كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 17

ئۈمىدجان قادىرى: رۇجەك چەككەن ئىلھاملار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رۇجەك چەككەن ئىلھاملار


ئۈمىدجان قادىرى


ئەسلەپ قاپتىمەن


نەۋ باھار،باغلار ئارا كۈلكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن،
قوزغىتىپ قەلبىم يارا،تۈلكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

قاپلىشىپ قالدى نەپەس،يىغلامسىراپ دىل«ئاھ!»لىبان،
ئايرىلىش ۋەجىگە سۆز تۈرتكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

كەچمىشىم ئىكرانىدا يازغان تالايلاپ خەتلىرىڭ،
ئۆرۈلۈپ كەتتى دېگەن ئۆپكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

شۈنچىلىك يارقىن يەنە قەلبىمدە نۇرلۇق سۈرىتىڭ،
جىلۋىسى كۆز چاقنىتار سۆكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

زاھىرى سەزدى قۇلاق بۇلبۇل ئۈنۈڭنى قايتىدىن،
گاھى سۆزلەرگە قوشار سىركەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

ئەسلىشىم ئەتتىم داۋام جىملەپ بالامنى پەپىلەپ،
بەرگىنىڭ يىپقا تىزىپ ئۈچكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

كۆنمىكىڭ كەلگەن ئېغىر ئۈشبۇ ئۈمىدجان يۇرتىغا،
سەن تۇرار ئاۋات شەھەر ئۆلكەڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

ئۆمۈر گۈللەيلى جۈپلۈكتە

ساناقسىز ئىزلىرىم يولدا،نىگارىم پاتتا بارغايمەن،
ئېزىقماي ئۆتسە ئالۋۇندىن ئامانىم ئاتتا بارغايمەن.

زىلالدۇر ئۇخچىغان ھېسلار،خىيالىم ئالىمى گۈلگۈن،
قېتىپ ناخشامغا ۋەسلىڭنى ناۋالىق شادتا بارغايمەن.

مۇساپە مەنزىلىم مۈشكۈل،ئىشەنچىم مەشئىلى ئۆچمەس،
سۈكۈتكە بەرمەيىن ئىمكان،بۈيۈك مۇرادتا بارغايمەن.

مۇھەببەت قۇدرىتى ئەۋجى ئۇلاپ يوللارنى مەلەڭگە،
ھېرىققان دەمگە نە پۇرسەت ئارام راباتتا،بارغايمەن.

قۇچۇپ سەھرانى سەيلانە باھار  ئەييامى نورۇزدا،
ئۆمۈر گۈللەشكە جۈپلۈكتە،ئېتىپ غەم ماتتا بارغايمەن.

سابا ئۇچقۇر ئېلىپ كەتكەن تىنىقلار يەتتى ھۇجراڭغا،
دېرەكنى شۈنچە پىنھان تۇت،ۋاپا يوق ياتتا؛بارغايمەن.

كۆڭۈل رەللەڭنى چۆرۈپلا،قەدىم دوقمۇشقا ئۈن كەچتە،
ئۈمىدجان بەختى بەرھەمگە ھامان نىجادتا بارغايمەن.

2016.يىل 3.مارت پىيالما.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 00:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچۇپ سەھرانى سەيلانە باھار  ئەييامى نورۇزدا،
ئۆمۈر گۈللەشكە جۈپلۈكتە،ئېتىپ غەم ماتتا بارغايمەن.

سابا ئۇچقۇر ئېلىپ كەتكەن تىنىقلار يەتتى ھۇجراڭغا،
دېرەكنى شۈنچە پىنھان تۇت،ۋاپا يوق ياتتا؛بارغايمەن.

         قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-4 11:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  ئۈمىدجان.

ۋاقتى: 2016-3-4 16:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل غەزەللىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم ،ئىلھاملىرىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي

ۋاقتى: 2016-3-4 18:54:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىيە ئ‍ېھتىياجى بىلەن بەزى سۆزلەر جايىغا چۈشمەپتۇ ،مەسىلەن تىزىقنى ئ‍ۈچكىدە ئ‍ەمەس مېغىزدا قىلىدۇ،يەنە تۈرتكەڭ دىگەن قانداق سۆز....

ۋاقتى: 2016-3-4 19:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۈمىدجان ئاكا لىرىكىلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم.

ۋاقتى: 2016-3-4 21:19:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىشلىق غەزەللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2016-3-4 21:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىشلىق غەزەللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2016-3-5 10:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى غەزەللىرىڭىزدىن داۋاملىق بەھىرلەندۈرۈپ تۇرۇشىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.

ۋاقتى: 2016-3-5 10:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار كەتتى!

ۋاقتى: 2016-3-5 12:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى غەزەللەرگە قۇت بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-5 12:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي !

ۋاقتى: 2016-3-5 15:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ،تەكرار-تەكرار ئوقۇپ چىقتىم.رەھمەت!!

ۋاقتى: 2016-3-6 01:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم ، ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 22:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېتەكلەش پىكىرلىرىنى ۋە مەدەتلىك ئىنكاسلىرىنى مەندىن ئايىمىغان ئەزىز مۆھتىرەملەرگە ئېھتىراملار بولسۇن!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش