ئايارەي...
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
ئۆتتى جۇل- جۇل ئاشىق كېچىلەر ،
سۇلدى گۈللەر كۈلۈپ ئايارەي.
لەۋلىرىڭدە ئاينىڭ جىلۋىسى،
تاشتى دەريا ئۆكسۈپ ئايارەي...
ئاقتى سۆزنىڭ قەدىم كەچمىشى،
يۈرەكلەرنى بويلاپ ئۆلۈمگە.
رۇجەكلەردىن باقتى ئايارەي،
ياياق چۆللەر چۆكۈپ كۈيۈمگە.
كونا كۆزدە پىلدىرلار ھەسرەت،
ئەسلىمىلەر گويا قەلەندەر.
تامار ئاسمان سۈزۈك ئايارەي،
سۆيگۈ دېگەن بەخىتلىك سەپەر.
2016- 3-3