كىرورەندىكى چۈش
قاسىم سىدىق
مەن ئۆتكەندە قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىلىقتا بىر نەچچە كۈن زىيارەتتە بولۇپ ئاز بولمىغان تەسىراتلارغا ئىرىشتىم.چاقىلىقنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت پائاليەتلىرىدە مۇبادا ياراپ قالسا ئىشلىتەر دەپ بىر قانچە ناخشا تېكسىتلىرىنى يېزىپ قويدۇم ۋەئىمكانىيىتىم يار بەرسە يەنە يازماقچى.
بۇنىڭدىن باشقا چاقىلىقنىڭ خەلق قوشاقلىرىدىن بىر قانچىلىرىنى رەتلەپ قويدۇم.
بۇ يازمىلار ئىشلىتىلسۇن ياكى ئىشلىتىلمىسۇن قەتئى نەزەر بۇ مىنىڭ چاقىلىققا بولغان ھېسسىيات ۋە مۇھەببىتىمنىڭ بىر ئىپادىلىنىش شەكلى.
ئىشلىتىلىپ قالسا ۋەزۇرۆرىيەت تۆپەيلى تەھرىرلەشكە توغرا كەلسە ئۆزەم تەھرىرلەپ ،ئۆزگەرتىپ بېرىمەن.
كىرورەن _ ئانا
مۇقەددىمە:
ئانا...
ئانا...
كىرورەن ئانا....
چىق قەسىرىڭدىن بۆگۆن،
ئاي بولۇپ ،قوياش بولۇپ.
گۇڭگا تارىخنى يورۇتقاي،
ھەردانە قۇم ئوتقاش بولۇپ.
ئىزدىدۇق قۇم ئاستىدىن،
سەلتەنەت – پايەڭنى بىز.
يازدۇق يۆرەكلەرگە ئويۇپ،
قىسسە – ھېكايەڭنى بىز.
روھىمىزنىڭ قىبلىسىسەن،
ھەر تومۇردا قان ئۇزۇڭ.
بىزنى توغراقتەك ياشاشقا،
چىللىغان ۋىجدان ئۇزۇڭ.
قىلدى تەشنا بىزنى شۇنچە،
سىرلىرىڭ،ھېكمەتلىرىڭ.
قىل بايان ھەغدا تۇرۇپ،
بولسۇن ئايان قىسمەتلىرىڭ.
ھېكمىتىڭ،قىسمەتلىرىڭ،
ئىبرەتۇ،ئەنداز بىز ئۆچۈن.
بەرمىسە روھىڭ مەدەت،
قايدا پەرۋاز بىز ئۆچۈن؟!.
چىلانزار
بىزنىڭ يۇرىتلار چىلانزار،
قىز لېۋىدەك چىلان بار.
چىلان لەۋلىك يار ئۈچۈن،
كۇڭلۇمدە جىق پىلان بار.
نەقرات:
چىلانزار،چىلانزار،
يار لېۋىدە چىلان بار.
چىلان ئۇزسە شۇ يارىم،
ئوخشاپ قالار كىيىككە.
كىيىكتەك شوخ شۇ قىزچاق،
لايىق بىزدەك يىگىتكە.
بىزنىڭ يۇرىتلار چىلانزار،
قىز لېۋىدە چىلان بار.
چىلان پىشسا،پۇل بولسا،
كۇڭلۇمدە بىر پىلان بار.
قۇملۇقلار پىچىرلايدۇ...
بىر دانە قۇم بىر دۇنيا،ئاڭلا بۇرادەر،
پىچىرلايدۇ قۇملۇقلار«نە بولدۇق بىز»دەپ.
ئارمانلىرى سەركىدۇر،كېزەر بارخانلار،_
سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشنى زېمىندىن ئىزدەپ.
پىچىرلايدۇ قۇملۇقلار: ئەسلى تاش ئېدۇق،
بولغان ئېدى بىز بىلەن شەھەرلەر ئۆرە.
،قايان كەتتى جۇشقۇنلۇق ئەشۇ مەنزىرە،
يۇيولغانمۇ بەتلىرى،تارىخ بەك خىرە؟!.
پىچىرلايدۇ بارخانلار: چىقسا ھەر بوران،
قاچانغىچە يۆرەرمىز توزۇپ،قۇم بولۇپ؟!.
چاقنىمامتۇق جاھاندا ئالتۇن قەسىردەك،
قوچاقلاشساق-چىرماشساق ئىجىل –ئۆم بولۇپ؟!
ـــ يۈسۈپ يۈسەن ئەپەندى توپلىغان ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى چاقىلىق خەلق قوشاقلىرىدىن ناخشا قىلىشقا تاللاپ رەتلىگەنلىرىم:
كانچىلار ناخشىسى
چىقىپتىم ئارقا تاغ –كانغا،
زۇلۇم سالغىلى جانغا.
تېپىپتىم بىر سېتەرئالتۇن،
پايلىمىدى ئاش –نانغا.
نەقرات:
بېرىپ ئېيتىڭلار يارىمغا،
ئەسلا چىقمىسۇن كانغا.
ئىشلەيمىز كېچە –كۆندۆز،
كۇرمەيمىز چىراق –يۇلتۇز.
گوڭتۇ قولىدا قامچا،
ئادەم ئەمەس بۇتوڭگۇز.
نەقرات:
بېرىپ ئېيتىڭلاريارىمغا،
ھەرگىزچىقمىسۇن كانغا.
گۆمۆرۆلسە بۇ كانلار،
قالار ئىڭرىشىپ جانلار.
ناماز چۈشۈرۈپ ياندۇق،
يەرلەندى تىرىك باللار.
نەقرات:
نەدە قالسۇن ئارمانلار،
تىرىك ئۆلسە بۇجانلار؟!.
خوڭلىيۇگونىڭ ئالۋىڭى
ئوزۇق –تالقان خالتىدا،
كونا چاپان دولىدا.
ئىشلەپ كەتتۇق بېكارغا،
خوڭلىيۇگونىڭ يولىدا.
چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ،
خوڭلىيۇگونىڭ يولىغا.
بىر جىڭ ئۆزۆم كەلمەيدۇ،
ئىشلەپ تاپقان پولىغا.
توڭلاپ ئۆلگەن جەسەتلەر،
قوزغۇنلارغا يەم بولدى.
چاقىلىققا كېتەلمەي،
بىزگە بەك ئەلەم بولدى.
سوغۇق سۇدا تالقان يەپ ،
قانداقمۇ جان ئېتەرمىز.
ئامان بولساق بىركۆنى،
يۇرتىمىزغا كېتەرمىز.
تىمەنپو
تىمەنپۇ دەپ ئاڭلاڭلار،
تىمەنپۇغا بارماڭلار.
تىمەنپوغا بارغاننى،
ھاشار باللارچاغلاڭلار.
تىمەنپوغا ماڭغاندا،
يىغلاپ قالدى ئانىلار.
قاچان كېلەر دادام دەپ،
ھەسرەت چەكتى بالىلار.
تىمەنپودا ھاشاردا،
ئۆلۈپ كەتتى ياش باللار.
بىز تىرىك قايتىپ كەلدۇق،
خۇدايىمغا ھەشقاللا.
ئىلاۋە: دەماللىقتىلا كۆرۈش ئۈچۈن، «كائىنات تورى» دىكى ئەسلى تېمىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم. قاسىمكام توغرا چۈشەنگەي!
مەنبەسى:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=55834&extra=page%3D1