كىرورەن ئانا
(ناخشا تېكىسىتى)
ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ
جاھاننى دوست ئەيلەش ماڭا نە ھاجەت،
بىر ساڭا خاس بولسۇن سۆيگۈ-دىيانەت.
بەرگەچ سەن روھىمغا ئىزگۈ ھارارەت.
ئىھ ئانا كىروران سەن ماڭا جەننەت.
باغ بەردىڭ باغرىمغا بولدۇم گۈلچىراي،
تاغ بەردىڭ مۈلكۈمگە مەدەنلەرگە باي،
ئەجرىمدىن ھۆسنۈڭگە كۆز مونچاق ئاساي،
ساڭىلا خاس بولسۇن سۆيگۈ-دىيانەت.
جىسمىمغا قان بەردىڭ جان بېرىپ باقاي،
ئوت بەرگەن باغرىڭدا سۇ بولۇپ ئاقاي،
كىرورەن ئانامسەن، ئانام دەپ ئاتاي،
ئانام، دەپ چاقىرماق راھەتتۇر-راھەت.
قۇش بولۇپ پەر قاقاي، ئات بولۇپ چاپاي،
شاھ بولۇپ تۆرۈلەي، قەبرەمگە پاتاي،
ئىھ ئانا كىرورەن سەن بىلەن ياتاي،
ۋەتەن دەپ جان بەرمەك راھەتتۇر راھەت.
ئىز بېسىپ، ئەل باسقان ئىزنالىرىڭدا ،
تاۋلىنىپ قار، يامغۇر، بورانلىرىڭدا،
يۇيۇلۇپ، لالىزار بوستانلىرىڭدا،
ۋەسلىڭنى قۇچاقلاي مەڭگۈگە ئەبەت.
مەن ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيگەنلىرىڭگە،
بەختىمگە بورھانلىق بەرگەنلىرىڭگە.
نەسلىم دەپ،ۋەسلىم دەپ سۆيگەنلىرىڭگە،
باش قوياي باغرىڭغا ئەيلەپ ھىدايەت.
|