كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 6

ئابدۇللا ساۋۇت: ئۈچ تەخمىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئۈچ پارچە تەخمىسى

     
گۇمنام غەزەللىرىگە تەخمىسلەر

             ئىستەگىل

ئىستىسەڭ ئىشق ئەھلىنى خىلۋەت بىنادا ئىستىگىل،
ئاھىنى كۆك بويلىغان مۇڭلۇق سادادا ئىستىگىل،
جىسمىنى كۆيگەن داۋام يالقۇن-لاۋادا ئىستىگىل،
ئىستەسەڭ ئىشق ئەھلىنى دەردۇبەلادا ئىستەگىل،
زۇھد ئېلىن مەسجىددەۋۇ تەسبىھ رىيادا ئىستەگىل.

ئىشق دېگەن ئاشىق ئۈچۈن مېھرى دېڭىز-ئوكيان ئانا،
شۇ تۈپەيلى كۆز يېشى ئاققاي بولۇپ ھەمدۇسەنا،
ھالقىغاي ھەر لەھزىدە يوقلۇققا يوقلۇقتىن يانا،
تۈنۈكۈن ئاشىق خەيالىدۇر ئۆزىن قىلغاي فەنا،
چۈن ئېرۇر پەرۋانە ئول شەمئى بەقادا ئىستەگىل.

جەبرى كۆپ يولدۇر ئىشق بۇ يولدا ئاشىققا خاس مىزانىدۇر،
يارى-يار دەپ قانچە جان بۇ يولدا چاڭ-توزانىدۇر،
نەدە گۈلشەن، تاپقىنى بىبەھرى خەس خازانىدۇر،
ئىشق بىر ئوتدۇركى ئۆچمەس تۈنۈكۈن سوزانىدۇر،
ئۇچقۇنى تۈشمەس ساڭا ئەرزۇ سامادا ئىستەگىل.


ۋەسلى يار ئاسان ئەمەس، مەنزىل ئىمىشتۇر بەك ئۇزاق،
ھەرقەدەمدە كۈل قىلار تەختى-ۋۇجۇتنى ئوت-پىراق،
جاندا تۇرغان يارنى كۆرمەي نەگە چۈشكەن قاراق،
چىرماشىغلىقتۇر ساڭا سەندىن سەندىن ئەمەس ھەرگىز يىراق،
بەندى غەپلەت كۆزدىن ئال چەشمى زىيادا ئىستەگىل.

سەزمىگەي مەۋجۇتلۇقىنى بىر كۆرۈپ چېھرى ئالدىدا،
ئايرىلار ھۇش-ئەقلىدىن بىر لەھزىلىك سېھرى ئالدىدا،
كۆز ئاچار زىنھار ئۆزى ئاخىرقى رەت زىكرى ئالدىدا،
گەرم رەۋلەر زەررىلەردەك چەرخ ئۇرار مېھرى ئالدىدا،
كىم دېدى دىۋار ئارا زالى سەرادا ئىستەگىل.

خالىساڭ ئاڭلاشنى يارنىڭ ۋەسلىدىن بىر خۇش نىدا،
چىق ئۆزۈڭدىن، تاپ ئۆزڭنى، بارچىدىن بولغىل ئادا.
ئىشق دېگەن ئاشىقنى ھەرگىز باغرىدىن قىلماس جۇدا،
پادىشاھلىق ئىستەسەڭ يار ئالدىدا بولغىل گەدا،
گۈل ئىسى قەسدىڭ ئېرۇر بادى سەبادا ئىستەگىل.

تۇرسا كۈچسىز ئىدرىكى، ئاشىق نە قىلسۇن ئەقلىنى،
قىلمىغاي لازىم تەسەۋۋۇر ئۆزرە ئىسپات-نەقلىنى.
ئەي پىدايى، ئۆزلىتىڭ بىلدۈردى ئىشقنىڭ بەختىنى،
كۆم فەنا تۇفراغىغە  گۇمنام ئۆزلۈك نەقدىنى،
گۈلگۈل ئاچىلغۇم دېسەڭ ئەبرى ھەيادا ئىستەگىل.


                  بار

نە ھاجەت خۇلقى پەيكەر، كاشغەر ئىچىرە نىگارىم بار،
قىزىل ھەمدە تۈمەن كەۋسەر ھامان جۈپ ئىپتىخارىم بار،
ئەسىرلەر شاھىدى سەرۋەر ئەزىزانە باھارىم بار،
نە ھاجەت ھەججى ئەكبەر، كاشغەر ئىچرە مەزارىم بار،
زىيايى چەشمىمە خاكى رەھىدىن سۈرمەزارىم بار.

گۈزەللىك ۋەسپىگە يەتمەس تەسەۋۋۇر ياكى مىڭ تەخمىن،
يېنىپ تۇرغاچ داۋام ئېرپان بولۇپ نۇر مەشئىلى-شەمئىن،
يېشىلگەي شۇ تۈپەيلى دىل ئارا ئەسرار-ھايات مەئىنىن،
مۇژە جارۇپ ئېتىپ كۆز كاسەسىدىن سۇ ساچىپ سەھنىن،
بېھىشتى ئەدن ياڭلىغ قۇددۇس ئەتمەك ئەختىيارىم بار.

ئىدىم ئاشىق، كۆرۈپ تۇنجى يىگەن بىر مۇپتىلا قۇتىن،
ئۆمۈر ئۆتتى، تالاي كەلدىم كېزىپ دەشتۇدالا قۇتىن،
گويا مەشرەپ كەبى جانان ھىدىن تاپتىم داۋا قۇتىن،
ماڭا قىسمەت ئەزەلدىندۇر يېمەك دەردۇبەلا قۇتىن،
نە ئىشرەت گۈلشەن ئىچرە زۇلم ئېلىدىن غەمگۈزارىم بار.

تىلەيتتىم ھەر كوچا-ھەر كويدىن ماڭا تىلسىمنى پۈتكەي دەپ،
قاچان يار قايسى دوقمۇشتىن نىگاھ تاشلاپلا ئۆتكەي دەپ،
تۈنەپ ھېيتگاھتا زارلايتتىم ئۈنۈم جانانغا يەتكەي دەپ،
ئىتى ئىچكەن يالاقىدىن ماڭا ھەم تۆئىمە تەگكەي دەپ،
تىلەپ كەۋسەر شەرابى زۇھد ئېلى يەڭلىغ خۇمارىم بار.

تىكەنلەر نەپرىتى ھەتتا كۆرۈنگەن گۈلچىمەن يەڭلىغ،
شۇڭا يار ئىشىكىدە تۇردۇم سازايىم نەقشىبەند يەڭلىغ.
ئىدى دىۋانىدەك ئەپتىم، ئىدىم ئاشىق ئەرەن يەڭلىغ،
مېنى كۆرسە قاچادۇر شەيخۇلئىسلام ئەھرەمەن ياڭلىغ،
نېچۈن بوينۇمدا زۇلفى يار چىرماشقان تۇمارىم بار.

دىلىم داغدۇر، ئۇنىڭ رەڭگى ئاتالمىش ئىشقتىن مەرمەر،
گۈزەل باغدۇر كاۋابگاھىم ئەزىزلەر دەسسىگەن ھەر يەر.
ئەجەپ چاغدۇر، بولۇپ قالدى مۇھەببەت قىسمىتى جەۋھەر،
تەنىم تاغدۇر ھەرياندا يۈزمىڭ سايەئى ئەرئەر،
كۆزۈڭدىن ئاھۇيى غەم راھىتىگە سەرۇزارىم بار.

قاچان ئۆڭگەن ئىدىڭكىن يار يىراقتىن بىر قىيا باقىپ،
دەرىخا، پۈتتى ئۆمرۈم كۈندە بىر مەيخانە چاقىپ.
قەدەھكە مەي ئەمەس، چۈشتى قېىنىم مەي رەڭگىدە ساقىپ،
مەيى لەئىلىڭ خەيالى چەشمەسى كۆڭلۈم سارى ئاقىپ،
يۈدى پەرھىز تۇفراغىنى ھەر نېچە غۇبارىم بار.

جامالىڭ شۆھرىتى ئۆچمەس، پۈتۈلگەن ئىككى دەپتەردە،
ئىلاھىي سۆيگۈدىن ئاشىق مەقامى كۆكتە-ئەختەردە.
رىزامەن، كارۋىنىم كەتكەي، نىگاھىڭ چۈشسى مەنزەردە،
ئەجەل بادى يىقىتتى سەرۋىڭ ئۈنسە مەھشەردە،
تۇرارمەن سايەدەك ئارقاڭدا دەپ كۆپ چەشمەزارىم بار.

ئەزىزلەر روھىغا تەگسۇن، قويۇپ باش ياد ئېتەي يىغلاپ،
نىگارىم دەمدۇ ئاشىقنىڭ ئاداققى زارىنى ئاڭلاپ؛
پىدايى بار ئىكەن ئىتتەك يۈرۈپتۇ كۆكسىنى داغلاپ،
مېنى گۇمنام بوينىنى ئىتىڭ زەنجىرىدە باغلاپ،
ئېرۇر دەۋلەت ئاياغ ئاستىدا سۈدرەتسەڭ نە ئارىم بار.


         كاشغەر

ئەھلى دىل قۇتبى پاناھىدۇر دىيارى كاشغەر،
مۇترىبان نۇتقى سىگاھىدۇر دىيارى كاشغەر،
مەئىرىپەت ۋەسپى سىپاھىدۇر دىيارى كاشغەر،
مەرزەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارىدۇر كاشغەر،
ئىشق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر دىيارى كاشغەر.

كىمكى بۇ شەھىرى ئەزىمنىڭ شەربىتىدىن نوش ئېتەر،
كەيپىدىن شېرىن ھاياجان ئۆرلىگەي-بىھۇش ئېتەر،
يەكلىمەس ھېچكىمنى ھەممە ئۆز دىلىنى خۇش ئېتەر،
ئىشقۇئۈلفەت چەشمەسىدىن دەردۇمېھنەت جۇش ئېتەر،
تۇفراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشغەر.

ھەر گۈزەل ئۆز خۇلقىدا لەۋزى سۇخەندان ئەيلەگەي،
ھۆسنىنى گۈللەر مىسال ئەلگە نامايابن ئەيلەگەي،
ئوت يېقىپ دىللارغا سۆيگۈ ۋەسپىگە نىشان ئېتەر،
دىلرەبالار باغرىنى لەئىلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈلئۇزارى كاشغەر.

ئاقىدۇ شەربەت قىزىلدىن تەشنا لەبكە ئەدل ئېرۇر،
ئۆركىشى زەمزەم تۈمەندە، ئىچمىگەنلەر ئەلل ئېرۇر،
قىرغىقى گۈللەر يېپىنغان بەرگىدە كۆپ نەھل ئېرۇر،
ئابى رۇكنابات گۈلگەشتى مۇسەللا سەھل ئېرۇر،
خۇلددىن ئەفزۇن تۈمەنمىڭ لالىزارى كاشغەر.

روزىغارى ئۆكسىمەس ھەر ئۆيدە مىڭ بەرىكەت ئىسى،
كوچا-كويلاردىن كېلۇر سەيياھ ئۈچۈن ھىممەت ئىسى،
بۇردا نانىدىن تارالغاي خان ئېشى-لەززەت ئىسى،
ئەيش ئېلىگە خارىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئىسى،
چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارۇزارى كاشغەر.

ياشنىتار دىللارنى تىنماي ياڭرىغان ناخشا-كۈيى،
ناغرىلار بەرگەي نىشان، بىل، قىز تويى، ئەلنىڭ تويى،
كۆككە يەتكەي ھەر بىنانىڭ ھەيۋىتى، قامەت-بويى،
ئۇدۇ ئەنبەر تۇفراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇررى مارجان تاشلارىدۇر كوھىسارى كاشغەر.

قىلسا كىم تەشرىپ قەدەم لال ئەقلى ھەيھات ئەيلىمەس؟
كۆرسە ھېيتگاھنى مۇھەببەت ئىلكىدە دات ئەيلىمەس؟
ئەسلى بۇ ئاستانە-باغ ھېچكىمنى ناشات ئەيلىمەس،
يا پەرى، يا ھۆر يا باغى ئېرەم ياد ئەيلەمەس،
شەھىرىنى ئۇنتار بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشغەر.


بۇ شەھەر ئەھلى ھۈنەر، سودا، ئىلىم-ئېرپانغا بەند،
مەئىشەت-مەمۇرلىقىدىن ھەممە ئوخشاش بەھرىمەند،
ئېتىبار، خۇي-پەيلى ھەم مېھمانغىمۇ كەلگەي پىسەند،
ھۇشمەندۇ دەردمەندۇ مەردۇ زەندۇ لەب چۇ قەند،
نازى خەندان، ىسىيبى رەئىنا ھەرنە بارى كاشغەر.

ھەر كوچا، رەستە گۈزەللىك ئۆلگىسى-گۈل باغىدۇر،
خاھىشى دىللار ئۈچۈن سەيلى-ساياھەت چاغىدۇر،
ئۇنتۇسا كىندىك قېنىنى بۇ پىدايى داغىدۇر،
كاشغەر شەھىرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،
دىلكۇشا ئىشرەت فەزا ھەر سەبرىزارى كاشغەر.


( مەنبە:«كاشغەر مەدەنىيىتى» 2015-يىللىق 4-سان )









باھا سۆز

رەھمەت...  ۋاقتى: 2016-3-5 01:21 PM
مۇنبەردىكى قېلىپلاشقان ھالىتىگە توغرىلاپ قويدۇم.  ۋاقتى: 2016-3-5 12:10 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 16:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋەرۈك قەلەملەر ھامان چاقماقتەك ئ‍ىلھاملار بىلەن نۇرلىنىپ تۇرغاي،ئۇستازنىڭ تېنىگە ساغلاملىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-6 01:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇندىنلا كىلاسسىك شېئىرلارغا قىزىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇقۇپ ھۇزۇرلاندىم .  داداممۇ كۆرۈپ سۈيۈندى.  ئۇستازنىڭ  تىنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز .
بۇ تېمىنى يوللىغان ئابلاجان ئاكامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

باھا سۆز

تەشەككۈر، ئىنىم، ھەقىقىي شېئىر مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ قارايمەن!  ۋاقتى: 2016-3-6 06:26 AM
ۋاقتى: 2016-3-7 13:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئابلاجاننىڭ بۇ تېمىنى تورغا يوللىنىغىنىغا رەھمەت! مەن  شائىر ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. شۇنىڭغا ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى سېتىۋېلىپ، شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ۋە شېئىر يېزىش ماھارىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. شائىرنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى بەكمۇ قايىل قىلىدۇ.   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش