ھىجراننامە
نۇرشات ئەنۋەر
تۈنگە ئەگەشتىم:
قۇلاق تۈۋىمدە يەڭگىل پۇشۇلداش…
ئۇلار تامام ئۇيقۇغا كەتتى.
پۈتمەس دەرد–ئەلەم،
ئېسەنكىرەشتىن
ئىشىكىمنى سەنسىزلىك چەكتى...
سېنى يوقاتتىم
تېخى تۈزۈك كۆرۈشمەيلا يۈز.
كۆزۈمچىلا قاقشال دەرەخلەر
ئاچتى–يۇ چېچەك،ئەپسۇس توساتتىن
ئۇۋا سالدى چېھرىمگە كەچكۈز...
دەرسخانىدا،يولدا،ياتاقتا...
سەن ھەققىدە خىيال سۈرەتتىم.
ئېيتماققا چارىسىز كۆڭۈل سىرىمنى،
ئۆز ئىچىمدە ئۆزۈم بىلەتتىم.
رەنجىتسەڭمۇ قانچە دىلىمنى،
بەرىبىر مەن سېنى سۆيەتتىم.
پەنجىرىدە قاراڭغۇ ئاسمان،
سارغايدى گۈل،سوۋۇدى كۆڭۈل.
بەلكىم
بىزگە ۋىسال مەڭگۈگە يالغان،
ئاخىر بۇ جان ئىشقىڭ سەۋەب كۈل...
2016–يىل،6–مارت.