كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 4

زوردۇن ئىمىر: ئىككى غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى غەزەل

زوردۇن ئىمىر

مىللەت ساپالىق بولمىسا

گۈللىمەيدۇ ئەل-ۋەتەن مىللەت ساپالىق بولمىسا،
يايرىمايدۇ جانۇ-تەن مۇھىت ھاۋالىق بولمىسا.

كۆيگۈگە-سۆيگۈ كېرەك، پاك سۆيگۈدە ياشنار تىلەك،
نە ئۇچقۇنى كۆيگۈنىڭ ئىشقى لاۋالىق بولمىسا.

بار ئۈلۈمنىڭ يېغىسى،توينىڭ خۇشاللىق كۈلكىسى،
توي بۇلامدۇ ھۇزۇرى نەغمە-ناۋالىق بولمىسا.

ياشنىتىدۇ چىن مەھەببەت سۆيگۈ-ۋاپا قەدرىنى،
نىمە پەرقى مۇردىدىن مېھرى شىپالىق بولمىسا.

ياشنايدۇ ئەل-يۇرت ئۇز-گۈزەل پەزىلەت-خىسلەت بىلەن،
نە ئىرور زەر خىسلىتى قىممەتباھالىق بولمىسا؟!...

نۇمۇس قىل

ئەل-ئاۋامنىڭ رىزقىغا قول سالغانلار نۇمۇس قىل،
قۇم ئۈستىگە ئىمارەت«ئۇل»سالغانلار نۇمۇس قىل.

مەستلەپ ئەيشى-ئىشرەتتە كۆرمىدى دەپ خىلۋەتتە،
يانچۇقىغا ھارامدىن پۇل سالغانلار نۇمۇس قىل.

يۇۋاشلاردىن نەپ ئېلىپ،چونتىكىگە موك سېلىىپ
سالغاندىمۇ ئەيمەنمەي مول سالغانلار نۇمۇس قىل.

چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ،تۈز نىشاننى قايدۇرۇپ،
مەڭدەپ تۇيۇق مەنزىلگە رول سالغانلار نۇمۇس قىل.

يېغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەي چىقىپ -چۈشۈشنى،
«جەھەننەم»گە ئۇدۇللاپ يول سالغانلار نۇمۇس قىل.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 16:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاكا.

ۋاقتى: 2016-3-5 17:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشنىتىدۇ چىن مەھەببەت سۆيگۈ-ۋاپا قەدرىنى،   
بۇ كۇبىلىتتىكى مەھەببەت سۆزى خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق مۇھاببەت بولسا توغرا بولا،

ۋاقتى: 2016-3-5 17:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشنىتىدۇ چىن مەھەببەت سۆيگۈ-ۋاپا قەدرىنى،   
بۇ كۇبىلىتتىكى مەھەببەت سۆزى خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق مۇھاببەت بولسا توغرا بولا،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 21:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىبىڭىز توغرا ئۇپقۇن ئىنىم.ئەسلى«مۇھەببەت»ئىدى،مۇنبەرگە يوللۇنۇشتا دىققەتسىزلىكىمدىن«مەھەببەت» دەپ كىتىپ قاپتۇ،مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمېد قىلىمەن،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش