ئابابەكرى توختى
قۇربان بارات
بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ
سېنىڭ شېئىرلىرىڭنى ھەجىلەپ ئوقۇپ،
ساۋات چىقىرىپ،
يۈرىكىمدە ئۆچمەس بىر ئوتنى لاۋۇلدىتىپ،
كەلدىم بۇ ياشقا.
شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن تېخى،
ئەمما سېنىڭ يازغانلىرىڭنى شېئىر دەيمەن،
«يوقالماس پەلەستىن»نى،
«ئاق روماللىق پەرىزات»نى،
«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»نى،
«ئاقارغان چاچ توغرىلىق ناخشا»نى،
يەنە نۇرغۇن –نۇرغۇن شېئىرلارنى،
ئوخشىتىمەن زۇلمەتلىك قەلبلەرگە،
نۇر چاچقان بىر قۇياشقا.
سېنى يەنە تىز پۈكمەس قەھرىمانغا ئوخشىتىمەن،
قولۇڭدا مىلتىق يوق، قەلەم بار.
يۈزسىز يىللار ۋە تەتۈر پەلەك بىلەن ئېلىشىپ،
قانغا بويۇلۇپ ياتقىنىڭدا
كۆكسۈڭدىكى ئوق ئىزلىرىدىن ئېچىلغان گۈللەر
تاڭ جىلۋىسىگە قوشۇلۇپ يالتىرايدۇ،
قايسى گۈزەللىك يەتسۇن بۇ يالتىراشقا؟
شائىرلىق قىسمەت ئېدى، سېنىڭ قىسمىتىڭ
ھەممە شائىرغا نېسىپ بولىدىغان قىسمەت ئەمەس،
ھەممە شائىر قېنى بىلەن شېئىر يازمايدۇ،
ھەممە شائىر سەپ ئالدىدا بايراق كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ،
ئۇلارغا بۇ دۇنيا پۇرسەت بەرمەيدۇ،
سەندەك ياشاشقا.
تالاشقان شەھەرلىرىڭ قالدى دەيتتى بوۋام،
كەتتىڭ...
مىليۇن كۆزلەرنى تولدۇرۇپ ياشقا.
ئەمدى كىم
كېسىلگەن توغراققا قاراپ چېكىدۇ پەرياد،
سەندىن باشقا...
2016-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى، يەكشەنبە كەچ، يېڭىشەھەر
|