كۆرۈش: 253|ئىنكاس: 2

ئىمىر غىياس:ھەر نەرسىگە باھا بېرەي دېسەڭ «مەجنۇننىڭ كۆزى» بول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             ھەر نەرسىگە باھا بېرەي دېسەڭ «مەجنۇننىڭ كۆزى» بول

                                                                                          ئىمىر غىياس

       ناھايىتى بىلىملىك ۋە ئىناۋەتلىك ئادەممۇ ئۆزى قىزىقمىغان، ياخشى كۆرمىگەن، چۈشەنمىگەن شەيئى ۋە نەرسىلەرگە توغرا باھا بېرەلەشى ناتايىن، پەقەت شۇ شەيئى ۋە نەرسىلەرگە قىزىققان، ئۇنى ياقتۇرغان، بىلىشكە ئىنتىلگەن ۋە چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرەلىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەن رېئال تۇرمۇشتا ئۆزى قىزىقمىغان ياكى چۈشەنمىگەن نەرسىگە خاتا باھا بېرىپ قويۇش، ھەتتا شۇ سەۋەبلىك كۈلكىگە قېلىش، بىر ياخشى نەرسىدىن قۇرۇق قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىزمۇ بەزەن چاغلاردا تەھرىرلىك خىزمىتى جەريانىدا ئۆزىمىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان تېمىدىكى بىر ئوبدان ماقالىگە توغرا باھا بېرەلمەي، «بۇ مانداق ماقالىكەن» دەپ قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇنى ئېلان قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. ھالبۇكى، ماقالىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندە بولساق ئاللىقاچان كېچىككەن بولىمىز. ئەلۋەتتە بىز دەۋاتقان «قىزىقىش» ھەرگىزمۇ پىسخولوگىيەدىكى نوقۇل «قىزىقىش» بولماستىن، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ، ئويغىتىپ، تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان شەيئى، ھادىسە ۋە جەريانلارغا بولغان پوزىتسىيەمىزنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ «چۈشىنىش»نىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە بىرەر نەرسە، ھادىسە ياكى جەريانغا بولغان قىزىقىش- چۈشىنىش بىرىنچى قەدەم، قىزىقىش- چۈشىنىشتىن كېيىنكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولسا ئىككىنچى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. تەھرىرلىك خىزمىتىدىمۇ ئاۋۋال چۈشىنىش، ئاندىن تۈزىتىش جەريانى مەيدانغا كېلىدۇ، ناۋادا قىزىقمىغان- چۈشەنمىگەن نەرسىگە باھا بەرگەندە ياكى ئۇنى شەرھلىگەندە مۇقەررەر ھالدا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى قىزىقمىغان ۋە چۈشەنمىگەن نەرسىلەرگە ئالدىراپ باھا بەرمەسلىك كېرەك.
       شۇنداق ھېكايەت قىلىنىدۇكى، مەجنۇننىڭ ئەسلىي ئىسمى «قەيس» بولۇپ، ئۇنىڭ لەيلىنىڭ ھۆسنى ۋە ئىشقىدا مەجنۇن بولغانلىقى ئەلگە مەشھۇر بولدى. مەجنۇن بىلەن لەيلىنىڭ ئىشقى- مۇھەببىتى تىللاردا داستان بولۇپ كۈيلەندى. پادىشاھنىڭ كۆڭلىدە: «قەيسنى مەجنۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئەسل- ۋەسلىدىن كېچىپ، باياۋاننى ماكان تۇتۇشقا ۋە ئەل ئارىسىدا شۇنچە گەپ- سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان لەيلىنىڭ ھۆسن- جامالى زادى قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەلدۇر؟» دېگەن خىيال پەيدا بولدى-دە، دىلىدا لەيلىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ لەيلىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلتۈردى ۋە ئۇنىڭ جامالىنى بىر كۆرۈپلا جۇدۇنى ئۆرلەپ، ھەپسىلىسى قېچىپ ۋەزىرلىرىدىن سورىدى:
      ـــ لەيلى چىرايلىق ئەمەس ئىكەن، قەيسنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مەجنۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
      ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بەردى:
      ئۇلۇغ شاھىم، لەيلىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەجنۇننىڭ كۆزى بىلەن قاراش كېرەك.

      مانا بۇ ھېكايەت ھەر نەرسىگە قىزىقمىغاندا، ئۇنى چۈشەنمىگەندە ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا باھا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى يارقىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىزگە مەلۇم، مەجنۇن بىلەن لەيلى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر غايىۋى پېرسوناژلاردىن بولۇپ، مەجنۇن قىزىقىش، ياخشى كۆرۈش ۋە چۈشىنىشنىڭ، لەيلى بولسا  نەتىجە- سەمەرىنىڭ سىمۋولى. مۇبادا مەجنۇن لەيلىگە قىزىقمىغان، ئۇنى ياقتۇرمىغان ۋە ياخشى كۆرمىگەن، چۈشەنمىگەن ۋە بىلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمىغان بولاتتى. ئاپتورلارمۇ ئىنسان پىسخىكىسىدىكى قىزىقىش ۋە ياقتۇرۇشنىڭ سېرىي كۈچىنى ھېس قىمىغان بولسا، قەيسنى لەيلىنىڭ ئىشقىدا مەجنۇن (ئاشىق ساراڭ) قىلىپ چۆل- باياۋاننى ماكان تۇتۇشقا قىستىماس ئىدى؛ ئۇلار قەلەمنى ئىشقا سېلىپ، لەيلىنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ قەيسنى چۆل- باياۋانغا قىستاپ ئاپىرىش ئارقىلىق كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى «يۇلۇپ چىقتى». دېگەندەك قەيسنىڭ لەيلىگە بولغان تەلپۈنۈش ۋە تەشنا بولۇش تەلىپىنىڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى بىلەن قارىماققىلا ئادەتتىكى بىر قىزنىڭ مىسلىسىز ئىچكى گۈزەللىكى نامايان قىلىنىپ، ئاقىلانە ئاشىقلىقنىڭ سىھرىي كۈچى ئەل ئارىسىدىكى داستان- ھېكايىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار قىزىقىش بىلەن ياقتۇرۇشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بايقاش، چۈشىنىش، شەرھلەش شەرىپىگە ئېرىشتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ھەقىقىي بىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى غايەت زور ئۈنۈمىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.     
       دېمەكچىمىزكى، قىزىقىش بىراۋنىڭ مەلۇم شەيئىنى ئاڭقىرىش ۋە بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش- تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاۋۋال ئىنتىلىش، ئاندىن ياقتۇرۇش، ئاندىن ياخشى كۆرۈش، ئاندىن چۈشىنىش جەريانىغا ئىگە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قىزىقىش بىلىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى، بىلىش بولسا قىزىقىشنىڭ نەتىجىسى ۋە سەمەرىسى. قىزىقىش ئادەتتە ئىرادە، ھېسسىيات، ئېھتىياج، ماھارەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزىقىش ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قىزىقىش ئادەتتە ئەنە شۇ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسىلەر تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ، شەكىللىنىدۇ ۋە خاراكتېرلىنىدۇ. ئادەملەر دۇنيانى كۆزىتىش، ھېس قىلىش، چۈشىنىش ۋە بىلىش جەريانىدا ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىللە رېئال شەيئى ۋە ھادىسە بىلەن ھەر خىل تەرزدىكى ئۇچرىشىش، باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەت قىلىش ھالىتىدە بولىدۇ. رېئال شەيئى ۋە ھادىسىلەر ئادەمدە ھامان مۇئەييەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئادەملەرمۇ بۇ خىل شەيئىگە نىسبەتەن مۇقەررەر ھالدا مەلۇم پوزىتسىيەدە بولىدۇ. ھالبۇكى، قىزىقىش ۋە پوزىتسىيە سالقىن ياكى پاسسىپ بولغاندا، ئادەم گۈزەل نەرسىگىمۇ ھېلىقى «پادىشاھ»تەك توغرا باھا بېرەلمەيدۇ. مۇبادا «پادىشاھ»تىمۇ «لەيلى»گە خۇددى قەيسكە ئوخشاش كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ئۇنى بىلىش، ھەتتا ئۇنى خاراكتېرلەش ۋە نامايان قىلىش ئىستىكى يېتەرلىك تۇغۇلغان بولسا، ئۇ «لەيلى»نىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغان، قەيسنىڭ ئۇنىڭ پىراقى ۋە ھىجرانىدا ئۆزىنى ئۇنتۇپ «چۆل- باياۋان»نى ئۆزىگە ماكان تۇتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن بولاتتى. ھالبۇكى، «پادىشاھ»تا بۇ خىل شەرت ھازىرلانمىغانلىقتىن، قەلبىدىكى خىرە يانغان «شام» بىلەن «لەيلى»نى لەيلى قىلىپ تۇرغان بىر ماھىيەتلىك نەرسە ـــ ئىچكى گۈزەللىكنى ھېس قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمىدى. بۇنىڭدىن بىز شەيئىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە بىلىشتە قىزىقىشتىن ئىبارەت ھېسسىيات ئامىلىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، يەنى ئادەمدە قىزىقىشتىن ئىبارەت روھىي ئاساس بولمىغاندا مەيلى ئۇ «شاھ» ياكى ئالىم بولسىمۇ، شەيئىلەرنى چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولالمايدىغانلىقىنى، شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باھا بېرىشتە بولسا ئالدى بىلەن ئۇنى چۈشىنىش ۋە بىلىشنىڭ شەرتلىكلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
      ھەقىقەتەن كۈچلۈك قىزىقىشنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى رولى زور بولىدۇ. ئۇنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىشتىكى ھەك قىلغۇچ رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، قىزىقىش ياكى چۈشىنىش كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان ياقتۇرۇش، ياخشى كۆرۈش، كۈچلۈك تەلپۈنۈش  مايىللىقى ۋە خاھىشىنىڭ ئىنكاسى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى رولى ناھايىتى زور بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ياقتۇرۇش، چۈشىنىش، باھا بېرىش ھالىتىدە نامايان بولىدۇ. ئادەتتە قىزىقىش تەھرىرلىك خىزمىتىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، مۇھەررىرلەر ھەر كۈنى نەچچە پارچە ئارگىنالنى ئوقۇپ تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ مۇنداق ئارگىناللارغا باھا بېرىشتە بەلگىلىك پىرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىدۇ، ئۆلچەمگە توشقانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، توشمىغانلىرىنى رەت قىلىدۇ. بۇ مۇھەررىرلەر ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان ئالىي شەرت ـــ ئادىللىق پىرىنسىپى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىزىقىشتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى ئاساسنى يېتەرلىك قانائەتلەندۈرسە، خىزمەتلەرگە «مەجنۇننىڭ كۆزى»دەك قىزغىن بولسا، ئەستايىدىل پوزىتسىيە يېتىلدۈرسە ئارگىناللارغا تېخىمۇ توغرا باھا بېرەلەيدۇ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەسەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ھالبۇكى، بىر ئادەمدە پەقەت كۈچلۈك قىزىقىشلا بولۇپ، ماھارەت يېتىلمىسە، ئۇ ئوبيېكتكە ھەرگىزمۇ توغرا باھا بېرەلمەيدۇ، ھەتتا خاتا باھا بېرىپ قويۇپ كۈلكە ياكى مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتىگە ئەيلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭغا، بىر نەرسىگە باھا بەرگەندە ماھارەتنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.   ئۇندىن باشقا، ئۆزىنى كۆرسىتىش خاھىشىمۇ ئوبيېكتكە خاتا باھا بېرىش ۋە كۈلكىگە قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا، ئوبيېكتكە باھا بەرگۈچى (ئوبزورچى) سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئادەم ئوبيكتنى مۇكەممەل چۈشىنىشى، جۈملىنى پاساھەتلىك تۈزۈشى، ئۈزۈندى ياكى نەقىل ئېلىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14 خىل تىنىش بەلگىسىنىڭ مەنىسى ۋە رولىنى تولۇق بىلىشى ۋە دۇرۇس قوللىنىشى، ھەر بىر سۆز ۋە تىنىش بەلگىسىنى ئۇيان- بۇيان ئۆرۈپ- چۆرۈپ «ئىستېمال قىلىشى»، ماقالىنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىنى ئىنتايىن پۇختا تۈزۈشى، مەسىلەن، ھەر قايسى ئابزاسلار، بۆلەكلەر، يانماۋزۇلار ۋە نىنچىلەرنى ئۆزئارا زىچ جىپسالىشى ۋە پار كەلتۈرۈشى لازىم. بولمىسا، ئوبزورچىنىڭ ئوبيېكتكە بەرگەن باھاسى ئۆزىگە يېنىپ قېلىپ كىشىلەر ئالدىدا بەكمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، مۇشۇ سەۋەبلىك مۇھەررىرمۇ ئۇنىڭغا شېرىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا، مۇھەررىر ئوبزورچىلارنىڭ باھاسى ياكى تەنقىدى ئۆزىگە يېنىپ قالىدىغان سۈپەتسىز ئوبزورلىرىنى ئېلان قىلىشتىن قاتتىق ساقلانمىقى لازىمدۇر. بىز يەنە بىر خىل ئەھۋالنىمۇ بايقىدۇقكى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقى ۋە نېمە يازماقچى، قانداق يازماقچى بولغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي ئوبزور يېزىپ مەسخىرىگە قالماقتا. بۇمۇ ئوبزور يازغاندا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ. ئەلۋەتتە ئوبزورنى، باھانى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە پاكىت. شۇنىڭغا، ئوبزور يازغاندا پاكىتنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىغا قىلچىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم. ھەقىقەتەن پاكىت ئاساسىدا يېزىلغان ئوبزورنى ئىنكار قىلىمەن دەپمۇ ئۇتۇپ چىققىلى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ پاكىت ئاساسىدا يېزىلغان ئوبزورنى ئىنكار قىلىمەن دېسىڭىز پىكىر ئۆزىڭىزگە يېنىپ قېلىپ تېخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى پاكىتنى ئەلا بىلىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش پۈتكۈل مەدەنىيەتلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پىسخىك تاللىشىدۇر، بىر مۇنەۋۋەر قەلەمكەشكە نىسبەتەن مۇنداق «ئورتاق پىسخىك تاللاش»نىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قېلىشتىن ئارتۇق مەغلۇبىيەت بولمايدۇ. شۇنىڭغا، مۇنداق ئوبزور يېزىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوبزور ئوبيېكتى خاتالىقىنى تەن ئېلىپ ئاقىلانە رەۋىشتە جاۋاب قايتۇرۇشى ۋە باشقىلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. بۇ ساغلام ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ئاقىلانە تاللاشتۇر.
   ھەر نەرسىگە باھا بەرگەندە «مەجنۇننىڭ كۆزى» بولۇشتىن ئىبارەت تۈپ شەرتنى جەزمەن ھازىرلاش كېرەك. پەقەت قىزىقىش ئارقىلىقلا لاياقەتلىك ئوبزورچى (قەلەمكەش) بولغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوبزور يېزىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى، مەسىلەن، تېما تاللاش، پىكىرنى قانداق ئىپادىلەش، قۇرۇلمىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈزۈندى ياكى نەقىل ئېلىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش، جۈملىلەرنى مەنتىقىلىق تۈزۈش قاتارلىقلارنى يېتەرلىك بىلىش كېرەك. بۇ شەرتنى قانائەتلەندۈرمەي تۇرۇپ نوقۇل قىزىقىش بىلەنلا ئوبزور يازغىلى بولمايدۇ.        
قىسقىسى، قىزىقىش ھەر قانداق كەسىپكە ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەتتە ئالاھىدە ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مەنمۇ زىيادە قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ تەھرىرلىك خىزمىتىنى تاللىدىم. خىزمەت جەريانىدا ئۆزۈم ئانچە قىزىقمىغان تېمىدىكى ماقالىگە خاتا باھا بېرىپ قويغان ۋە ياخشى تەھرىرلىيەلمىگەن چاغلىرىممۇ بولدى. كېيىنچە قىزىقىشنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى يېتەرلىك چۈشەندىم. شۇڭا، ھەر نەرسىگە باھا بېرىشتە «مەجنۇننىڭ كۆزى» بولغان ياخشى! تەھرىرلىك خىزمىتىدىمۇ ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن «مەجنۇننىڭ كۆزى» بولۇپ «چۆل- باياۋان»غا چىقىپ كېتىش ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك ئىستىلدۇر!

     بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2015- يىل 4- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى «تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت» بېتىدە  ئېلان قىلىنغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالە ناھايىتى پاكىتلىق يېزىلىپتۇ ،  ماقالىدە ئېيتىلغاندەك ناھايىتى بىلىملىك ۋە ئىناۋەتلىك ئادەممۇ ئۆزى قىزىقمىغان، ياخشى كۆرمىگەن، چۈشەنمىگەن شەيئى ۋە نەرسىلەرگە توغرا باھا بېرەلەشى ناتايىن، پەقەت شۇ شەيئى ۋە نەرسىلەرگە قىزىققان، ئوتىدا كۆيەلىگەن كىشىلا ئاندىن توغرا ، لىللا باھا بېرەلەيدۇ ،  ئىمىر غىياس ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-3-9 23:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا، ھەر نەرسىگە باھا بېرىشتە «مەجنۇننىڭ كۆزى» بولغان ياخشى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش