يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 0

گۆھەر ئابلا: مەرھابا گۈللەر بايرىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالام مېھىر دېڭىزىدىن تامچىغان قەترە-قەترە ئاپپاق سۈتلىرى بىلەن دۇنيانى ئانىلىق باغرىدا ئېرىتكەن پەرىشتە سۈپەت ئانىلار!!! ئەسسالام كىشلىك ھايات مۇساپىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇستازى بولمىش مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نۇرى بالقىپ تۇرغان ئاپتاپچىراي ئۇستازلار!!! ئەسسالام گۈل يۈزىدىكى ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن دۇنياغا گۈزەللىك ئاتا قىلغان گۈللەر، گۈزەللەر!!! ئەسسالام ھەر بېقىشىدا مۇھەببەتلىك ھايات سىمفۇنيەسى بىلەن  زىمىستاننى باھارغا، جەزىرىنى گۈلۈستانغا ئايلاندۇرۇپ ھاياتلىق ئالىمىنى گۈل-چېچەككە پۈركىگەن مۇھەببەتنىڭ يېشىل كارىدۇرلىرى!!! ئەسسالام ھاياتلىق پايانىدا ياڭرىغان كۈيلەرنىڭ زىل تارىدا دۇنيانىڭ يۈرىكىنى چەككۈچىلەر!!! ئەسسالام ئانىلىق مېھرىدىن ئوخچىغان دەستە-دەستە نۇر تالالىرى بىلەن پەرزەنتلىرىنى نۇر-زىياغا پۈركىگۈچىلەر... ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!


مەرھابا گۈللەر بايرىمى

گۆھەر ئابلا


نېمىسىنى دەي دۇنيا نىمانچە گۈزەلكىن دېسەم ئەسلى سىز ۋە بىز بىلەن شۇنچە گۈزەل بوپتىكەن ئەمەسمۇ؟
دۇنيانى مۇشۇ دەقىقىدە ئايالسىز تەسەۋۇر قىلىپ باققۇم كەلدى. قۇياشىسز قالغان كۈنلەرنىڭ كۆزلىرى تالجىققان، ئىللىقلىق ئۈچۈن، باغرى تىتىلغان بىر قەترە تەبەسسۇم ئۈچۈن، ۋاي، ۋاي، ئۇ كۈنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، گۇگۇمدىكى ئايسىز ئاسماننىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئۈنسىز تىۋىشلىرى قەلبىمگە  كىرمەكتە شۇ قەدەر مۇدىھىش، باغرى قۇرۇپ قالغان سۇسىز دەريانىڭ نالىسى يۈرەك تارىمنى چەكمەكتە شۇ قەدەر مىسكىن، گۈل-چىچەكسىز قاغجىرىغان باغلارنىڭ، تاغلارنىڭ ئاھۇ-زارى پەلەككە بوي تارتىماقتا شۇ قەدەر دەششەت...
مانا قاراڭ دۇنيا ئايال دەپ تولغانماقتا، ئاسمان ئايال دەپ نالە قىلماقتا، چۇمالاڭماقىزنىڭ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ بوستان سېكىلەكلىرىنىڭ ھەر بىر تىنىقىدىن ئايال، ئايال دېگەن نىدا كەلمەكتە،  يۇرۇڭقاشنىڭ ئوتتەك باغرىدىن قاش تېشىدەك سۈزۈك زىلال سۇلار ئايال، ئايال دەپ ئاقماقتا، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلارنىڭ ھەر بىر يىرىقىدا مىڭ ئايالنىڭ رىۋايىتى، زىمىن  ئايال دەپ چوقان سالماقتا، تاغۇ-تاشلار، ئويمان-ئېدىرلار ئايال دەپ ناخشا ئېيتماقتا...
شەرمى-ھايا ئىچىدە مەڭزىدىكى زىناقلىرىنىڭ گۈل-غۇنچىسىنى قىزلىق ۋەتىنىڭ ئالتۇن تەختىدە ئېچىلدۇرغان ئەي ئايال، ئاياللىق پايانىنىڭ چەكسىزلىكىدە مەن ئەر دەپ ھۆركىرىگەن شىر سۈپەت ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلىغۇچى ئەي ئايال، ئانىلىق پايانىڭ سانسىز تۈنلىرىدە ئاينى خىجالەت قىلىپ، تىنىمىسز تىپىرلاۋاتقان  دۇنيانى ئەللەي ناخشىسىدا ئۇخلاتقان ئەي ئايال، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن كېلىۋاتقان نازۇك تىنىقلىرىنى، نازۇك تىۋىشلىرىنى چىمەنلەرنىڭ لېۋىگە ئارتىغان ئەي ئايال، شېكەستە بولغان قەلبىدىن تامچىغان بىر قەترە ياش تامچىسى بىلەن دۇنيانى يىغلاتقان ئەي ئايال، جەننەتى رىزۋاننىڭ پايە قەدەملىرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئەي ئايال...
سەن مېھرى-مۇھەببەت. باغرىڭدىن تامغان، كۆزۈڭدىن ساقىغان رەڭسىز، تەمسىز ئەمما گۈزەللىككە ئېگە تەبەسۇمدىن ئىبارەت بۇ شەكىل ئارقىلىق دۇنيانى مۇھەببەتكە پۈركۈگىچى، دۇنياغا مېھرى-مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچقۇچى، قەلىبلەرنى قەلبلەرگە چاتقۇچى، يول سورىغان ھەر بىر ئىنسانغا ئانىلىق مېھرىڭ، ئاياللىق ئىشقىڭ بىلەن يول خېتى كەسكۈچى...
سەن بىر ئەزىم دەريا، زىمىننىڭ باغرىغا يېيلىپ قۇملۇقلارنىڭ كۆزىگە، يۇلغۇنلارنىڭ بەرگىگە قۇنۇپ تۇرۇپ ئۇلارنى كۆكلەتكۈچى، مۇھەببىتىڭ ئارقىلىق ھۇزۇر بېرىپ، ھۇزۇر ئالغۇچى...
سەن بىر تال ھەرىپ، سېنى چاتقان ھەرىپلەرنىڭ باغرىدا زىمىستاننى ئېرىتكۈچى ئوت قاينىغا ھەرىپ...
سەن بىر تۈپ گىياھ، تىنىقىڭدىن تارىغان ئىپپار ھىدى بىلەن چۆللەرنى بوستان قىلىپ، كېچىلەرنىڭ تېنىگە ھايات بەخش ئەتكۈچى...
سەن بىر تال گۈل، بۇلبۇل باغرىنى چاكۇ-چاك ئېتىپ، كۆزىدىن ئاققان تامچە بىلەن بەرگىلىرىڭنى بويىغۇچى...
سېنىڭ ھارارىتىڭ قۇياشنى كۆيدۈرمەكتە، سېنىڭ ھارارىتىڭ مۇزلۇقلارنى ئېرىتمەكتە، سېنىڭ ھارارتىڭ تاغلارنى ئەگمەكتە، سېنىڭ ھارارىتىڭ بىپايان دېڭىزلاردا ئاقماقتا، سېنىڭ ھارارىتىڭ تۇمۇر-تۇمۇرلاردا كۈۋەجىمەكتە، سېنىڭ ھارارتىڭ تەپتىدە جىمى ھاياتلىقنىڭ بەرداشلىقى تۈگەپ كەتمەكتە...
ھارارەتلىك كۆزلەر...
ھارارەتلىك  تىنىقلار...
ھارارەتلىك قاراشلار... دۇنيانى ئېرىتمەكتە ۋولقان كەبى...
تالاي سۆزلىرىم قەلىب بارخانلىرىمدا بەرىق ئۇرۇپ كۆكلىمەكتە، بارچە يىقىلىشلار سەندە كامالەت تاپماقتا، كىرپىكىڭدە سانسىز رېۋايەت...
سېنى كۈتىدۇ دۇنيا، سېنى سۆيىدۇ دۇنيا، سەندە ئېچىلىپ ، سەندە توزۇيدۇ گۈللەر... ئەي ئاياللار، ئەي ئانىلار... بۈگۈن ئەمەس سېنىڭ ئۈچۈن  كۈندە بايرام بولغۇسى...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش