كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 5

ئىمىر غىياس: يىپقا تىزىلغان ئاق مارجان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                      ئاق يىپقا تىزىلغان ئاق مارجان

                         ــ ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېغىشلايمەن

                                               ئىمىر غىياس

       20- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ساھەسىنىڭ بايراقدار تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە خەلقىمىز ئىچىدە ئىككى داڭلىق شەخس مەيدانغا كەلدى. بۇ ئىككى شەخسنىڭ ئىزدىنىش جاسارىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، تېمىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكىنى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئويلاشقىنىمىزدا، ئۇلارنى «ئالىم» سۆزى بىلەن سۈپەتلىسەك قىلچىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئۇيغۇر فولكلورشۇناسى، پېقىر مۇئەللىپنىڭ قەدىرلىك ئۇستازى ۋە ئىلمىي شەپقەتچىسى ئابدۇكېرىم رەھمان بۇچى ئەپەندى؛ يەنە بىرىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئۇيغۇر فولكلورشۇناسى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى تەتقىقاتىنىڭ پېشىۋاسى، مېنىڭ يېقىن ساۋاقدىشىم ۋە ھۆرمەتلىك ئاپتورۇم ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئەپەندىدۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلىگەچ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بىزگە دەرس بەرگەن داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مەرھۇم  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابلەت ئۆمەر، نۇرمۇھەممەد زامان، ئەخمەتجان ئەسقەر قاتارلىق ئۇسازلارنى، مەرھۇم ساۋاقدىشىم ئەنەيتۇللا قۇرباننى ئەسلىگەچ، ئۇلارغا بولغان سېغىنىشىمنى بىلدۈرگەچ، ئابدۇكېرىم رەھمان بۇچى، مۇھەممەد ئىمىن، نەسرۇللا يولبولدى، ھىمىت مەخسۇت، تۇرسۇن قۇربان قاتارلىق ئۇستاز پېداگوكلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەچ ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئىجادىيەت ئىستىلى،  ئىجادىيىتىنىڭ تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتى، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىگە قوشقان ھەسسىسى ۋە تۆھپىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى مەن بىلەن مەسلەكداش ۋە ئارمانداش كىتابخانلىرىمغا سۇنۇشنى لازىم تاپتىم.
      ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئەسەر ئېلان قىلغانلارنىڭ ھەممىسىلا يازغۇچى ياكى تەتقىقاتچى بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بىرەر پارچە ماقالە، بىرەر پارچە ھېكايە، بىرەر پارچە رومان يېزىپلا  ۋەتەنداشلىرىنى ھەيرانۇ-ھەس  قالدۇرسا؛ بەزىلىرى ھېسابسىز ماقالىلەرنى، توم-توم كىتابلارنى يېزىپمۇ ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار قولىدىكى قەلەمنى بولۇشىغا تۇتۇپ خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى ئىلغىمايلا يېزىۋېرىدىغان، ئاغزىدا دېگىنىنى ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلمايدىغان بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ يازغانلىرى  ۋاقىت ئەسراپ قىلىش، كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈش، قايمۇقتۇرۇش ۋە زەھەرلەشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. مەن بۇ تىپتىكى تەتقىقاتچىلارغا بەكمۇ ئادەتتىكى نەزەر بىلەن قارايدىغىنىم ئۈچۈن قولىدىكى قەلەمنى چىڭ-چىڭ تۇتۇپ ئويلىغانلىرىنى ئۇيان-بۇيان، نېرى- بېرى، ئۆرۈپ- چۆرۈپ، تاسقاپ- ئىلغاپ كېپەك قويماي پاكىز يازىدىغانلارنى، گەپلىرى بىلەن ئىش- ئىشارەتلىرى بىر كانايدىن  چىقىدىغانلارنى بولسا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىمەن، ساقلايمەن، قىزغىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن؛ ئۇلارنى كىتابخانلىق تۇرمۇشۇمدىكى خالىس سەپدىشىم ۋە سىردىشىم، نەپدىشىم ۋە شەپقىتىم دەپ قارايمەن. مەن ئوسمان ئىسمايىل تارىمنى  مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدە ئالدىنقى خىلدىكى تەتقىقاتچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى تېخىمۇ ئالاھىدە  ھۆرمەت قىلىمەن. راست، مەن ئوسمان ئىسمايىل تارىم بىلەن بىر سىنىپقا كىرگەن كۈندىن باشلاپ، باشقىلار ئۇنى «سەن»لەپ «ئوسمان» دەپ ئۇدۇل  ئاتىسىمۇ، ئەمما مەن يۇرتىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە «سىز»لەپ، باشقىلارنى ئىززتلەش ۋە ھۆرمەتلەش مەنىسىدىكى «جان» سۆزىنى قوشۇپ «ئوسمانجان» دەپ ئاتىدىم. مېنىڭ ئوسمانجاننى بىرىنچى كۈنىلا شۇنداق ئاتىشىم، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بولغان ئىدى. ئادەتتە يۇرتىمىزدا پەقەت رەقىپلەرنىلا، بىر مەھەللىدىكى تەڭتۇشلار بىلەن كىچىكلەرنىلا «سەن»لىسەك، چوڭلارنى، مۆتىۋەرلەرنى، ئاقىللارنى، ئاياللارنى، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەرنى بىردەك «سىلى»(ئۆزلىرى) ياكى «سىز»لەيمىز ( بۇلارنى «سەن»لەش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ)، يۇتىمىزدا قارشى تەرەپنى مۇنداق ئاتاش ئۇلارغا بولغان ئىززەت-ئىكرامنى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە، مەن ئوسمانجان بىلەن تەڭتۇش بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، توغرىلىقى، ئىلمىيلىكى، يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ دۇرۇسلۇقى، ئىچ كۆيەرلىكى، سىپايىلىقى، سۈلكەتلىكى مېنىڭ قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىمنى قوزغىغاچ، يۇرتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇنىڭ بىلەن ساۋاقداش بولغان چاغدىن باشلاپ، ئۇنى «سىز»لەۋەردىم. ئۇنى «سىز»لىشىمنىڭ توغرا بولغانلىقى بۈگۈنكى كۈندە تولۇق ئىسپاتلاندى.
      ئوسمانجان 1958- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى دۇنياغا مەشھۇر تارىم دەرياسى بويىدا ـــ شايار(شەھىرىيار) ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرىدا تۇغۇلدى. باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شاياردا تاماملاپ، 1978- 3- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  «ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات كەسپى»گە قوبۇل قىلىنىپ، 1983- يىل 3- ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى ۋە مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتكە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېلىپ قېلىندى. ئۇ 1997- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا، 2000- يىلى 9- ئايدىن 2002- يىلى 7- ئايغىچە قازاقىستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇختەر ئەۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇدى. قازاقىستاندىن فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورىلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 2002- يىلى دوتسېنتلىق، 2007- يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى؛ 2003- يىلى ماگىستىر ئۇستازىلىققا تەيىنلىنىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاسپىرانتنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى؛ يەنە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىدى.
      ئوسمانجان مەكتەپتە، جەمىئىيەتتە سۆز- ھەرىكىتىدىكى بىر خىللىقى، مۇئامىلىسىدىكى ئىللىقلىقى، يۈرۈش- تۇرۇشىدىكى سۈلكەتلىكى، كوللېكتىپ پائالىيەتلەردىكى تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ھەممىنىڭ قايىلىقى ۋە ئېتىراپ قىللىشىغا ئېرىشتى، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوبرازىنى تىكلىگەن بىر ئۈلگىلىك زىيالىيدۇر؛ ئوسمانجان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، «فولكلورشۇناسلىق»، «چۆچەكشۇناسلىق»، ئېپوسشۇناسلىق»، ئەپسانىشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى، ئۇلارغا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ئالاھىدىلىكى، قىممىتى ۋە رولىنى چۈشەندۈردى، بىلدۈردى، يەنە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە تەتقىقات خادىملىرىنى تەربىيەلىدى ۋە يېتىشتۈردى، بۇ جەھەتتىن ئۇ مەۋلانا ئۇستازدۇر، تەلەپچان پېداگوكتۇر، جان پېدا مائارىپچىدۇر؛ ئوسمانجان خەلقىمىزنىڭ مىللىي گۆھىرى بولغان ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ ۋە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار» (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1994- يىل 5- ئاي نەشرى)، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىل 1- ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006- يىل 5- ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009- يىل 9- ئاي نەشرى)، «چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن روھ» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010- يىل 3- ئاي نەشرى) قاتارلىق نادىر كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى، يەنە نۇرغۇن كىتاب-قامۇسلارنى تۈزۈش ۋە يېزىشقا قاتناشتى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە، قازاقچە ئاشكارا ئىلمىي ژۇرناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچىدۇر، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مەسئۇلىيەتچان مۇتەخەسسىسىدۇر ۋە كۆيۈمچان پەرۋىشكارىدۇر، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنى بېيىتقۇچى ۋە ئۇنىڭ «ھەيكىلى»نى تۇرغۇزغۇچىدۇر؛ ئوسمانجان كۆپ قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆپ خىل ئاتاق بىلەن مۇكاپاتلاندى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ھەر خىل ناملارغا نائىل بولدى، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېتىراپ قىلىنغان ئالىمدۇر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر؛ ئوسمانجان ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سەر خىل ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ۋە دىيالوگلىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقىنى تونۇشتۇردى، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، يۈزلىنىشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرى ساپالىق مۇتەخەسسىسلەرگىچە، دۆلەت ئىچىدىن چەت ئەللەرگىچە بىلدۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالىغان تەلەيلىك «ئەلچىدۇر».   
     ئوسمانجاننىڭ، يەنى ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلغان بولغاچقا، بۇ ماقالىدە كۆپرەك ئۇنىڭ خاراكتېر پەزىلىتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنىڭ كىتابخانلارغا تېخىمۇ زۆرۈر بولغان تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلدىم.   
ئوسمانجان بىلەن ئىككىمىز ئوقۇۋاتقان چاغرىلىمىزدا ئىلىم- پەن ۋە جەمىئىيەت ھەققىدە كۆپ سىرداشمىغان بولساقمۇ، ئەمما بىز دەسلەپ بىر ياتاقتا ياتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ تىل- ئەدەبىياتقا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى، مەن ۋە بىز ئوقۇمىغان نۇرغۇن كىتابلارنى ئۇ ئاللىقاچان ئوقۇپ بولغانلىقىنى بىلدىم. دېگەندەك ئوسمانجان ئۆگىنىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى، ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، مۇلاھىزىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، پىكىرىنىڭ تېرەنلىكى، مۇئامىلىسىنىڭ سەمىمىيلىكى، مىللىي غۇرۇرى ۋە ئەخلاقىنىڭ ساپلىقى ۋە يارقىنلىقى بىلەن سىنىمىزدا تېزلا كۆزگە كورۈندى. سىنىپ مۇدىرىمىز مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم ئوسمانجان، ئەخمەت سەيدۇللا، ئەنەيتۇللا قۇربان، ئابدۇللا مەتقۇربان، مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار، تۆلەۋباي دوشىق ئوغلى، تۇرسۇن يۈسۈپ، بېلىقىز سۇلايمان قاتارلىق ئۈمىدۋار، تىرىشچان، مىللەتسۆيەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ بىزگە شۇنداق باراۋەر، ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى. مېنى بەكمۇ قايىل قىلغىنى ئوسمانجان باشچىلىقىدىكى ساۋاقداشلىرىممۇ مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمنى ئۆز تاغىسىدەك ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى مىسلى «ئاتا سۆزى»دەك چوڭ بىلەتتى. سىنىپىمىز ئەينى بىر ئاق يىپقا تىزىلغان ئاق مارجانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ مارجاننىڭ جاي- جايىغا تىزىلىشى ۋە نۇر چېچىپ تۇرۇشىنى ئوسمانجاننىڭ ئالاھىدە رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى. 2003- يىل 10- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سىنىپىمىزدىكى 36 نەپەر ساۋاقداشنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنگەنلىكىمىزنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوسمانجان، سەيدۇللا ئەخمەت، ئەنەيتۇللا قۇربان ئۈچىنىڭ ئەستايىدىل پىلانلىشى، كۈچ چىقىرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئالدىن تەييارلىق قىلىۋېلىشىمىز ئاساسىدا فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىناسىنىڭ ئالدىغا ــ يولنىڭ بويىغا ئۈچ تۈپ ئەسلىمە ۋە خاتىرە كۆچىتى تىكتۇق؛ كەچتە ئوقۇچىلار مىللىي ئاشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىدارلىشىش- تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئوسمانجان، ئەخمەت سەيدۇللا، ئەنەيتۇللا قۇربانلار ساۋاقداشلارغا ۋاكالىتەن بىزگە دەرس بەرگەن ئۇستازلار ۋە مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمگە تون كىيدۈرۈپ ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ زال ئىچى گۈلدۈراس ئالقىشقا چۆمۈلۈپ كەتكەندە بىز ئوسمانجاندەك يىراقنى كۆرەر، تەشكىلاتچان، ئىستېداتلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر ساۋاقدىشىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلدۇق.  
       ئوسمانجان ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنى، ئالىملىق ئوبرازىنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسى ۋە ئېرىشىش غايىسى بىلەن چەبەرچاس باغلىغان، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ «شېرىن»گە چىن دىلىدىن ئاشىق بولغان «پەرھاد»تۇر. شۇنىڭغا، ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتشۇناسلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋە ھىممەتلىك كەسپى قىلىپ تاللىدى؛ بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق يىرىك ئەسىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدىكىلەر بىر تۇتاش قوللىنىدىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەرسلىك كىتابى يوق بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇردى؛ بۇ كىتاب خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇپەسسەل چۈشەنچە بېرىش، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھادىسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى، بۇنىڭدىن ئوسمانجاننىڭ ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشتى. بەكمۇ تەسىرلىك ۋە ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئوسمانجان كۆپ قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ ــ قۇمۇل، ئاراتۈرك، كۇچا، شايار، ئاقسۇ كوناشەھەر (ئونسۇ)، ئاۋات، مارالبېشى، مەكىت، قەشقەر كوناشەھەر، قاراقاش قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك داستانلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى، سىنغا ئالدى، كۆمۈلۈپ ياتقان نۇرغۇن خەلق ھېكايىلىرىنى يىغدى ۋە رەتلىدى؛ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى توپلىدى ۋە ئۆگەندى، ئۇلارنى تۈرىنى تۈرىگە، خىلىنى خىلىغا ئايرىپ پار كەلتۈرۈپ چىقتى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن باشقا خەلقنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ تىپى ۋە موتىفىغا دائىر يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىدى؛ ئۇ يەنە خۇنەننىڭ تاۋيۈەن، شياڭتيەن ناھىيەلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى؛ ئۇ ئۆگەنگەنسېرى، مۇتالىئە قىلغانسېرى ئۇنىڭ ئىشەنچىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى، ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىغانسېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شۇررىدە لەرزىگە كەلمەكتە ئىدى، سۆيۈش ۋە تەقدىم قىلىش قىزغىنلىقى، سەمىمىيىتى مانا ئەمدى ئۇنى ناھايىتى نۇرانە بىر مەنزىلگە باشلاپ ماڭماقتا ئىدى . مانا شۇنداق ئەستايىدىل ئۆگىنىش، سەپەرگە ئاتلىنىش، ئۈزۈكسىز مۇتالىئە قىلىش، يېڭىدىن يېڭى بايقاش، ئاقىلانە تاللاش نەتىجىسىدە بىرىنچى قول ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۆزىنىڭ مول تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتىگە تايىنىپ، «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تاتقىقات»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن روھ» قاتارلىق بىر-بىرىدىن ئېسىل كىتابلىرىنى ئېلان قىلدى. مەن بۇ ئۈچ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ئېستېتىك لەززەت ئالدىم، مول مىللىي ئەدەبىيات بىلىمىگە ئىگە بولدۇم؛ ساۋاقدىشىم ئوسمانجاننىڭ ئىزدىنىش روھى، يېڭىياچە تەتقىقات مېتودى ۋە پىشقان يېزىقچىلىق ماھارىتىگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم. مەن بۇ ئۈچ كىتابنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى قوشۇنىنى زورايتىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدىم.
       1. «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تاتقىقات»:  بۇ كىتاب 2006- يىل 5- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر پارلاق نامايەندە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئوسمانجاننىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ سۇژىتلىرى، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى بىلەن باشقا مىللەت چۆچەكلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىدىكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ- ئادەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ فولكلورلۇق قىممىتى، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوبرازلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ تىپى ۋە موتىفلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلق ھېكايىلىرىدىكى ھايۋانات ئوبرازلىرى، «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئوسمانجان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى خەلقئارا چۆچەكشۇناسلىق ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن، سېلىشتۇرمىلىق چۆچەكلەر تەتقىقاتىدىكى يېڭىياچە مېتود بولغان « ATتۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلى»نى ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى تەتقىقاتىغا دادىل تەتبىقلاپ ۋە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ تىپى ۋە موتىفلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ تىپى ۋە موتىفلىرىنى باشقا مىللەت خەلق چۆچەكلىرىنىڭ تىپى ۋە موتىفلىرى بىلەن ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ ۋارىيانتلىرى، مەنبەسى ۋە مەنسۇپىيىتى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ تەسىر ئېلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ھەققىدە قىممەتلىك قاراشلانى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ مەزمۇن تېرەنلىكى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تەھلىللەرنى يۈرگۈزگەن. كىتابنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئاپتور خەلقئارا چۆچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان، ئۆزلەشتۈرگەن، يېڭىدىن ياسىغان، بولۇپمۇ «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى» دېگەن ئۇقۇمنى ئەستايىدىل لايىھەلەپ ۋە قوللىنىپ، ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى تەتقىقاتىنىڭ يېڭىدىن بىر «چىغىر يولى»نى ياساپ بەرگەن؛ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مەشھۇر چۆچەكشۇناسلارنىڭ يېڭى تەتقىقات مېتودىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە قاراشلىرىنى دادىل قوبۇل قىلىپ ۋە بېيىتىپ، تېخىمۇ يېڭى نەزەرىيەۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. پايدىلىنىش مەنبەسىنىڭ يېڭى، مول ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن تەتبىقلىنىشى كىتابنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان.
     «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تاتقىقات»نىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك قىممىتى شۇكى، ئۇنىڭدا مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «چىن تۆمۈر باتۇر»نىڭ مەنبەسى، ۋارىيانتلىرى، مىللىي كىملىكى ۋە مەنسۇپىيىتى، بۇ چۆچەكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلغان؛ بولۇپمۇ رۇس ئالىمى يۇدىننىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكى موڭغۇللارغا مەنسۇپ دېگەن قارىشى نەقلەن پاكىتلىرى ۋە ئەقلەن يەكۈنلىرى ئارقىلىق رەت قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرچە تارىخ  كىتابلىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەركىبىنى بىلدۈرىدىغان «مغول- موغۇل، مغوللار- موغۇللار، مغال- موغال، مغاللار- موغاللار» بىلەن ھازىرقى موڭغۇل خەلقىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان «موڭغۇ- موڭغۇللار»نى ئىملا جەھەتتىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ ئاتىشىمىز ۋە يېزىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بىشارەت بېرىلگەن. بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ سانى چەكسىز، تۈرى  كۆپ، مەنبەسى مۇرەككەپ، سۇژىتى مول، تىپى ۋە موتىفلىرى رەڭدار؛ ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىغا «چېچىلىپ كەتكەن» ئاپتورسىز گۆھەرلەر بايلىقى. مۇنداق غايەت زور مىغ-مىغ بايلىقنى بىر- بىرلەپ ئوقۇپ چىقىش، ئاندىن قېرىنداش مىللەتلەر ۋە باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇلارنى بۇلارغا سېلىشتۇرۇش، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقنى ئېنىقلاپ چىقىش، تۈگۈنلەرنى يېشىش، ئاندىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئىلغار تەتقىقات مېتودىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن توغرا بىرلەشتۈرۈپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىگۈدەك ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش مېنىڭچە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ھەقىقىي بېغىشلىغان ئوسمانجاندەك «پەرھاد»لارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. مۇندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ سېھىرلىك چۆچەكلەر تەتقىقاتىدا بۇ كىتابنى ئوقۇماي، بۇ كىتابتىن پايدىلانماي، ھېچبولمىغاندا ئوسمانجان باسقان ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇساپىسىنى باسماي تۇرۇپ ئۇنىڭدەكتىن يەنە بىرىنى يېزىپ چىقىش مېنىڭچە ناتايىن. بۇنىڭدىن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇدىغانلىقىنى كۆۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.
      2. «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»: بۇ كىتابمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009- يىل 9- ئايدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ؛ جۈملىدىن تېمىسىنىڭ يېڭىلىقى، ھەجىمىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، مېتودىنىڭ خاسلىقى، قاراشلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى يېقىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ سەرخىل كىتاب ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئۇقۇمى، ئالاھىدىلىكى، تۈرلىرى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى، ئۇنىڭ ئەدەبىي قىممىتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە خەلقئارادىكى ئەھۋالى، ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتى؛ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ توپلىنىش، رەتلىنىش ۋە تەتقىق قىلىنىش ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، باشقا مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى؛ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ژانىرى، پەرقى، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى؛ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، چۆچەكلەرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى، ئەنئەنىۋى ئوبرازلىرى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى؛ خەلق مەسەللىرى، لەتىپە، چاقچاق ۋە لاپلار، قوشاقلار؛ ماقال-تەمسىل ۋە تېپىشماقلار، خەلق داستانلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.  ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئوسمانجان قازاقىستاندا دوكتورلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا تىل قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق قەلەمكەشلەر بىلەن ھەمسۆبەتتە بولغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرغان، يەنە نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئۆزىنىڭ رۇس تىلى كۇرسىدا ئۆگەنگەن دەسلەپكى بىلىمىگە تايىنىپ رۇس مىللىتىدىن بولغان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇغان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە بولسا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ يېقىندىن رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن تەلەيلىك ۋە ئىستېداتلىق تەتقىقاتچى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بۇ كىتابىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك مەزمۇن ئەكس ئەتكەن.
ئوسمانجان نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى قىلىپ تاللىدى؟ ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا قانداق ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى يارىتالىدى؟ مانا بۇ سوئالغا مۇشۇ كىتابلا ئەڭ توغرا جاۋاب بولالايدۇ. خۇددى كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا ئېيتىلغاندەك، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن، تاللىغان تېمىلىرى ۋە مىساللىرى، تەھلىلى ۋە يەكۈنى، قوللىنىلغان مېتودى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ ھال ئاپتورنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى زور تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاپ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنى بېيىتقانلىقىدا، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدا ناھايىتى روشەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. قىسقىسى، بۇ كىتابنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تىل ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىقىلغان مۇكەممەل بىر يازمىچە «ھەيكىلى» دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ئوسمانجان ئۇنىڭ «كۆزى» ۋە «چىرايى»نى شۇ قەدەر ئەينەن ۋە گۈزەل سىزىپ چىققان، «قولى» ۋە «پۇتى»نى شۇنداق ئوخشىتىپ ۋە مۇكەممەل قىلىپ لايىھەلىگەن، ئۇنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەپ قويغۇدەك قىلىپ ياساپ چىققان.     
      3. «چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن روھ»: بۇ ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، ئۇمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010- يىل 3- ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابتىمۇ ئوسمانجاننىڭ شائىرانە ئىلھامى، ئىلمىي پوزىتسىيەسى، كۆپ قىرلىق تالانتى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. كىتابنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا ئوسمانجاننىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئۇنىڭ شانلىق ھاياتىنى بىۋاسىتە چۈشەنگىلى بولىدۇ. كىتاب ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىسى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ قىسقىچە جەريانى ۋە تارىخى، ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى، ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، تارىخىي قىممىتى، ئۇلارنى قوغداش مەسىلىسى، «يۈسۈف- زۇلەيخا» داستانى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، داستانلىشىش جەريانى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ۋارىيانتلىرى- نۇسخىلىرى، قىممىتى؛ ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلاردىكى سېھىرگەرلىك ئادەتلىرى، دولان مۇقامى بىلەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ پەرقى، دولان مۇقام تېكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە دولان مەشرەپلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىكى، مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى؛ ئۈچىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى، مۇھەممەد باغراشنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى، قۇربان ئەمەتنىڭ «ئېكران سىرتىدىكى سۈرەتلەر» نامىدىكى شېئىرلىرى، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوفنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى «‹يۈسۈف زۇلەيخا› داستانى ھەققىدە مۇھاكىمە»  ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىدۇر. يەنە ئۇنىڭدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش جەريانىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ئەڭ قايغۇلۇق بىر كۈن» ناملىق ماقالە بەكمۇ تەسىرلىك يېزىلغان، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ھېكايە ۋەقەلىكىنى بايان قىلىش، ئىلھام ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، سۆز تاللاش ۋە جۈملە تۈزۈش، يەنى سۆز بىلەن سۆزنى، تەڭداش تەركىب بىلەن تەڭداش تەركىبنى، تارماق جۈملە بىلەن تارماق جۈملىنى پار كەلتۈرۈپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئوي- پىكىرنى مەنتىقىلىق ئىپادىلەش ماھارىتى نامايان قىلىنغان. قىسقىسى، بۇ توپلاممۇ ئوسمانجاننىڭ ھاياتىنى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى، يېزىقچىلىق ماھارىتىنى، ئەدەبىي تۆھپىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.   
      ئوسمانجاننىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئىلمىي ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە چەت ئەللەردىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىگە دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يىغىش، رەتلەش، ئوقۇش، مۇتالىئە قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلەرنىڭ تەتقىقاتىدىكى ئېغىشلارنى كۈچلۈك پاكىت ئارقىلىق تۈزەتتى. بۇ چۆچەكنىڭ مەنبەسى ۋە مىللىي تەۋەلىكىنى قايىل قىلارلىق يورۇتۇپ بەردى. بۇ چۆچەك ھەققىدىكى تەتقىقاتتا ئوسمانجاننىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدىن پايدىلانماي تۇرۇپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇئەيەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلىگۈدەك ئىلمىي ماقالە يازغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنىڭ ئىلمىي ۋە تەتقىقات قىممىتىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 18:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئىمىر غىياسىدىن ئەپەندى. مەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن. بىراق بۈگۈن قارىسام شېئىرىيەت سەھپىسىگە ئەۋەتكەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ مەن تېمىنى ئاچمايلا شېئىر دەپ چۈشۈنۈپ  قېلىپ پاھ بۇ ئۇستاز شېئىرمۇ يازىدىكەنغۇ دەپ ئويلاپ  ئاچسام شېئىرىيەت سەھپىسىگە ئەۋەتىلگەن ماقالە ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنى ماس سەھپىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 22:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىككى پارچا ماقالىنىڭ بىرىنى «يېڭى تېمىلار»غا، يەنە بىرىنى بولسا «ئايلىق ئاۋات تېمىلار»غا يوللىغان ئىدىم. ھەر ئىككىلا ماقالە «شېئىرىيەت» سەھىپىسىگە تەستىقلىنىپتۇ. تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-10 10:39:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 10:00 PM
ئىككى پارچا ماقالىنىڭ بىرىنى «يېڭى تېمىلار»غا، يەنە ...

قىزىق گەپ بولدى-دە بۇ!
«يېڭى تېمىلار»، «ئايلىق ئاۋات تېمىلار» سەھىپە ئىسىمى ئەمەس. يېڭى يوللانغان تېمىلار «يېڭى تېمىلار» دا، كۆرۈلۈش نىىسبىتى يۇقىرى تېمىلار «ئايلىق ئاۋات تېمىلار» دا ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ.
ھەركىم ئۆز تېمىسىنى «ئايلىق ئاۋات تېمىلار» قىلىۋالالمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-10 10:48:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلەن: «يېڭى ئېچىلغان ئاشخانا» ئاشخانا ئىسمىنى بىلدۈرمەيدۇ. «ئىمىر ئاشخانىسى» ئاشخانا ئىسىمىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەمدى چوقۇم «يېڭى تېمىلار»، «ئايلىق ئاۋات تېمىلار» نىڭ سەھىپە ئىسمى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدىڭىز-ھە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش