كۆكلەيدىغان دەرت
ئەخمەتجان خۇما
توپىرەڭ جىگدىلەر، توپىرەڭ يوللار،
توپىرەڭ تۇيغۇدا كۆيەر مۇڭلىنىپ.
سۈكۈتكە لىق تولغان توپىرەڭ ھاۋا،
يوللارنىڭ بەرگىدە ياتار تولغىنىپ.
سۆيگۈگە چىلىشىپ تۇرغان چاغلىرىم،
لىپپىدە ئېسىمدىن كېچەر تۇيۇقسىز.
قاچانقى چاغلار ئۇ ئۇسۇلغا چۈشكەن؟
يۈرەكتە جىمجىتلا ئاقار سۆيگۈمىز.
كېچىمەن دەريادا ئۈزگەن بېلىقتەك،
يوللاردا ياش تۆكۈپ ياتقان توپىنى.
سەن مېنىڭ ھەسرىتىم، سەن مېنىڭ كۈيۈم
ھەر كۈلكەڭ گوياكى ھەسرەت كەلكۈنى.
ۋېسال ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ باقمىغان،
ھىجراننىڭ دەردىنى كۆرۈپ باقمىغان.
ئۇ شۇنداق چاغ ئىدى، شۇنداق پەسىللەر،
قوللىرىم قولۇڭغا تېگىپ باقمىغان.
ئىھ، ئەشۇ توپىلىق يولنىڭ كۆركىدە،
قالدىغۇ ئىزىمىز، ئۈندى مۇھەببەت.
ھىجرانىڭ دەشتىدە چېكىمەن پەرياد!
بەرگىنىڭ پەقەتلا كۆكلەيدىغان دەرت!
|