كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 13

ئۈمىدجان قادىرى: جان ئامان،جانان ئامان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جان ئامان،جانان ئامان



ئۈمىدجان قادىرى


تاشتا ئۈنگەيمەن ھامان

تۈن كېچە،تىمتاس چىغىرغا تۇيغۇنى قىلسام بايان،
ئەتتىلەر گۈلگۈن ھىلال ئاي چېھرىنى يارنىڭ ئايان.

كۈيلىسەم مەرغۇللىرىمدا سۆيگۈنى ئىشقىم بىلەن،
لەرزىگە كەلدى ئېقىنلار،بەرقىدە ئۆركەش-قىيان.

ئىككىمىز بولغاندا زاھىر ئوي-خىيالىمدا شۇ تاپ،
سىرغىبان يۇلتۇز بېشىمغا،ئاقتى كىرپىكلەر تامان.

ياندۇرۇپ مەشئەل ئىشەنچتىن،قارىسام كەڭلىك ئارا،
لالە-گۈلزارلىق كۆرۈندى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكان.

بى ئەجىر قۇتنى كۈتۈش ئۇ ئەسلى ئەخمەقلىق ئىكەن،
يەرگە رىشتە باغلىغاندا تارتمىقىم ۋاجىپ ساپان.

سۆيۈنۈش تاپتى دىلىم شاد ئەھلى رىغبەتتىن بۇدەم،
ئارمىنىم بىخلاپ،ئەجىردىن تاشتا ئۈنگەيمەن ھامان.

ئەتىدىن ۋايىم يېمەككە يوق ئۈمىدجان رەۋىتى،
ياشنىغاي ساھىل بويىدا جان ئامان،جانان ئامان.

ئاشىقلىم

مۆرىسىدە كۈن كۆتۈرگەن كەلدى بىر قىز«ۋاھ!»دېدىم.
خۇش ھىدىدىن مۈشكى ئەمبەرلەر خىجالەت«پاھ!»دېدىم.


ئاتتى كۆكسۈمگە ئۇدۇللاپ،كىرپىكىنى ئوق قىلىپ،
قان چىقارماي ئەتتى نىمجان،مەنكى گۇمران،ئاھ دېدىم.


ئىزغىرىندەك ئۆتتى،كەتتى،بەلكى سەزمەستىن مېنى،
مىڭ يۈكۈندۈم ئىزلىرىغا سۆيگۈ سۇلتان-شاھ دېدىم.


قاتتى جۈپ كۆز ئۇل تاماندا،نەدە جۈرئەت بارغىلى!؟
يوق ئۇنىڭدىن ئۆزگە ھېچبىر مەن ئۈچۈن جەرراھ دېدىم.


مىسلى ياپراقتەك ۋۇجۇدنىڭ باردى ئاۋۇپ تىترىشى،
كۇللى ئالەم بى كېرەك،شۇ بىرسىلا دىلخاھ دېدىم.

گەپ بولۇندى خلمۇ-خىلچە مەلە-كويلاردا ماڭا،
ھەممە سۆزلەرگە جاۋابىم ئويدا بار ھەمراھ دېدىم.


زارلىنىپ ئۆتمەس ئۈمىدجان بۇ ھاياتنى چىن سۆيۈپ،
چۈشلىرىمدە بولسا زاھىر جىلۋىلىك يار گاھ دېدىم.

2016.يىل 7.مارت پىيالما.






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 10:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ياندۇرۇپ مەشئەل ئىشەنچتىن،قارىسام كەڭلىك ئارا،


لالە-گۈلزارلىق كۆرۈندى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكان.



بەكلا ياقتۇردۇم ،ھارمىغايلا ئۈمىدجان.

ۋاقتى: 2016-3-8 11:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىزنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم!مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-8 15:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ بولۇندى خلمۇ-خىلچە مەلە-كويلاردا ماڭا،
ھەممە سۆزلەرگە جاۋابىم ئويدا بار ھەمراھ دېدىم.

ۋاقتى: 2016-3-8 15:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەلخانلىقتىكى ماھارىتىڭىزگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2016-3-8 21:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە مۇۋاپپىقىيەتلەرنىڭ يار بولۇشىنى تىلەيمەن! ياخشى غەزەللىرىڭىز ئۈزۈلمەي داۋاملاشسۇن!!

ۋاقتى: 2016-3-9 09:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ.داۋاملىق مۇشۇنداق يېزىپ تۇرغايسىز!

ۋاقتى: 2016-3-9 11:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككى غەزىلىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2016-3-9 15:18:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-9 15:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭزدىكى يېڭىلىنىشتىن خۇش بولۇۋاتىمەن!

ۋاقتى: 2016-3-9 18:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


زارلىنىپ ئۆتمەس ئۈمىدجان بۇ ھاياتنى چىن سۆيۈپ،
چۈشلىرىمدە بولسا زاھىر جىلۋىلىك يار گاھ دېدىم.
                                             
                                                                      بۇ مىسرا ياخشى يىزىلىپتۇ .....

ۋاقتى: 2016-3-10 00:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت، ئىجادىيىتىڭىزگە زەپەر تىلەيمەن داد.مەڭگۈ سالامەت بولۇڭ!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 11:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەتلىك ئىنكاسلىرىڭلار ئارقىلىق قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت دىلكەشلىرىم.

ۋاقتى: 2016-3-11 12:10:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش