كۆرۈش: 388|ئىنكاس: 3

مېھرىئاي ئىمام: شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شېئىرلار

مېھرىئاي ئىمام


چېچەك ئاچتى شېئىردىكى ھاياجان

چېچەك ئاچتى شېئىردىكى ھاياجان،
باھاردىكى رەڭ تۈزىگەن چوغلاردا.
دولقۇنلىغان يۈرەكتىكى تىۋىشلار،
جەۋلان قىلار سۈكۈتتىكى تۇغلاردا.

ھاياتلىقنىڭ نالىسىنى شىرىلدار،
لەرزان لەرزان نادامەتلەر مىڭ مەھەل.
ئوتقا چۈشەر نازۇك قىللار تولغىشىپ،
ياشاپ چىقار ئۆلۈملەرنى بىئەجەل.

لەھزىدىكى قىزغىنلىقنىڭ شېخىدىن،
كۆكلەپ چىقار ھەردەرقەمدە مىڭ  ياپراق .
ئۇلغىيىدۇ ئۇپۇق سۆيگەن ئارمانلار ،
تاشلانغاندا ئوت تېنىدىن بىر قاسراق.

يۇلتۇزلارنى ساناپ چىقار لەززەتلىك،
ئەينىكىدە نە قىسمەتكە ياسانغان.
شېئىر يازسام تۈننىڭ دېڭى ئۇرۇلدى،
ئايازلارغا ئالدانغىنىم ئالدانغان.

ئىچىمدىكى لىقمۇ لىققا  ياندىشار،
گاھ سوقىچاق، گاھ يۇمىلاق شەكىللەر.
سانجاق-سانجاق ھەسرىتىمنىڭ خەلقىدىن،
چىقىپ كېلەر مونچاق-مونچاق ۋەكىللەر.

قەرەلسىز رەنجىلەر لەززەتلىك ھايات

يۈكسەلگەن ھاياتنىڭ پايانلىرىدىن،
قاراڭغۇ تۈنلەرنىڭ بايانلىرىدىن،
سەبرىنىڭ سۈكۈتسىز يان يانلىرىدىن،
ئۈنچىلەر تىزىلىپ ماڭار شادىمان.

ئاق يېغىن يايرىغان قات قاتلىرىمدا،
تېپىرلار ئىسيانكار تۇيغۇ تىپتىنچ.
ئايىغى چىقمىغان تەخىرسىز خىيال،
شېئىردا ئۇزىرار ھەردەم مىڭ غېرىچ.

گاھىدا دال بولار يېرىملىغان جان،
ئەزەلدىن لىقمۇ لىق ئۆلۈملەر بىراق.
ئىچىدىن ئۆكسۈيدۇ قېنىشمىغان تەم،
تېشىدىن قايتىشقان كۈنلەردىن يىراق.

قەرەلسىز رەنجىلەر لەززەتلىك ھايات،
ياشايدۇ ئەڭ ئاۋۋال ئىسكەنجىسىنى.
روھلاردەك بىر يەرگە چوقچايتىپ قويار،
بەرىكەت قۇچۇشقان ھىجران تېشىنى.


ئۆي تازىلاش

ئەينەكتىكى رامكا ئىچىدە ،
ئۇچۇپ يۈرەر بىر خىلدىكى تىل.
تولغىنىدۇ نۇرلار بەرگىدە،
بۇژغۇنلىغان ئىمكاندىكى قىل.

غۇلاچ تاشلاپ ئۈزەر خىرامان،
يەڭگىلگىنە شامال قولۋىقى.
لىغىرلايدۇ لەرزان بىلەكتە،
تۇيغۇلارنىڭ دولقۇنلۇق تېنى.

سالقىن چۈشكەن قۇياشقا قەدەر،
داۋاملىشار تىنچسىز ھايات.
سەندىن ئۆزگە نېمەم بار ئىدى،
ساھىلدىكى خىرۇستال مامات.

ئەڭ تىنىق غۇبارسىز غەمسىز مۇھەببەت

ئەڭ گۆدەك چېغىمغا قانماس  شادىمان،
ئەتراپقا لىق تولغان شوركا ھېسلىرىم،
سۈپسۈزۈك تۇغۇلغان رەڭگارەڭ غېمىم،
ھەممىدە تىنىمسىز، سۈكۈتسىز ئىدى.
بىلمەيتتىم گۈللەرنىڭ غۇنچىلىشىنى،
بىلمەيتتىم ئەينەكتە كۆرۈنگەن دەمنى،
بىلمەيتتىم كۈنلەرنىڭ ھەقىقىتىنى،
بىلمەيتتىم ئەگىزدەك قىسقا ئايازنى.
كائىنات ئاپتاپتەك كۈلگۈنچەك ئىدى،
كۆكلىتىپ ئوينايتتى كەپسىز چۈشۈمنى.
يامغۇرنىڭ تامچىسى بىر تام خوشنامدەك،
گاھىدا يىغلىتىپ قاچاتتى مېنى.
شاماللار يەلپۈنگەن يازنىڭ ئاخشىمى،
مۆكۈشمەك ئوينايتتىم يۇلتۇزلار بىلەن.
ئىيۇلنىڭ ئەڭ ئاپئاق  سەھىرى ئاپام،
تالاغا چىقارماي قىينايتتى بەزەن.
ئاھ ،مېنىڭ ئەڭ گۆدەك، بەڭباش چاغلىرىم،
قوزىنىڭ كۆزىدەك تەبىئەت ئىدى.
قىيغىتقان تۇيغۇمنىڭ چىڭقى قىيامى،
تۈمەن خىل قىلىقنىڭ ئەركىسى ئىدى.
چېچىمنى سىلىغان  شېئىردىكى چاغ،
دادامنىڭ  ئالقىنى يايلىقىم ئىدى.
ئەڭ تىنىق غۇبارسىز غەمسىز مۇھەببەت،
ئەڭ كەپسىز،سەبرىسىز،چېپىلغاق ئىدى.

دېدىم

بۇنىڭدىن ئۆزگىنى يازالمىدىم مەن،
سېغىنىش،سېغىنىش يەنە سېغىنىش،
پەلەكنىڭ ئاسمىنى ئۈستۈمدە بولغاچ،
تەككەننى خۇدانىڭ بەرگىنى دېدىم.
ئىچىمدىن چىقمىدى ئىچىمدىكىسى،
تېشىمدىن جاراڭلىق چىقتى كۈندە ھېيت ،
ھىجرانغا  لىقمۇ لىق ھاياجىنىمنى،
ئەڭ قىزغىن  ياشاشنىڭ لەززىتى دېدىم.
ھەسرەتلىك ناخشامنى قەدەمدە توۋلاپ،
جېنىمنىڭ  قىسمىتى ساماغا چۈشتى،
يىغلىسام كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقمىدى،
يۈرەكنى تارلارنىڭ مەرغۇلى دېدىم.
كۈلگەندە بۇلاقنىڭ كۆزى ئېچىلدى،
كۆكسۈمنىڭ بىر يېنى يېرىلدى شۇئان.
نوقۇتتەك جېنىمنىڭ يورۇق قىسمىتىن،
قۇپقۇرۇق ھاياتنىڭ بېقىشى  دېدىم.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 00:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرلار ئىچىدە «دېدىم» نامىلىق شىئېر ماڭا بەكرەك ياقتى.

ۋاقتى: 2016-3-7 10:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ ‹ئۇيغۇر تىلى گىرامماتېكىسىنى ياخشىراق ئۆگىنىش› ھەققىدە تەكلىپ بەرمەكچىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-7 23:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم بەك ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىز ھارمىسۇن جانىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش