ئازابنىڭ رەڭگى
( نەسر )
قەلبىنۇر ئىلياس
ئازابنىڭ رەڭگى رەڭسىز .شەكلى شەكىلسىز بولىدۇ.
ئۇ يوقلۇق دېڭىزىدا دولقۇنلايدۇ ، مەۋجۇتلۇق ئالىمىدا يالقۇنلايدۇ .ئۇ يۈرەك ئاتلىق تۇرالغۇدا تۇرىدۇ ، شامال ئاتلىق تۇلپار مىنىپ ئۇچىدۇ ...
ئازابنىڭ تېغى قەلبنى باستۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پەريادىدىن كۆز بۇلاقلىرىدا چەشمە قاينايدۇ . ئۇنىڭ مەۋھۇم چىرايىدىن بۇلۇت سۇ ئىچىدۇ، ئاندىن كۆڭۈل زىمىنىغا يامغۇر بولۇپ تۆكۈلىدۇ ...
ئازابنىڭ رەڭگى رەڭسىز بولسىمۇ، ئۇ بەخىتكە قوڭۇر رەڭدەك سايە تاشلايدۇ، قەلبگە قارا رەڭدەك ئۇيۇپ قالىدۇ ، جىگەرنى بېغىر رەڭدەك خۇن قىلىدۇ، چىراينى زەپىرەڭدەك سارغايتىدۇ ، كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئەتراپىغا قىزىل رەڭدە سىزىق سىزىيدۇ ...
ئازابنىڭ شەكلى شەكىلسىز بولسىمۇ، ئۇ ئۈزۈلگەن چېچەككە ئوخشىتىلىدۇ ، گۈل بەرگىنىڭ توزىشىدەك ئەقىلنى ساراسىمىگە سالىدۇ ، يېشىل يوپۇرماقنىڭ غازاڭ پەسلىگە تەدبىغلىنىدۇ ، بىر تال گىياھنىڭ چەيلەنگىنىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ....
ئازابنىڭ رەڭگى رەڭسىز ، شەكلى شەكىلسىز دېيىلسىمۇ ، ئۇنىڭ رەڭگى بىلەن شەكلى ئارىسىدىكى چىنلىقنى پەقەت ئىنسانىي تۇيغۇنىڭ ئۆزى بىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە ياتقان نازۇك مۇھەببەتنىڭ جامالىنى، ئاشۇ تۇيغۇنىڭ كۆزى كۆرىدۇ ...
ئازابنىڭ رەڭگى رەڭسىز ، شەكلى شەكىلسىز بولىدۇ. ئەمما ئىنسانغا بېرىلگەن بۇ خاس ئىمتىياز ، ئىنسان قەدرىنى ھايۋاندىن ئۇلۇغ قىلىدۇ .ئازاب مۇنارىدا ئولتۇرۇپ بەخىت كۈتمىگەن ھاياتنىڭ بېغىدا، ساختىپەزلىك قۇشىلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ .
ھەر كىم ئازابنى ئۆز خاھىشىنىڭ رەڭگى ۋە شەكلىدە قىياس قىلىدۇ :
شائىر تىلسىم ئىبارىلىرىدە ئازابنى مىسرالارغا تىزىدۇ .
رەسسام ئىنسان كۆز يېشى ئارقىلىق ئازابنى سىزىدۇ .
دانىشمەن پەيلاسۇپ بولسا ئۇنىڭ رەڭسىز ،شەكىلسىز مەۋجۇتلىغىدا ئولتۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەتىكى ئۈمىدى ئۈچۈن ئۇنى شاراپ قىلىپ ئىچىدۇ ...