«شىنجاڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجدىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى رىئاللىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىياتنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئىچىدە يىلتىز تارتىپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجدات قىلىش ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىقى تۇرغۇسىدا تۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى جەريانىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىدىيەۋىلىكى بىلەن بەدىئىلىكى بىرلەشكەن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا موللاشتۇرۇش ۋە قانائەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ كۆنكىرىت چارىسى تۆۋەندىكىچە:
1.پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى
ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ باش تېمىسى ــ نۆۋەتتىكى رىئاللىق چىقىش قىلىنغان، رىئال تېمىدىكى ئەسەرلەر ئاساسىدىكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجدىمائى، ئېقتىسادى تەرەقىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۆزگۈرۈش ۋە نەتىجىلەر ئەكس ئەتۈرلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىۋاتقانلىقىدەك تارىخى تەرەققىيات جەريانى ئىپادىلەنگەن، ھەر مىللەت خەلقىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان مەنىۋى قىياپىتى نۇقتىلىق يېزىلغان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۈلگىلىك شەخسىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ئاساسلىق تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك يادىرولۇق قىممەت قارشى، شىنجاڭ روھى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى پائالىيىتى مەدىھىيەلەنگەن، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق - تەربىيەسى، «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ شىنجاڭ قىسىمى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنىپ يېزىلغان ئەسەرلەر، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە چوڭ تىپتىكى تارىخى، ئىنقىلاۋى، مىللى تېمىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان ئەسەرلەردىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى
قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئادەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي خاتىرە، بالىلار ئەدەبىياتى، كېنو-تېلۋىزىيە سىنارىيەسى، دىرامما، ئېتوت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ
(1) 2015--يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا يېڭىدىن يېزىپ تاماملانغان ۋە نەشرياتلاردىن نەشر ھەم ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر يەككە ئەسەر ياكى كىتاپ ھالىتىدە ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە بىر ئاپتور پەقەت بىرلا پارچە ئەسىرىنى قاتناشتۇرىدۇ. يېڭىدىن يېزىلغان ئەسەرنىڭ پرىنتېر نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچە، نەشر ۋە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاپ ھەم ژۇرنال نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچىدىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
(2) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر ــ ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.
(3) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ مۇددىتى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
4.خىزمەت تەقسىماتى
(1) ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەسەر قوبۇل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
(2)جايلاردىكى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاساسى قاتلاملارغىچە ھەركەتلەندۈرۈپ، ئىجدىمائى كۈچلەرنى پائال قوزغۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت مىقياسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاكتىپ ھالدا ئەسەر قوبۇل قىلىش، كەڭ ئاپتورلارغا ئىلھام بېرىپ بىر تۈركۈم باش تېمىسى روشەن، ئىدىيەۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىرلىككە كەلگەن ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
5.پائالىيەتنىڭ تەشكىلى ئاپاراتى
(1)باشقۇرغۇچى ئورۇن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
(2)ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى
مۇدىر:
لى شۈجۈن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى)
مۇئاۋىن مۇدىرلىرى:
خۇاڭ يوڭجۈن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ مۇاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى)
ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
ئەزالىرى:
غەيرەت ئاسىم (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)
دوڭ لىبو (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى)
نيۇ يۈەنفېڭ (ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى)
ئالىمجان ھاپىز (ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى)
ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
6.ئەسەر قوبۇل قىلىش شەكلى
(1) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى:
1135971793@qq.com
ئالاقىلاشقۇچى: مېھراي تېلىفون : 0991-4510785
(2) خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى:
2596176980@qq.com
ئالاقىلاشقۇچى: جاڭ روڭ تېلىفون : 0991-4506751
(3) باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئېلخەت ئادرىسى:
1559338487@qq.com
ئالاقىلاشقۇچى: قاناتگۈل تېلىفون : 0991-4511231
(4) يېڭىدىن يېزىلغان ئەسەرنىڭ پرىنتېر نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچە، نەشرياتلاردىن نەشر ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاپ ھەم ژۇرنال نۇسخىسىدىن ئۈچ پارچىدىن ئەسەرنى ئەۋەتىش ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى. پوچتا نومۇرى: 830000
(5) ئەسەرگە چوققۇم ھەققى ئىسىم-فامىلىسى يېزىلغان بولۇشى، قىسقىچە تەرجىمھالى بىلەن ئالاقىلىشىش ئادرىسى، ئېلخەت، تېلىفون نومۇرى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك.
(6) كەلگەن ئەسەرلەر بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ، ئاپتورلارنىڭ ئۆزىدە ئارگىنال ساقلىۋېلىشىنى سورايمىز.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى