1.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2016-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى كىتاپ نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈرى، بۇ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تۈر يوللاش قوبۇل قىلىدۇ.
2.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى كوللىكتىپ ئەزا جەمئىيەتلىرى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ سىياسى خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات ئىدارىسى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، مىللەتلەر نەشرياتى بۇ تۈرگە كىتاپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
3. يوللاش دائىرىسى
(1) ھازىرغىچە ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنمىغان، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى ۋە خەنزۇ تىلىدا يېڭىدىن يېزىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر.
(2) تۈر ئايرىمىسى: رومان، ئادەبىي ئاخپارات، پوۋېست-ھېكايە توپلاملىرى، نەسىرلەر توپلىمى، شىئېرلار توپلىمى، بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، كېنو-تېلۋىزىيە، سەھنە ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات نەزەريىسى، ئەدەبىي ئوبزور توپلاملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(3) ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، مىللى، دىن سىياسەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
(4) ئەسەرلەر نەشر ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىلىرىگە چېتىلماسلىقى كېرەك.
(5) ئەسلى ئاپتور، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى بولۇشى كېرەك، ئەدەبىيات نەزەريىسى، ئەدەبىي ئوبزور توپلاملىرىنىڭ ئاپتورىغا مىللەت چېكى قويۇلمايدۇ.
4. يوللاش ئۇسۇلى
(1) بۇ تۈرگە تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن ئەسەر يوللايدۇ، يەككە ئاپتورلارنىڭ بىۋاستە يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەركەز ۋە گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئەسەر يوللىغۇچىلار، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىدە تەسىس قىلىنغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىغا بىۋاستە يوللىسا بولىدۇ. ئەسەر يوللاش گىراپىسىنىڭ جوڭگو يازغۇچىلار تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.chinawriter.com.cn
(2) ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشا، شىنجاڭ قاتارلىق بەش ئاپتونوم رايون، خۇبېي،خۇنەن، چوڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجو، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەر 3 پارچىدىن ئەسەر تەۋسىيە قىلىدۇ. مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ سىياسى خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات ئىدارىسى، يەنبەن ئوبلاستى ۋە باشقا كوللىكتىپ ئەزا ئورۇنلار 2 پارچىدىن ئەسەر تەۋسىيە قىلىدۇ. گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئورگانلار 3 پارچە ئەسەر تەۋسىيە قىلىدۇ.
(3) «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، مىللەتلەر نەشرياتى 2 پارچە ئەسەر تەۋسىيە قىلىدۇ.
(4) تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن، يوللىنىدىغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن تاللاش ۋە دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ، تەۋسىيە پىكرىنى يازغاندىن كېيىن ئۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
(5) ھەر بىر ئاپتورنىڭ بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا پارچە ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بولىدۇ.
5. دەلىللەش، تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش
(1) جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى كىتاپ نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈرىنى دەلىللەش كومىتىتى يوللانغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن مۆلچەر ۋە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
(2) تاللىنىشقا كىرگەن ئەسەرلەر، دەلىللەش كومىتىتى تەرىپىدىن 3|2 ئاۋازدا بېلەت تاشلاشتىن ئۆتۈپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى سېكىرتارياتى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.
(3) تاللىنىشقا كىرگەن ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى، ئىشخانە ۋە مۇناسىۋەتلىك نەشرياتلار بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ.
6. خىزمەت تۈزۈمى
دەلىللەش ۋە تەستىقلاش تەرتىپىدە ئەستائىدىل بولۇش، تەۋسىيە قىلىش، دەلىللەش، تەستىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان نامۇۋاپىق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولماسلىقى كرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن يوللىنىدىغان ئەسەرنىڭ يوللىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ناۋادا خىزمەتچى خادىملار ئەسەر يوللىماقچى بولسا، بارلىق ئىش ھالقىلىرىدا ئۇنىڭغا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تەلىپى قويۇلىدۇ.
申报地址:北京朝阳区东土城路25号中国作家协会创联部
邮政编码:100013
联系电话:010-64489876
传 真:010-64489862
联系人:张绍锋
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى
2016-2-18