يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 1

سەپەرۇپ بەندۇك:ئايال زاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەپەرۇپ بەندۇك

        ئايال زاتى  

( 8- مارت خانىم –قىزلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)  
      
سۆيۈملۈك ئايال زاتى ،سەن ھاياتىمنىڭ ئۆمۈرلۈك چىمەن پەسلى،كېچە –كۈندۈز قۇلىقىم تۈۋىدە ياڭرىسىمۇ قىلچە زېرىكىش ھېس قىلماي ،كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان لىرىك كۈيسەن!
مېھرىبان ئايال زاتى ،سەن كىشلىك تۇرمۇشقا ئىللىقلىق بەخش ئەتكۈچى قۇياش،كېچە زۇلمىتىنى يورۇتۇپ كۆڭۈلنى ئاۋاندۇرغۇچى ئاي!
سەنسىز ئائىلىنى غۇربەت باسىدۇ، تۇرمۇش ساڭا موھتاج.
سەن ئىنسانىي ھاياتلىق زەنجىرىنى چاتقۇچى ئۇلۇغ ئانا.
سەن ئەبەدىيلىك مەنزىل، دۇنيانىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى، قەلب سازىنىڭ ئۆزۈلمەس تارى ،ئۇنىڭدىن چىققان سادا ھاياتلىقنىڭ توختىماس سىمفونىيىسى.
سېنى تۇرمۇش دەشتىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇچى باھار يامغۇرى دەپ بىلىمەن.
سەن ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇرسەنكى ،شېرىن ئەسلىمە ئەمەس، كەلگۈسىگە تەلپۈنىدىغان ئوتلۇق غايە ئاتا قىلىسەن!
نۇرانە بىر جۈپ كۆزۈڭ يورۇقلۇقنىڭ ، ئەۋرىشىم قامىتىڭ ھەقىقەتنىڭ سىمۋۇلى.
ئىنسانىيەت ئالىمىگە جاكارلايمەنكى ، سەن يۈرەك سەن قان ،سەن جان!
سەن بولغاچقىلا پانىي گۈزەل ، ھايات مەنىلىك ، ياشاش شېرىن بىلىنىدۇ؛ سەن ئاتەش كەبى خىيال ،ئوتلۇق تەلپۈنۈش ، ھاياتلىقىنى ئەبەدىلئەبەتكە داۋاملاشتۇرغۇچى مۇقەدەس ئانا ، ۋۇجۇدۇڭ شاۋقۇنلۇق دەريا، تومۇرۇڭدا ئاققان قاندا مەغلۇبىيەتكە ئورۇن يوق!
كۆكسى – قارنىڭنىڭ كەڭلىكى دەرياغا ئەمەس ، بەلكى دېڭىز ئوكيانغا ، قەلبىڭنىڭ پاكلىقى سۈزۈك ئاسمانغا ئوخشىشىدۇ.قەلب
ئاسمىنىڭنى تۇمان قاپلىغىنى ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئېھ ، ھاياتلىق ئېتىزى، قەلبىڭ مەڭگۈ نۇرانە بولسۇن!
تاپىنىڭ ئاستىدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن يەر شارى ، ھاياتلىقنىڭ ئاتىسى قۇياش ، پايانسىز ئاسماننىڭ زىننىتى ئاي- يۇلتۇزلار ساڭا تەئەللۇق.
سەن مۇھەببەت ، سەن سۆيگۈ، سەن بولغاچقىلا تۇرمۇش گۈزەل ، ھاياتلىق بېغى گۈزەل ، دۇنيادىكى پۈتكۈل گۈزەللىك ساڭا مەنسۇپ بولسۇن،ئوتلۇق يۈرىكىڭ مەڭگۈ مەنىلىك سوقسۇن!
سەن پارلاق يولكى ، بىز شاد ناخشا ياڭرىتىپ ماڭغۇچى يولۇچىلار؛ سەن ئۆمۈر گۈلزارىنىڭ پەرۋىشچىسى ، بىز گۈلزارلىقتىن
ھۇزۇرلانغۇچىلار!
ئېھ ، ئۈمىد چىرىغى ئايال زاتى !سەن كىشلىك دۇنيانىڭ ئۈمىدىنى ، بەختىنى ، شاد- خۇراملىقىنى بىزگە سوۋغا قىلىسەن.
ئېھ، كۆڭلۈم تۆرىنىڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىسى ئايال زاتى!سەن ئۇنتۇلۇشتىن خالىي ھاياتلىق سەپىرى!

مەنبە: ‹‹ ئالدىراش دۇنيا ›› ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 23:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەسرىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم ھەم خۇش بولدۇم ، بارلىق خانىم-قىزلارغا

ۋاكالەتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش