يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 174|ئىنكاس: 1

زوردۇن ئىمىر: سەھرا ئاسمىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەھرا ئاسمىنى

زوردۇن ئىمىر

شۇنچە سۈزۈك نۇرلۇق ئاسمان سەھرا ئاسمىنى،
بۇلغانمىغان يېشىل قازان سەھرا ئاسمىنى.

ساما سالار ئۇچار قۇشلار يايراپ بەزمىدە،
پەرۋازلارغا ياخشى ماكان سەھرا ئاسمىنى.

ئۈزۈپ يۈرەر ئاق بۇلۇتلار پەلەك قەھرىدە،
باغرى ئۆكيان كەڭرى جاھان سەھرا ئاسمىنى.

چوغلىنىدۇ ھەسەن- ھۈسەن ئېتەكلىرىدە،
گۆزەللىكنى قىلار بايان سەھرا ئاسمىنى.

تا مەشرىقتىن ئېچىپ قۇچاق توزنىڭ ۋەزنىدە،
تۇتاشقاندۇر مەغرىپ تامان سەھرا ئاسمىنى.

مىشچانلارغا تارتۇق قىلار تۇمانلىق ھاۋا،
ئىشچانلارغا قۇتتىن نىشان سەھرا ئاسمىنى.

شائىرلارغا پۈتمەس ئىلھام ھۇزۇرلۇق جام ئۇ،
يېزىلمىغان بىر كۈي- داستان سەھرا ئاسمىنى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-6 18:40:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇنكامنىڭ شېئىر قېلىپى ئۆزگەرسە بۇلاتتى،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش