كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 11

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن :ئايال بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايال بولسا

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

بۇ ھاياتلىق گۈلگە ئوخشار ئايال بولسا،
دەشتى-چۆلمۇ باغقا ئوخشار ئايال بولسا،
تۇغما مېيىپ،ياكى مەجرۇھ ئەركەكلەرمۇ،
ھەقىقى بىر  ئەرگە ئوخشار ئايال بولسا.

ئاياللاردىن  خۇشلۇق تاپار قېرى ھەم ياش،
ئايال بىلەن بۇ ھاياتلىق بولۇر  ھەم شاش،
ئايال بولسا ھەم بولۇرسەن بىر ئۆيگە باش،
ئەركەكلىكىڭ ئەرگە  ئوخشار ئايال بولسا.

كەپە ئۆيلەر  سارايلاردەك  تۈسكە  كېرەر،
نامرات دېمەي ئۆيگە ھەردەم مېھمان كېرەر،
ئاز مېلىڭغا  تەڭرى  يەنە بەركەت  بېرەر،
ئۆيلىرىڭمۇ  ئۆيگە  ئوخشار  ئايال بولسا.

سەپەر قىلىپ دەشتى-چۆل ھەم داۋان ئاشساڭ،
خوتۇن  بىلەن بىللە قوپۇپ  بىللە  ياتساڭ،
ھېچ بىلىنمەس مۇساپىر بوپ غەمگە  پاتساڭ،
ئۆڭكۈرلەرمۇ  ئۆيگە  ئوخشار  ئايال  بولسا.

بىر كۈنلەردە باشقا  يۇرتقا  كېتىپ قالساڭ،
دەرت ئەلەمدە غەم- قايغۇغا پېتىپ قالساڭ،
قەرزدار بوپ ئۆي-بېساتىڭ سېتىپ قالساڭ،
قايتا باشلا، ئىشىڭ  ئوخشار  ئايال بولسا.

كۈنلەر ئۆتۈپ  ياشلىقىڭمۇ قولدىن كەتسە،
قېرىلىقىڭ  سېنى  ھەردەم  بوزەك  ئەتسە،
بىچارىلىق  ھەم  ئاجىزلىق  ساڭا  يەتسە،
  قېرىلىقىڭ  ئەرگە  ئوخشار، ئايال بولسا.

كېسەل بولۇپ  ياتساڭ ئەگەر  ئورۇن  تۇتۇپ ،
تەسەللىي ھەم ھەمرا بولۇر كۆڭلۈڭ  ئۇتۇپ،
ئۆلۈپ كەتسەڭ يىغلار ھەردەم ماتەم تۇتۇپ،
ئۆلۈمىڭدە ‹ھازاڭ› ئوخشار  ئايال  بولسا.

ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

باھا سۆز

10 نۇمۇر  ۋاقتى: 2016-3-6 01:09 AM
قالتىس  ۋاقتى: 2016-3-6 01:08 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 16:14:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر بىلەن بىر يۇرتتىن ئىكەنمەن....خۇش بولدۇم.

ۋاقتى: 2016-3-4 17:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھاياتلىق گۈلگە ئوخشار ئايال بولسا،
دەشتى-چۆلمۇ باغقا ئوخشار ئايال بولسا،
تۇغما مىيىپ،ياكى مەجرۇھ ئەركەكلەرمۇ،
ھەقىقى بىر  ئەرگە ئوخشار ئايال بولسا.


مۇبارەك بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 13:08:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kulke يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 04:14 PM
ئاپتۇر بىلەن بىر يۇرتتىن ئىكەنمەن....خۇش بولدۇم.


رەھمەت يۇرتدىشىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 13:09:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
艾力 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 05:09 PM
بۇ ھاياتلىق گۈلگە ئوخشار ئايال بولسا،
دەشتى-چۆلمۇ باغ ...

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،

ۋاقتى: 2016-3-7 11:24:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىە دىگەن ئېسىل چىققان شېئىر بۇ،مەمنۇن بولدۇم،ھارمىغايسىز!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 18:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھنازە يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 11:24 AM
نىمىە دىگەن ئېسىل چىققان شېئىر بۇ،مەمنۇن بولدۇم،ھارمى ...

رەھمەت سىزگە بۇ شېئىرىم ئارقىلىق بارلىق خانىم  قىزلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،
تېنىڭلار سالامەت ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي

ۋاقتى: 2016-3-8 15:17:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەيدىكەنمىز ئەرلەر

ۋاقتى: 2016-3-8 15:20:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 03:17 PM
دەيدىكەنمىز ئەرلەر

ماۋۇ يانفون نۇسخىغا كۆنەلمىدىم،تېخى بىر ئىنكاس يېزىپ بولغىچەيوللىنىپ كىتىۋاتىدۇ،بۇرۇنقى يانفون تېرمىنالى نىمەڭلارغا پۇتلاشقان بولغىيتتى.ئېچىلمايدىغان بولۇپ مۇنبەرنى يانفوندا زىيارەت قىلىپ مەشغۇلات قىلىش تەس بوپكىتىپتۇ ئەپسۇس!

ۋاقتى: 2016-3-8 15:48:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 03:17 PM
دەيدىكەنمىز ئەرلەر

دەيدىكەنمىز ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرىكى دەپ،
مەن دەيمەنكى،ئايال ئۆينىڭ يۈرىكى دەپ.
يۈرەك بولماي تۈۋرۈكنىڭ نە كېرىكى دەپ،
مەزمۇت تۇرار تۈۋرۈكلەرمۇ،ئايال بولسا...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش