قىشتىن كېيىن
نۇرشات ئەنۋەر
پىس... پىس...
شۇنچە قىزغىن ئېرىمەكتە قار.
ئاۋازىغا يېشىللىق تولۇپ،
ۋىچىرلايدۇ شاخلاردا باھار.
ئاسارىتى بىردىن ئۇنتۇلۇپ،
شۇنچە قىزغىن ئېرىمەكتە قار.
تەبىئەتنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا،
چېھرىمىزدىن باشلاندى ئەگىز.
ھېس قىلدىڭمۇ،چار ساقال بوۋا،
كەتمىنىڭنى چاقىردى ئېتىز.
ھەر قەلبتە تۈمەن كۈي–ناۋا،
چېھرىمىزدىن باشلاندى ئەگىز.
كۆزلىرىدە ئىسسق ھاياجان،
كۆكتە سۈزۈك پارلايدۇ قۇياش.
ھېسلىرىنى ئاپتاپقا چىلاپ،
گۈل بىلەن تەڭ چېچەكلەيدۇ تاش.
پەرۋازىغا مەغرۇرلۇق تاراپ،
كۆكتە سۈزۈك پارلايدۇ قۇياش.
تاڭ سەھەرنىڭ نەمخۇش تىنىقى،
كېچىمىزدىن ئايدىڭ تارايدۇ.
ھەر قەترىدە كۆكلەم جىلۋىسى،
قار ئورنىغا يامغۇر پۇرايدۇ.
زىمىستاننىڭ شۈكلەپ ھەيۋىسى،
كېچىمىزدىن ئايدىڭ تارايدۇ.
2016-يىل،3–مارت،ئۈرۈمچى.