كىرەك بولاتتى؟
دۇنيا قالسۇن، گۈللەرمۇ قالسۇن،
تاشلار قالسۇن، سۇلارمۇ قالسۇن،
مەن شامالغا قارشى ماڭاي ۋە كېتەيكى، سۆزلەر قالسۇن، چۆچەكلەر قالسۇن!
كۈتۈشنىڭ مەنىسى قالمىدى،
كۈلۈمسىرەپ پورەكلەيمەن يامغۇردا،
مەندە مەندىن باشقا نېمە كەم ئىدى؟
2015.9.20 پوسكام


شېئىرىيەت قەلئەسىدىكى غەمكىن ھۇجرا
ھەزرەتئەلى ئەلى
(ساھىبجامال ئابدۇللا شېئىرلىرى ھەققىدە)

بىر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ ۋاستىچىسىگە ئايلىنىپ قالغاندا ،باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى بەخىتكە قاراپ ھۇزۇرلانسۇنمۇ ؟ ئۆز ھەسرەت -نادامەتلىرىنى يۈدۈپ،ھاياتلىقنىڭ قىسىلچاقلىرىدا پۈتمەس قايغۇلىرىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان يەنە بىر تەقدىردىشىنى كۆرگەندە قانداق قىلسۇن؟ بىر قىز بار. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى ، بەختىيار،شادىمان كۈنلىرى بولغان.    لىكىن خىيالىدا. ھەسرەت ياشلىرىنى ناماز شام گۈللىرىنىڭ بەرگىگە تۆككەن رىئاللىقىدا.ئۇ ئەبەدىي بىر خىل ئىستەكنى خالاپ كەلگەن .ئۇ بولسىمۇ دەخلىسىز ياشاش.ئەمما تۇرمۇشنىڭ ياۋايى قوللىرى ئۇنىڭ ئاجىز ئىستەكلىرىنى مۇجۇپ تاشلىدى.ئۇنىڭ قەلبى ئىستەكلەرگە تەلپۈنسىمۇ ،باھار قۇشلىرىدەك جۇشقۇن ئەمەس،مامكاپ گۈللىرىدەك ئاجىز ۋە ئىتائەتچان ئىدى.ئۇ مەڭگۈ سىرىتقا تەلپۈنمەيدۇ.قەلىب دېڭىزىدىكى جىلغىلارغا قاراپ چوڭقۇرلايدۇ. خاراب بولغان ئاقسۆڭەك نازىنىنلىرىدەك بىر خىل سۇلغۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە بىكىنمە تۇرمۇش شەكلى بىلەن ،سېھىرلىك سەنئەتنىڭ -شېئىرنىڭ كۈچ- قۇدرىتى بىلەن رىئاللىقا قارشىلىق قىلىدۇ.شېئىر يېزىش ، چۈشكۈن مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىش،ئوتۇپىيەلىك خىياللارغا بېرىلىش،پاسسىپ فانتازىيە ئىلكىدە رۇمانتىك ياشاش قاتارلىق ئاستا خاراكتىرلىك خارابلىشىش يولى ئارقىلىق ھاياتىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. بوشلۇق ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئىلكىدە ھېچنىمە قالمىغان .پەقەت شېئىردىن بۆلەك.چۈنكى«شېئىر ھازىردا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەر ئىچىدە مەۋجۇت.شېئىر بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان نەرسىلەردە مەۋجۇت.شېئىر دەل بىز ئىزدەۋاتقان نەرسىلەر ئىچىدە مەۋجۇت»(پېررى رېۋىردى)ئۇنىڭ خاتىرلىرى كىشىگە ئاشۇنداق بىر ھاياتنى ئەسلىتىدۇ. ئاشۇنداق بىر ھاياتنىڭ ئىچكى ساھىللىرىدا جىمجىتلىققا ئەسىر بولۇشقا چاقىرىدۇ،غېرىبلىققا ،غەمكىنلىككە چاقىرىدۇ.بەختىيارلىقنى ،قىزغىنلىقنى ئاستا-ئاستا سوۋۇتىدۇ.
ئۇنىڭ شېئىرى دۇنياسى شۇنداق دۇنيا . «كۈز» ، «قەبرە» ، «تەقدىر» ، «ئۆلۈم» ، «يىغا» ، «سوغۇق» ، «يالغۇز» ، «مۇڭ» ، «تىترەك» ، «يۇمشاق» ، «توزان» ، «جىمجىت» ، «غازاڭ» ، «رەڭسىز» ، «قەبرە» دېگەندەك چۈشكۈن ئىماگلار ۋە ھېسيات بەرگىلىرى بىلەن تولغان. ئۇنىڭ شېئىرى دۇنياسىغا كىرىش ھەممىنى تۈگەشتۈرىدۇ .چۈنكى:
مۇڭلانغان، مۇزلانغان تەبئەت رەڭگى،
سىڭمەكتە قەلبىمنىڭ قېتىغا جىمجىت.
يۈرىكىم قاتقاندا مۇزنىڭ رەڭگىدە،
ھاياتلىق جۈملەمنىڭ ئاخىرى چىكىت.
يىقىلىپ چۈشىمەن مۇزلىغان پىتى ،
باھارنىڭ ئسمىنى توۋلىغان پىتى.
«سوغۇق»تىن
ئۇ تەبىئەتكە تەۋە. لىكىن تەبىئەت ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سىغدىلىپ كەتكەن، ھەتتا ئۇنىڭ قەلبى بىلەن تۈسداشلاشقان. باھارسىز ،قۇياشسىز جاھان؛ كۆيۈپ تۈگىگەن ئۇپۇق،توڭلاۋاتقان شامال ،تىترەۋاتقان بۇلاق ئۇنىڭ قەلبىگە ماكانلاشقان.ئۇنىڭ ئاجىز ئىرادىسى «باھار!»دەپ توۋلىسىمۇ ،ئەپسۇس ،باھار ئۈمىدسىز جايغا بارمايتى.
شېئىردىكى تىراگىدىيە دىرامماتىك توقۇنۇشقا ئىگە ئەمەس.بەلكى مۇقەررەرلىك سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ قەلبنى لەرزىگە سالىدۇ.ئاداققى مىسرادىكى تىراگىدىيەلىك مەنىۋى ھالەت شېئىرنى ئەپسانىگە ئايلاندۇرىۋىتىدۇ .ھالبۇكى ئىنسانلار ھامان ئەپسانە دەۋرىنى باشتىن كەچۈرەتتى .ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاجىز دەۋرى ئىدى.
تەقدىر ھەققىدە ھېچنىمە دېگۈم يوق .لىكىن ھەر قاچان پەرۋاسىز ،مېھىرسىز تەقدىرگە يولۇقۇپ قالىمەن.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان غېرىبلىق، خام-خىيالدەك يامراۋاتقان غەمكىنلىك ،تاشتەك ئولتۇرشۇۋاتقان جىمجىتلىق ،قارشىلىقسىز قوبۇل قىلىنىۋاتقان تەقدىرچىلىك،لەيلىمە ۋاقىت،سوغۇق شەيئىي،چىدامسىز ئۈمىد ،بىر خىل رىفلىكىسلىق تۇرمۇش رېتىمى ...كىشىنى بەرداشسىز قىلىۋىتىدۇ.بۇلار ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى.
رىۋايەت ئىچىدىن تۆرىلىپ دۇنيا،
سۈكۈتتىن ئويغىنىپ چەكچىيىپ تۇرار.
قۇزغۇننىڭ ماكانى بۇلبۇللارغا گۆر ،
دەريانىڭ ئىچىدىن گۈلخان ئوت يانار.
ئىزلەيمىز ماكانلار جەننىتىنى بىز ،
قۇملارنى دەسسەيمىز ،سۇلار كېچىمىز.
بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى ئالتۇن قەپەستە،
ئۇچىدۇ... ئاخىرى بىزلەر قالىمىز.
رىۋايەت يۇرتىدىن كەتتۇق يىراقلاپ
ئورماندىن سۇ ئىزلەپ ،دەريالاردىن ئوت.
ئېھتىمال بىزگىمۇ بولمايدۇ نىسىپ،
بۇلبۇلغا ئېچىلماي قالغان ئادىل سوت.
- «تەقدىر»دىن
بۇلبۇل ھارماي سايرايدۇ.ئۇنىڭ ئاۋازى قەپەستىن چىقىپ ھەر ياققا تارايدۇ.لىكىن ئۆزى مەڭگۈ قەپەسكە مەھكۇم.ئۇ بىرلا نەرسىنى كۈتىدۇ.ئۇ بولسىمۇ تەقدىر.ئۇ ئادەمنىڭ دۇنيادىن ئىبارەت زور تۈرمىدىكى بىر مەھبۇس ئىكەنلىكىنى ،ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ،ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى شۇڭا تەقدىرنىڭ ئادىل سوت ئېچىپ بېرىشىنى كۈتىدۇ .لىكىن ئۇ سوتقىمۇ ئىشەنچ قىلمايدۇ .ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا مۇتلەق ئادىللىقنىڭ يوقلىقىنى ،جاھاننىڭ سىقىشلىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
مۆكۈندۈم قەلبىمنىڭ پىنھانلىرىغا،
ھېچكىمنىڭ ئىسىگە كەلمەسلىك ئۈچۈن.
يىغلايدۇ كۆز يېشىم ئۆزىدىن قورقۇپ،
ھېچكىمگە بايقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن.
سۈكۈتكە تۇيۇنغان تاغلارغا بارسام،
بىر تاشنىڭ باغرىغا سىڭسەم ئاۋايلاپ.
مەلۇم بىر دەرتمەننىڭ قولىغا چىقىپ،
ئېتىلسام دېڭىزنىڭ ئاستىغا يىغلاپ
- «مەن جىمجىتلىقنى سۆيىمەن»دىن
شېئىر بىزنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى. ئىلكىمىز قۇپقۇرۇق ، قەلبمىز لىق ئازاب. تەكرار بىھۇشلۇق بىزنى ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلاندۇردى.دۇنيادىكى خىرىسلارنى ئۆسۈملۈك ئادەمدەك جىمجىت ،ئىنكاسسىز كۈتۈپ ئالىمىز . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى دۇنيا تولىمۇ غەمكىن بىر ھۇجرا . ھەممە نەرسە قىزغىنلىقىنى يوقاتقان .ھەممە نەرسە غېرىب ،جىمجىت. بۇ ھۇجرىدىكى موھىت گوياكى يەڭگىل شاماللارغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سەرسان غازاڭلار ،ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بىقۇۋۇل كەچكۈز ،ئاستا،ئاستا توزۇۋاتقان گۈل ،جۇشقۇنلۇقىنى تامامەن يوقاتقان رەڭسىز بىر دۇنيا . ھېچقانداق نەرسە ئالغا ئىنتىلمەيدۇ .بارىلىق ھاياتلىق ئارقىغا چىكىنىۋاتقاندەك ...پەسىللەر ئارقىسىغا يېنىپ «0»ىنچى پەسىلگە قايتىدۇ.
نۆلىنجى پەسىل
خىيال سۈرەر ھاياجان بىلەن،
كۈز رەڭلىك ھۇجرامدا.
- «كۈزلۈك ھۇجرا»دىن
نۆلىنجى پەسىل- ئۆلۈمدۇر . قىزلار ھايات-مامات چەمبىرىكىدە ئۆلۈمگە يېقىنراق تۇرىدۇ .ئۆلۈم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ موھىم بىر تېمىسى . ئۇ :ئۆلۈم ناملىق شېئىرىنىڭ ئىپىگىراپىداشۇنداق دەيدۇ «ئۆلۈم ئىنسان ئۆمرىنىڭ قىسمىتى ئەمەس.ئۇ تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل .ئۇ ھەم چوقۇم مېڭىشقا تىگىشلىك يول» دېمەككى ئۇ ئۆلۈمگە ئۇدۇل قاراپ ماڭغان كىشى . ئۇنىڭ ۋەھىمىسى ئۇنى قورقىتالمىغان ، ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا يەنىلا مەردانە.
قالايمىقان بوشلۇق،
ئۆلۈمگە يۆلۈنۈپ تۇرغان.
غۇۋا قاراڭغۇ،
سوغوق نەمگە چىلىنىپ تۇرغان
شائىرەنىڭ ھۇجرىسى»دىن
بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ
دومىلايدۇ يۇپۇرماقنىڭ ئالقىنىدىن ،
شاماللار تېز-تېز.
چاچلىرىدا ئۆزىنى بوغۇپ،
كۆزلىرىنى يۇمار مەردانە.
دەريا بويىدا،
ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز
- «ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا«دىن
تۇرمۇشنىڭ ، ھاياتنىڭ ھەقىقىتى قىزلارنىڭ قەلبىگە تاناسىپسىز قۇرۇلمىنى بەرپا قىلغان . تايىنىش نوقتىسىغا ئىگە بولمىغاندا ئۇلارنىڭ قەلبى ھەر زامان گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچار .شۇنداق بولغاچقا ئۇلار ھەر زامان سىرىتتىن كېلىدىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا مۇھتاج . لىكىن ئىشىكلىرى ھىم ئىتىلگەن ،يىگانە ھۇجرىغا بەند بولغان بىر قىزنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى نەدىن كېلىدۇ ؟ ئۇ ھېچيەردىن كەلمەيدۇ .لىكىن ئۇ ناھايتى ئەقىللىقلىق بىلەن بۇ خىل تۇيغۇسىنىڭ ئورنىغا پەرۋاسىزلىق تۇيغۇسىنى ئالماشتۇرۋالغان .ئۇ ئۆلۈمگە ،ھەممىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن مەردانە يۈزلەنگەن .ئۇ ئارقىلىق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىنتىزار قەلبىنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرغان .ئۇندىن كېلىدىغان قورقۇنچ،ئازابلىنىش ھېسياتىنىڭ ئورنىغا ئۆلۈمدىن ئىبارەت پاسسىپ خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى دەسسەتكەن. مەن ئۇنىڭ شېئىرىيەت ھۇجرىسىغا كىرىپ، ھاياتنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى ،ئادالەتسىزلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يىتىمەن. بۇ شېئىرلار ئەنە شۇ ھاياتنىڭ خالىغان بىر يۈزى .
يولدىن ئۆتكەندە،
ئەتىرگۈلنىڭ تۈۋىدىكى سىز.
باھار كەلگەندە،
شاماللارغا سۆيۈلگىنى سىز.
مەن سەھەردەئۇياتچان شەبنەم،
قىينىلىشتىن ئوتتەك قىزىرىپ،
يەنە يەرگە تۆكۈلدۈم سىزسىز
-«سىز...»دىن

يىنىك، يىنىك، يىنىك…….
سەن يامغۇرنىڭ ئۆيىدە قالدىڭ،
مەن ئۈيۈڭنى ئىزدەپ ماڭدىم،
قارلىق دالىدا.
مۇزىكاڭدا مۇزنىڭ ھىدى بار،
كېچە يازغان شىئېرنى ئېلىپ
سىم-سىم يولدا ئېزىقىپ قالدىم.
-«يىنىك،يىنىك،يىنىك»تىن
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىر خىل بىقوۋۇل نازاكەت بار .لىن دەييۈدەك گۈزەل،نازۇك ۋە ناتىۋان .ئەمما ھەممىنى تەقدىرگە باغلاپ،ھەر قانداق كېلەچەكنى قارشىلىقسىز كۈتۈپ ئالغۇچى بىر قىز .ئۇنىڭ 18ياش ۋاقتىدا يازغان شېئىرلىرى بىلەن 23ياش ۋاقتىدا يازغان شېئىرلىرىدا كۆپ پەرق يوق.ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان .ئۇ يەنىلا شۇنچە جىمجىت ۋە غەمكىن.ئۆزگىرىش دېيىشكە توغرا كەلسە غەمكىنلىك بىر خىل كەيپىيات ھالىتىدىن كۈچىيىپ جۇغلانما ھالىتىگە كىرگەن.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىدىكى غېرىب ھۇجرىسىدىكى تۇرمۇشى ئۆزگەرمىگەن. ئۇ سىرىتتىن قەيسەردەك كۆرۈنسىمۇ ، ئىچكى دۇنياسى شۇ قەدەر ئاجىز .يالغۇزلۇق ،غېرىبلىق ،جىمجىتلىق ئۇنىڭ رىئال ۋە خام خىيال دۇنياسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى . تەنھالىق مەركەز ، غەمكىنلىك موھىتتۇر.
شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن،
يالغۇزسىراپ قالمايدۇ دۇنيا.
ئەمما شۇنچە ئادەملەر ئارا،
مەنلا تەنھا ۋە مەنلا تەنھا.
قېتىپ قالدى ئىللىق كۆز نۇرۇم،
شىئېر بولۇپ قالدى يۈرىكىم.
خوشلاشتىم مەن دۇنيادىن بۈگۈن،
ئەمما، بۇنى سەزمىدى ھېچكىم.
-«ھىجران پەسلى»دىن
تەپەككۇرنىڭ يورۇق نوقتىسىدىن ئالغاندا سوتسىئال مۇناسىۋەتلەر تورىغا چىرماشقان دۇنيادا ھېچكىم تەنھا ئەمەس. تىئولوگىيەلىك نەزەر بىلەن قارىغاندا بۇنداق دېيىش گاھىدا چوڭ ئاسىيلىق بولىدۇ . ۋەھالەنكى شائىرەنىڭ تەنھالىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەجرىبىلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە ئورتاق . كۈنلەرنىڭ قاش -كۆزىنى بوياپ،خىيالىي قەسىردە مەۋھۇم ئوبراز بىلەن دىئالوگلىشىش شائىرەنىڭ ئۆز تەنھالىقىدىن قۇتۇلۇش ،ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان مەنىۋىي خىرىسلارنى يېڭىش يولىدا ئىجاد قىلغان ياشاش يولى . بۇ جەرياندا ئېلىپ بېرىلغان پىسخىك تەجرىبىلەر ئۇنىڭ مەنىۋىيتىگە چۆكۈپ ئەزەلىيلىككە ئايلانغان .شۇڭا ئۇنىڭ دىئالوگىدا سۇبىيكىت بار . ئوبىيكىت بولسا مەۋھۇم . بۇنداق تەقدىر ئەلۋەتتە كىشىنى ئۆزىگىلا نەزەر سالىدىغان ،ئۆزىگىلا چۆكىدىغان قىلىپ قويىدۇ . مۇناسىۋەت تورىدىن يىراقلىغان ،ئۇزاق بىر ساھىلدىكى قۇشلارمۇ يېتىپ بارمايدىغان يىگانە تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . بۇ تاشقا قۇشلارمۇ قونمايدۇ ، سۇمۇ تاشقىنلىمايدۇ .
ساھىبجامال شېئىرلىرىدا تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدىن خۇلاسىلىگەن ھەر بىر پىسخىك تەسىراتنى بىۋاستە ئاشكارلايدۇ ،گاھىدا ھېچقانداق سىموۋل ۋە ئىستارەلەرنى كىرەك قىلمايدۇ .بىۋاستە بولغاندىمۇ تەسرات سەھنىسىگەيالىڭاچ ئوتتۇرغا چىقىرىپ قويۇپ،ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ . مەن ئۇنىڭ پەردە كەينىد ە قاچانغىچە تۇرىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن .بەلكىم مەڭگۈدۇر.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 15:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوقۇغۇچۇمنىڭ تۇنۇشتۇرۇلغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ساھىپجامال ئوقۇۋاتقاندىمۇ ناھايىتى نازۇك ئىدى، بىراق ماڭا ئۇنىڭ ئاشۇ نازۇك، شوخ جىسمى ۋە قەلبى، شۇنداقلا مۆلىلدەپ تۇرغان كۆزلىرىنىڭ تەكتىدە چەكسىز بىر خىل مۇڭ، ھاياجان ۋە داۋالغۇپ تۇرغان شېئىرىي دۇنيا باردەكلا بىلىنەتتى.

ۋاقتى: 2016-3-8 17:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپەتلىك تونۇشتۇرۇش! شېئىرلارمۇ ماۋۇ سىڭلىمنىڭ ئۆزىدەك چىرايلىقكەن.

ۋاقتى: 2016-3-8 18:12:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-3-8 18:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدلىك ياشلاردىن قەلبىمىز سۆيۈنىدۇ. ساھىپجامالغا نۇسرەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-8 20:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسدىكى تالانتلىق بىر شائىرەنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ قىز شېئرنىڭ نېمىلىكىنى ۋە شېئىر يېزىشنى بىلىدىكەن.

ۋاقتى: 2016-3-9 00:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېزىلغان شېئىرلاركەن.ساھىپجامالغا ئوتۇقلار يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-3-9 11:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىپجامالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىگە يەنىمۇ ئۇتۇقلار تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-9 12:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم ساھىپجامالنىڭ  ئىجادى قەدەملىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-3-9 14:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن...ئىزدىنشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-3-9 17:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2016-3-9 19:07:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!



ۋاقتى: 2016-3-9 19:21:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىز ئاقسۇدەكلا يېقىملىق ئىكەن، بىلگەنلىرىڭىزدىن بىزگىمۇ تەلىم بەرگەيسىز. ئاقسۇ بىزنى سۆيمەكتە.

ۋاقتى: 2016-3-10 11:49:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-12 10:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشىش ئادەمگە ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەرنى ھەدىيە قىلىدۇ . تىخمۇ تىرىشىڭ . ئىجادىيتىڭىزگە بەرىكەت يار بولسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش