كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 4

كۆكيار: ئانامنىڭ بارلىقى ھەركۈن ئايەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانامنىڭ بارلىقى ھەركۈن ئايەم


ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار

تالاي بۈگۈننىڭ سۆڭىكى سۇندى ،
بىر كېچە مىڭ بىر كېچە چۆچەكچى قىز.
تولۇن ئاي روجىكىمدە يۇلتۇز شەھىرى ،
ئانىدىن مۇڭ قەسىدە پىچىر ـ پىچىر.

ھىدلىرىڭ خۇش ئەنبەر ئىزلىرىڭ جەننەت ،
گۈل يۈزۈڭ نۇر،زىبا دىلبەر،سەنەم .
سەن سۆيگۈ تەختىمنىڭ خانىشى ئەبەد ،
بەرمەيمەن ھېچكىمگە تۇمارىم،ئەھدەم .

كۆزلىرىڭ ئاھ بۇلاق جېنىمنىڭ جانانىسى،
مېھرىڭدە كۈلىدۇ جىمى ئالەم.
سېنىڭدە لەۋلەرنىڭ ئانار دانىسى ،
ئەڭ گۈزەل قوۋۇرغام سېنىڭدە كۈلكەم .

بۈگۈن كەپتۇ خانىم ـ قىزلار قۇت كۈنى ،
ئەپسۇس يەنە بولدۇم يېنىڭدا كەم.
يوقلۇقۇم چانمىسۇن يۇشۇر ئۇنى ،
مەن يانىمەن يانىمەن يېمە غەم ...
...
بۈگۈننى سىلەر ئۈچۈن بايرام دېيىشتى ،
يوقسۇن ! ئانام بار،تېمەنلىكى ھەركۈن ئايەم...
قالدۇرما ئۆزۈڭسىز ،ئانىسىز ھېچبىرىمىزنى ،
ئېھ،يېقىملىق يەتتىنجى ئاسمان
بولـمىسۇن دىل زىدە، كۆزلەردە نەم ...

2016 ـ يىل 5 ـ مارت

8 ـ مارت بارلىق قىز ـ ئاياللار بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن
ئەمەلىيەتتە ھەركۈن ئانىلىرىمىز،ھەدىلىرىمىز،سىڭىللىرىمىز،ئاتىلىرىمىز بايرىمى
ھەممىمىزنىڭ بەختىگە شۇلار ئامان -ئىسەن بولغاي.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-6 19:16:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنقەر يوللىغان ۋاقتى  2016-3-6 05:56 PM
ئالدى بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ،ياخشىمۇسىز تۇنۇ ...

ئانىلارغا ئاتالغان بۇ شېئىرىڭدىن سۆيۈندۈم قېرىدىشىم.

ۋاقتى: 2016-3-6 15:05:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىي تىل تازا راۋان چىقمىغان بولسىمۇ، ئ‍ېسىل قەلبىڭىزدىن سۆيندۇم، ئ‍انىڭىزغا ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆمۈر، ئ‍ىجادىيىتىڭىزگە ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 17:56:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت
ئالدى بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ،ياخشىمۇسىز تۇنۇشقۇنىمدىن خۇشالمەن .مەن ئۆزۈم ئوقۇغۇچى ئۆز نۆۋىتىدە بىر شېئىر ھەۋەسكارى.بولىدۇ رەھمەت ياقتۇرغىنىڭىزغا تېخىمۇ تىرىشىمەن ۋە ئىزدىنىمەن مەيلى بالىلار دۇنياسىنى يېزىش بولامدۇ،ۋە مەيلى چوڭ تىما-ماۋزۇلاردا بولامدۇ.خۇش بولدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 21:07:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاا.غېنى
مەنمۇ خۇش بولدۇم ياقتۇرغىنىڭغا تېخىمۇ ئىزدىنىمەن رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش