بۇيەردە
( نەسىر)
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
بۇيەردە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا بار. تەرەپ- تەرەپتىن قوشۇلغان ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان. سۈزۈك ۋە قارام تاشقىنلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىرغاقلاردىكى چۈشكۈن، چىركىنلىكلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزمەي ھالەك قىلماقتا.
بۇيەردە ھاياتنى قىزغىن ۋە چوڭقۇر سۆيۈش بار، ھاياتقا قانمىغان كۆزلەرنىڭ ئىچى رېئال ئەسلىمىلەر بىلەن ئۆزىنى لېۋەن قەدەھلەرگە لىق تولدۇرۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ ياشاش خۇمارىنى ئەجداتتىن ئەۋلادقا داملىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان.
بۇيەردە بەرداشلىق بەرگۈسىز تەنھالىق بار، قەلبىڭنى قاتمۇقات قورشاپ تۇرغان ۋەزنى گويا قورام تاشتەك. مادارى قالمىغان ياداڭغۇ تۇرقى گويا سۈربىتى كۆككە تاقاشقان بەھەيۋەت قىيادەك. غەيرىتى زىنھار- زىنھار سۇنماس.
بۇيەردە يېرتىلغان كىملىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى يارىتىۋاتقان يۈرەك بار. بېسىۋاتقان يوللارنىڭ پايانى ئاخىرقى مەنزىلگە قەدەر چىغىر ۋە مۇشەققەتكە تولغان. ئۆزۈڭنى ئىزدەش جەريانىدىكى توسالغۇلارنى زېھنى بىلەن يېڭىپ، ھەرتەرەپتىن چىقىش ئىشىكلىرىنى داغدام ئېچىۋاتقان.
بۇيەردە دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان جەسۇر ئەزىمەتلەر بار. قەلبىنى ئېتىقاد سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ، جان پىدالىقىنى ئەتىكىلەرنىڭ سائادىتى ئۈچۈن پىدا ئەيلىگەن. تارىخ رۇجەكلىرىدە ئۇلارنىڭ نۇرانە سىماسى ھەرنەپەس ئۈچۈن ئۆرنەك.
بۇيەردە نەۋباھاردەك بىغۇبار سەمىمىيەت بىلەن سوقۇۋاتقان يۈرەك بار. ئەلنىڭ بەختىنى مېنىڭ كۆز قارىچۇقۇم دەپ، بىر دەقىقىمۇ دۆپۈلدەپ سوقۇشتىن توختاپ قالمايدۇ. بۈگۈن- بەيگە مەيدانى! ئەتە- غەلبە تەنتەنىسىنى ئىسسق قۇچاقلىرىدا ئېچىلغان گۈلدەستىلىرى بىلەن كۈتۈۋالغان. سەمىمىيىتىدىن جاھاننى كۆكلەمگە ئايلاندۇرماقتا.
بۇيەردە يېزىلىۋاتقان خاتىرىلەر بار. رېئاللىق گۈزەل ۋە قىسمەتلىك جەريانلارنىڭ قەلەمدە سىزىلىۋاتقان رەڭگارەك كارتىنىلىرى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنگە شاھىد.
بۇيەردە يەنە....
2016-2-20
|