گۈل تۇتارمەن قولۇڭغا
ئامىنە ئابدۇۋاھىت
‹‹قەشقېرىمنىڭ قىشى ئاز ،
تەڭدىن جىقى ئەتىياز ›› .
باھار باشلاپ كەلسەڭ گەر،
ئەقىدەمدۇر پايانداز .
ئەقىدەمدۇر پايانداز ،
پاسىبانىم يولۇڭغا .
ھۆرمېتىڭنى تاغ بىلىپ ،
گۈل تۈتارمەن قولۇڭغا .
گۈل تۈتارمەن قولۇڭغا .
چاچقۇ چېچىپ بېشىڭدىن .
شاھنىشاھدەك كۈتەرمەن ،
نېرى بولماي قېشىڭدىن .
2016- 3- 1- كۈنى ئاقتۇ
|