ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار
بارىم تەقدىم مەڭگۈ سىز ئۈچۈن
تولۇن ئايدەك چېھرى گۈل ئانام،
مېھرى دېڭىز،قەلبى چوغ-ئاتەش.
سىزگە دىلدىن ئىگىلىپ سالام،
مېھمىنىم سىز،ئۆمۈرلۈك دىلكەش.
ئىزىڭىزدا بېھىشنىڭ ھىدى،
تۇرار تاراپ شۇنداق ھەرزامان.
ئۆي زىننىتى،پەرزەنت دۆلىتى،
سىز بىلەنلا ئۆرىدۇر ئىنسان.
سىز بەردىڭىزماڭا مۇھەببەت،
ھەم ئۆگىتىپ‹‹غورىدىن ھالۋا››.
ئەجرىڭىز كۆپ ئۇنتۇلماس ئەبەد،
مۆھۈر بولۇپ ئويۇپ دىلىمدا.
كەلدى يەنە شۇ قۇت كۈن بۈگۈن،
تىلەي ئانا سىزگە ئاق تىلەك.
بارىم تەقدىم بولسۇن سىز ئۈچۈن،
بىرگە ھەرۋاق مەڭگۈ يار-يۆلەك...
|