ئايال
گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن
سەن شۇنداق ئايال،
تۈنۈگۈنۈڭنى،
ئەتەڭنى،
بۈگۈنۈڭنى باغاشلىغاندەك باغاشلايدىغان.
ئىرىڭنى قىڭغىر قاقشىتىپ،
ئۆي ئىچىنى بېشىڭغا كېيىپ،
بالىلىرىڭنىڭ چېھرىنى سارغايتىپ ،
ھويلاڭنى ئەخلەتكە تولدۇرۇپ،
بازارغا چاپمايدىغان.
سەن شۇنداق ئايال.
ئۈنتىنسىز تۈننى تاڭغا ئۇلاشلىرىڭ بىلەن،
كەچ يېتىپ،سەھەر تۇرۇشلىرىڭ بىلەن،
بەخت ئىزدەيدىغان.
ئېتىزغا سۇ تۇتىسەن.
ئورما ئورىيسەن.
قوناق چاپىسەن.
قوي،كالىلىرىڭ ئوت سورايدۇ.
توخۇ،كەپتەرلىرىڭ دان سورايدۇ.
بۇ ئىشلار كۈندە تەكرار.
بالىلىرىمنىڭ ھەققى دەيسەن،
ئىرىمنىڭ ھەققى دەيسەن،
ئاتا-ئانامنىڭ ھەققى دەيسەن،
چېچىڭنى سۈپۈرگە،قولۇڭنى كۆسەي قىلىسەن.
ئاش ئىتىسەن.
نان ياقىسەن.
ھەممە چىرايدا كۈلكە.
مەڭزىدە قىزىللىق.
سەن شۇنداق ئايال،
سەن-مەنچىلىكنى بىلمەيدىغان.
ئۇپپا-ئەڭلىك سۈرمەيدىغان.
سەندە ھېچبىر بايرام بولمايدۇ.
ۋۇجۇدۇڭدا كۈندە بايرام.
ئائىلەڭدە كۈندە بايرام.
مۇھەببىتىڭدە كۈندە بايرام.
ساداقىتىڭدە كۈندە بايرام.
سەن شۇنداق ئايال،
ھاياتلىقنى قاقشاتمايدىغان.
ياشاشقا يۈك ئارتمايدىغان.
جاپا-مۇشەققەتتىن باش تارتمايدىغان.
چارچىمايدىغان.
چارچاشلاردىن ۋايسىمايدىغان.
ساڭا بىرەرسى گۈل دەستە بەرمەيدۇ.
ئانا-ئانا دەپ ئىسمىڭنى چاقىرىدۇ بالىلىرىڭ.
قولۇڭغا ئېسىلىدۇ ئەركىلەپ تۇرۇپ.
مەڭزىڭگە سۆيىدۇ ئىزىپ تۇرۇپ.
سەن شۇنداق ئايال،
چىنلىقنى يۇرىتىدىغان.
ئاياللىقنى كۆز-كۆز قىلالايدىغان.
بارچە خۇشاللىقنى ئۆز-ئۆزۈڭدىن ئىزدەيدىغان،
مېھرىڭ بىلەن بارچە قەلىپلەرنى ئىللىتالايدىغان.
ئەي ئايال،
ساڭا باش باھاردىن سالام.
ئەگىزلەردىن سالام.
چېچەكلەردىن سالام.
مامىكاپلاردىن سالام.
دىللىرى يورۇق،
كۆزلىرى روشەن،
بارچە پەرزەنتلەردىن سالام.
تەبىئەتتىن سالام.
كائىناتتىن سالام.
ئەي ئايال سالام ساڭا،
سەن شۇنداق ئايال سەن،
كۈندە بايرام قىلالايدىغان.
2016-يىلى 8-مارت
|