يورۇق ئالەمدە بىر قىز بار
پولات ۋىلاخۇن ئىلى
يورۇق ئالەمدە بىر قىز بار،
بېجىرىملار ئەمەس سېپىدىن.
ۋىجىك جىسمى،ئاجىز پۇت-قولى،
ئاغرىقلىرى ئۆتەر جېنىدىن.
ئەمما ياشاپ كەلمەكتە ئۇ قىز،
ئۈمۈد بىلەن بېقىپ ھاياتقا.
غالىپ كېلىپ«ئاجىز»لىقىدىن،
ئىز قالدۇرۇپ مەڭغان تۇپراققا.
چىنىدەك كەبى تۇتقان ئۆيلىرى،
گۈلگە تولغان باغ ھويلىسى.
قولى چېۋەر، قەلبى بىر قوياش،
چاقنار ھامان ئۆزگە كەشتلىرى.
كىتاب ھەمراھ بولغاچقا دائىم،
مەنىسى ئۇز چوڭقۇر سۆزلىرى.
يازغان شېئىر-داستانلىرىنىڭ،
ئەل ئىچىدە باردۇر قېممىتى...
يورۇق ئالەمدە بىر قىز بار،
ئىجاد بىلەن ياشاپ كەلمەكتە.
جىسمى پۈتۈن قېرىنداشلىرىغا،
ھەردەم ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە.
قوياش بىرەر ئۈمۈد ۋە غايە،
ئالەم قىزىغا باھار ھەۋەستە.
(بۇ شېئىرىمنى جىسمى مېيىپ بولسىمۇ،روھى جۇشقۇن خانىم-قىزلىرىمىزغا بېغىشلايمەن)
|